ئالما iOS 9.3.5 سىستېمىسىدىكى 32 بىتلىق ئۈسكىنىلەر تۈرمىدىن قاچتى
ئالما iOS 9.3.5 بولغان سىستېمىلىق ئۈسكىنىلەر ئاساسەن قالمىغان ‹‹ يەنى ئالما 4s يانفونىدىن باشقا ››يەنى يېڭىلىنىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇستىلىرى بولغان Siguza ۋە tihmsta ئالما iOS 9.3.5 بولغان 32 بىتلىق ئۈسكىنىلەر تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالىنى ئېلان قىلدى. تۈۋەندە بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالى ئارقىلىق ئالما iOS 9.3.5 بولغان 32 بىتلىق ئۈسكىنىلەرنى تۈرمىدىن قانداق قاچۇرىمىز دېگەن تېما ئۇستىدە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىمىز...
دىققەت : ھەر ئېھتىمالغا قارشى يانفونىڭىزدىكى مۇھىم بولغان ماتېرىياللارنى ساقلىۋالغايسىز .
تەييارلىق :
1. ئالدى بىلەن ‹‹ ipa ›› ھۆججىتى بولغان ‹‹ Phoenix ›› ھۆججىتىنى چۈشرىمىز : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
2.ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالى ‹‹ Cydia Impactor›› چۈشۈرىمىز : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ !
2. يۇقىرىدا تەمىن ئەتكەن ئىككى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ بولغان بولسىڭىز . ‹‹ Cydia Impactor›› پىرېستىن يېزىشىمىز ۋە ئاندىن ‹‹ Phoenix ›› ھۆججىتىنى تارتىپ ‹‹ Cydia Impactor›› ھۆججەت ئىچىگە ئەكىرىپ بىرىمىز .
تۈرمىدىن قاچۇرۇش :
1. ئالما يانفونىمىزنى نورمال كومپيۇتېرغا ئۇلايمىز . ۋە بايا بىز چۈشۈرۈپ پىرېستىن يەشكەن ‹‹ Cydia Impactor›› ھۆججەت خالتا ئىچىدىكى ‹‹ Impactor ›› نامىدىكى ھۆججەتنى قوزغىتىمىز . ئەلۋەتتە نورمال ئۇلانغان بولسا ‹‹ Impactor ›› ئالما يانفونىڭىزنىڭ نامى بويىچە تونۇغان بولىدۇ .
2. قەدەمدە ‹‹ Impactor ›› قورالىنىڭ تىزىملىك رايونىدىن ‹‹ Device ›› دېگەننى چېكىپ ئېچىلغان تىزىملىك رايونىدىن ئەڭ ئاستىدىكى ‹‹ Install Package.. ›› دېگەننى چېكىپ بايا چۈشۈرگەنئالما ۋە ‹‹ Cydia Impactor›› ھۆججەت خالتا ئىچىگە تاشلىغان ‹‹ Phoenix ھۆججىتىنى›› تاللاپ بىرىمىز .
3. ئەمدى ئېچىلغان كۆزنەككە ‹‹ ID ›› نومۇرىڭىزنى( ئەلۋەتتە ئۆزۈڭىزنىڭ ‹‹ ID ›› نومۇرىڭىزنى كىرگۈزىسىز ) كىرگۈزۈپ ‹‹ OK ›› دېگەننى چېكىڭ !
4. ۋە يەنە ئېچىلغان كۆزنەككە ‹‹ ID ›› نومۇرىڭىزنىڭ پارولىنى ‹‹ مەخپىي نۇرىنى ›› كىرگۈزۈپ ‹‹ OK ›› دېگەننى چېكىڭ !
5.بىز ئەمدى تەرتىپ بويىچە بىز يانفونىڭىزنىڭ ( 设置) يەنى تەڭشەككە كېرىمىز ، ۋە تەڭشەك ئىچىدىن ( 通用) يەنى ئورتاققا كېرىمىز ، ۋە يەنە ئورتاق ئىچىدىن (设备管理 ) يەنى ئۈسكۈنە باشقۇرۇشقا كېرىپ ‹‹ Phoenix ››ھۆججەتكە ھوقۇق بىرىمىز .
6. يېڭى قاچىلانغان app يەنى ‹‹ prepare for jailbreak ›› چېكىمىز
7. يانفون قايتا قوزغالغاندىن كىيىن قارايدىغان بولساق يانفون ئېكرانىدا ‹‹ Cydia ›› پەيدا بولغان بولىدۇ.
ئەسكەرتمە :
1. ئەگەردە ‹‹ Cydia ›› نورمال ئېچىلماي يەنە چېكىنىپ كەتسە يېڭى قاچىلانغان app چېكىپ ‹‹ Kickstart Jailbreak ›› دېگەننى چېكىپ قايتا ئاكتىپلىسىڭىز بولىدۇ.
بۇمۇ ياخشى بوپتۇ لىكىن كونا نەشىرىگە كۈچىگىچە يېڭى نەشىرىگە كۈچىگەن بولسىچۇ بۇرۇنراق ئېلان قىلغان بولسىچۇتېلپۇنۇمنى ios10غا كۆتۈرمەس ئىدىم ipa ھۆججىتىنى پەقەتچۇشۈرەلمىدىميا ؟ ياخشىمۇسىز مەن ipaھۆججىتىنىچۈشۈرەلمەي بەكقىينىلىپكەتتىم بولساماڭابىرياردەمقىلسىڭىز تېلفۇنۇم4s ئىدى 9.3.5 تىز يول يوقاپ كەتتىغۇ سەبىيجان ipa ھۆججەتنى بۇلاتتى چۈشرۈشئادىرسىنى يوللاپ بەرسىڭىز
كونا سېستىما بىلەن ھەپىلەشمەي ، 10..نى قاچۇرسچۇ، مەنمۇ يېقىندا سېستما نەشىرىنى كۆتۈرگەن ئىدىم دوسلار قايسىڭلا ios10نى ئۇيغۇرچە خېتىنى چىرايلىق قىلدىغان فونىت با مەنبەنى بىلسىلە پەقەت تاپالمىدىم ھۆججەتنى ipa بۇ ئادىرىستىن چۈشرۈڭلار
phoenixpwn.com/
مەنمۇ ipa ھۆجەتتنى چۈشۈرەلمىدىم بولسا بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن رەھمەت! مەن ھازىر تىلفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ قىپ بولغان لېكىن تىلىفوننى قايتا قوزغاتقاندا سىيدىيا ئېچىلمايدۇ ھەمدە قاچىلىغان قستۇرمىلارمۇ يوقاپ كىتىدۇ قايتىدى ئاكتىپلىسام ئاندىن ئەسلىگە قايتىدۇ بۇ بەك ئاۋارچىلىقكەن بىرەر ئامال بامىدۇ
بەت:
[1]