uyghur يوللانغان ۋاقتى 2017-8-29 20:58:44

تىم كوك: جۇڭگودا ئايفوننىڭ باھاسىنى چۈشۈرمەيمەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-8-29 20:58

جۇڭگو ئالما شىركىتى ئۈچۈن «سىرلىق بازار»، ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى باھاسى يۇقىرى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ناچار، شۇنداقتىمۇ جۇڭگولۇقلار ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تەلۋىلەرچە سېتىۋالىدۇ.
بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى IDC نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2017-يىل 1-پەسىللىك جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.8 ئاشقان. خۇاۋېي، vivo ، OPPOدېگەندەك دۆلەت ئىچىدىكى يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئايفوندىن ئېشىپ، ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن.
ئالمىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 9 مىليون 300 مىڭ بولۇپ، 1-ئورۇندىكى خۇاۋېينىڭ يېرىمىغىمۇ يېتەلمىگەن. ئالمىنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى كىرىمى ئاساسلىقى ئايفونغا تاينىپ قالغان، ئالمىنىڭ ئومۇمى كىرىمىدە ئايفوندىن قىلغان كىرىم %70 نى ئىگىللەيدۇ. يېقىنقى ئىككى مەھسۇلاتى iPhone6S ۋە iPhone7 تە يېڭىلىق يېتەرلىك ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئايفونغا بولغان قىزغىنلىقى سۇسلاپ قالدى.
ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا ئالمىنىڭ CEO سى تىم كوك: «جۇڭگو پۇقرالىرى ئايفونغا يەنىلا ئىنتايىن قىزىقىدۇ، جۇڭگولۇقلار يېڭى بىر ئەۋلاد مەھسۇلاتىمىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىدۇ ھەم باھاسىنى چۈشۈرىشىمىزنى ئارزۇ قىلىدۇ. باھاسىنى ئەزراقلا چۈشۈرسەك جۇڭگولۇقلار تەلۋىلەرچە سېتىۋالىدۇ، ئەمما مەن ئۇنداق قىلمايمەن، باھاسىنى چۈشۈرمەيمەن» دېدى.




«نىيۇيورك گېزىتى»، «فوربىس» ، CNBC قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا ئالما شىركىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 12-كۈنى بەش خىل يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇلار iPhone 8 ، iPhone 7S، iPhone 7S Plus،يېڭى بىر ئەۋلاد Apple Watch (سائەت) ۋە يېڭى Apple TV



iPhone 8كە تولۇق ئېكران لايىھەسى قوللىنىلدۇ، فىزىكىلىق Home كۇنۇپكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، 3D ئادەم چىرايىنى تونۇش، تېز زەرەتلەش، سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ. A11 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 2700mAh لىق باتارىيە سەپلىنىدۇ. سىغىمى 64GB ،256GB ۋە 512GB ، باھاسى 6700 يۈەندىن باشلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا بۈگۈندىن باشلاپ ئۈندىدار چىقىمدانى رەسمىي جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا App Store ۋە Apple Music نى قوللىدى. بۇ App Store دىكى ھەقلىق ئەپ، ئويۇنلارنى ئۈندىدار ئارقىلىق پۈل تۆلەپ سېتىۋالىغىلى بولىدۇ دېگەنلىك. ئۆتكەن يىل 11-ئايدا Apple Store ئەلى چىقىمدانىنى (alipay) قوللىغان. ئالما بىلەن تېڭشۈن ئالدىنقى قېتىم بىر قەپەس ئېلىشقان، ھازىرغىچە ئالما نۇسخىسىدىكى ئۈندىداردا تارتۇقلاش ئىقتىدارىنى ئېچىپ بەرمىدى. ئەمدى ئۈندىداردا چىقىم قىلىشنى قوللايدىغان قىلىپتۇ. بۇ ئىككىسى زادى دوستمۇ ياكى رىقابەتچىمۇ؟

pinhan يوللانغان ۋاقتى 2017-8-31 17:30:16

ياۋ پاناھ باللا ..... كۆزەڭلىنى يۇمۇپ ئولتۇراپ ئۆزەڭلىنىڭ گىپىڭلىدىن ئۆزەڭلىنىڭ مەست بولۇپ كەتكىنىڭلارغا نىم دەي ئەمدى .
ئايفون دېگەن نىمە ؟ ئاۋال مۇشۇنى بىلەيلى . ئايفون دېگەن نوقۇل تېلفۇنلا ئەمەس بەلكى پىشىپ يىتىلگەن پەن-تېخنىكىنىڭ بىزگە تېلفۇنغا مۇجەسەملىنىپ يەتكۈزۈلىشىدۇر . سىلەر دەۋاتقان مېيزۇ، شىياۋمى تېلفۇنلار(خۇاۋېيغۇ بىر ئەخلەت) دىكى ئىقتىدار، كۆركەملىك ۋە قولايلىقنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئالما تېلفۇنغا تەقلىدلىنىپ تۇرۇپ ياكى ئىلھام ئەپ تۇرۇپ مەيدانغا كېلىدۇ . شۇنى ئېيتىپ قۇيۇش كېرەككى ئالما تېلفۇن بىزگە ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفۇن دېگەن ئۇقۇمنى ئېلىپ كەلدى ھەەم ھەر قېتىملىق يېڭى مەھسۇلاتىدا يېڭىچە بىر ئۇسلۇب ۋە يېڭى ئىقتىدارلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ . سىلەر ئىشلىتىۋاتقان تېلفۇنلاردىكى قايسى بىر ئىقتىدار ئالما تېلفۇنغا تەقلىد قىلىنىشتىن كەلمىگەن ؟ قېنى ساناپ بېرىڭلارچۇ ؟
ئالما تېلفۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى يەنىلا پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا قىززىقۇچىلار بولۇپ، ئەڭ زامانىۋى تېخنىكىلىق تۇرمۇش شەكلىدىن بالدۇررۇق بەھىرلىنىشىنى خالايدۇ خالاس .
ئەگەر بۇ يەردە ئالما تېلفۇن بىلەن خالىغان بىر تېلفۇننىڭ ئىقتىدار سېلىشتۇرمىسىنى يازىمەن دېسەم بەك ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىشىم مۇمكىن . بەلكىم بۇ توغىرلىق كىيىنچىراق يېزىپ قېلىشىممۇ مۇمكىن .
ھەركىم ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، قىزىقىشغا ئاساسەن تېلفۇن ئىشلىتىدۇ . سىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ قىزىقىشىغا باھا بېرىپ كېتىشىڭلار تېخىمۇ قىززىقتە .

Smoker يوللانغان ۋاقتى 2017-8-31 09:46:10

يەرشارىدىكى ئىقتىسادنىڭ %80تى %20ئادەمنىڭ قۇلىدا ئالما دەل شۇ %20 ئادەمنىڭ قۇلىدىكى پۇلنى ئويلىشىپ لايىھەلەنگەن . دولقۇن قادىر ئەپەندىنىڭ مۇشۇ توغراسىدا بىر سانلىق مەلۇمات تەھلىلى بار كۈرۈپ بېقىڭلا يانفۇن بازرىدا %15 بازارنى ئىگىلىگەن بىلەن پايدىنىڭ %85 تىنى ئالما ئالىدۇ .
ئالمىنىڭ باھاسىغا كەلسەك مىنىڭچە ئىقتىدار ،سۈپەت ،سىستىمىنىڭ بىخەتەر ، راۋانلىقى جەھەتلەردە يەنىلا بەك ئەرزان بىلىنىدۇ ماڭا شەخسىي قاراش

梁飞 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-31 12:24:13

مىنىڭچە ئالمىنىڭ باھاسى يوقرى بولغان بىلەن ئىقتىدارىنىڭ تاھاينى يوق ،سىستىمىنى راۋان دىيىش مومكىن ،ئەمما ھەممە يىرىدە چەكلىمە قۇلۇپ تۇرسا ئۆزىمىز خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىقتىدارنىڭ تاھاينى بولمىسا ،تىلفۇن سبزنىڭ ئەمما باشقۇرۇش ھوقۇقى ئالما شىركىتىنىڭ تۇرسا ،ئالما بىكىتكەن يولدىن سىرتىغا چىقالمىغاندىكىن ئەلۋەتتە قاتماي ئىشلەيدۇدە ،قاتتىق دىتال ۋە يېڭىلىق جەھەتتە پەقەت ئىلگىرى باسمىدى بۇ ئالما ،ئاندىرويىدتا ئىشلىتىپ نەچچە يىللار بولغان ئىقتىداردىن بىرنى قىتىپ ئانداق ئۆزگەرتىش قىلدۇقەي مانداق يېڭىلق پاتنىت ياراتتۇقەي دەپ بازارغا سىلۋاتقان ،ئەمما ئالمىدىكى يېڭىلىقنى ئاندىرويىدچىلار نەچچە يىل بۇرۇندىن باشلاپ ئىشلىتىپ يۈرگەن .

s9250 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-31 02:04:22

ياپىر پوخۋاشلارخوشياقسا ئىلىڭ خوشياقمىسا ئالمىسىڭىزلا تۈگىدىغۇ گەپنىڭ پوس كالسىنىلا دېمەيمەنچەسامسۇڭ ئەس سەككىز پەچەت

كىيىك يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 10:17:11

qeqnus يوللىغان ۋاقتى2017-8-30 08:38
دۆلىتىمىزنىڭ قاراپ ئولتۇرسىمۇ كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك...

ئىسىل بەكمۇ ئىسىل دانا گەپتىن برنى قىپسىز جۇما تورداش يارايسىز

3131446363 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 11:41:56

بەزىلەر داڭلاپ يۈرۈپ ئالما ئىشلەتكەن بىلەن جىددى پەيىتتە ئاندىروئىدتەك قولايلىق ئەمەسلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر.
جۇڭگۇنىڭمۇ3000يۈەنلىك يانفۇنلىرىمۇ ئالمىنى بىسىپ چۈشىدۇ. ھازىر پۇل تاپماق ئاسانمۇ. نۇرغۇن پۇلغا شۇ ئالمىنى
سېتىۋىلىپ بىز قانچىلىك پايدىلىنىپ كىتىمىز. ئالمىنى بىخەتەرلىكى يۇقىرى دەيمىز. ئەمما بىزنىڭ قانچىلىك بىر مەخپىيەتلىكىمىز بار.
قانچىلىك مەخپىيەتلىكىمىزنى يانفۇنغا ساقلايمىز. بىز بىخەتەرلىككە قانچىلىك تەدبىر قوللىنىمىز.
يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنايلى قىرىنداشلار. بەزىلىرىڭلارنىڭغۇ يوتقىنىڭلا ئۇزۇن، قانچىلىك پۇت سۇنساڭلار يېتىدۇ.
قالغىنىغۇ ئىختىيارىڭلار.
دۆلىتىمىزنىڭ يانفۇنلىرىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى چىقىۋاتىدۇ.ھەم تىخىمۇ ياخشى چىققۇسى.

qeqnus يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 08:38:21


دۆلىتىمىزنىڭ قاراپ ئولتۇرسىمۇ كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك ھەر تېلفۇنلىرى تۇرسا - ئالما ئىشلەتمىگەنگە بىز جۇڭگۇلۇقلار زۇكام بوپ قالمايمىز ! جۇڭگۇ يانفۇنلىرى دۇنيادا ئۆزىنى نامايەن قىلىپ ئالمىنىڭ ‹ سېسىپ › كېتىشىگە سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىغا چىدىماپتۇدە ماۋۇ چاۋاش :lol
تىم كۇكقا ئوچۇق خەت :
بولمىساڭ ئىللىق چىراي - ئاچمىغىن دۇكان - ساراي دېگەن گەپ بار ماۋۇ بىزنىڭ جۇڭگۇدا ، ئالمىڭىزنى چۈشۈرمىسىڭىزچېكىڭىزگە قىسىپ ، ئۆزىڭىز داڭلاپ ئولتۇرۇۋېرىڭ . بىز مېيزۇ ، شىياۋمى ، ئوپپو ، ۋىۋو ئىشلىتىپ ئىچىڭىزگە ھەسەت ئۇرۇقىنى ئۈندۈرۈپ يۈرىۋېرىمىز !
نۆۋەتتە مەنمۇ ئالما ئىشلىتىمەن . ئۇندىن باشقا بىر ئائىلە كىشىللىرى مېيزۇ ئىشلىتىمىز .
سىزدىن سوراپ باقسام تىم كۇك ئەپەندى ، ئالمىڭىزنىڭ مېيزۇدىن ئېشىپ چۈشكىدەك نەرى بار ؟
ئىشلىتىۋاتقىنىم مېيزۇ mx3 يانفۇنى ، بۇ يانفۇننى سىزنىڭ iphone5 بىلەن سېىلىشتۇرسام - مېيزۇغا ئۆزۈم خالىغان نەشىردىكى سىستېمىسىنى قاچىلىيالايمەن ، ئەمما ئىشلىتىۋاتقان تېلفۇنۇم ئالما5 نى 10.3.3 دىن چۈشۈرەلمەي يۈرگىلى نىكەم ؟!
ھەر ئىككى تېلفۇننى توشقۇچە زەرەتلەپ بىر كېچە ئوچۇق قويساممېيزۇدا 6% ئەتراپىدا توك خورايدۇ ، ئالمىدا 15% خورايدۇ ، ئالما بەك كونىكەن دېمەڭ تىم كۇك ئەپەندىم ، مېيزۇ تېلفۇنۇمنى ئالغاندا ئالما5 نى مەن تېخى بىلمەيتىم ...
ئالمىڭىزدا ئورۇن بەلگىلەش بار ، ئوخشاشلا مېيزۇدىمۇ بار ! مېيزۇدا تېخى ئوغرىغا ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بېرىش ،ئوغرىنىيۇشۇرۇن سۆرەتكە تارتىش ئىقتىدارى ئارتۇق . بۇنىڭغا نىمە دەيسىز ؟!
ئالمىنىڭ سۈرئىتى تېز ؟ - 7 مىڭ سوملۇق ئالمىنىڭ سۈرئىتىنى دۆلىتىمىزنىڭ 3 مىڭ سوملۇق تېلفۇنلىرى بېسىپ چۈشىدۇ ، ئىشەنمىسىڭىز بىرەر تالدىن مېيزۇ ، شىياۋمى ، خۇاۋېي .... سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ بېقىڭ ! تازنىڭ نىمىسى بار دىسە ئىككىلىك تۈمۈر تارغىقى دەپتىكەن ، شۇنىڭدەك ئۆزىڭىزنىڭ ئالمىسىنى ئىشلىتىۋېرىپ ئۆزىڭىزنى - ئۆزىڭىز داڭلاپ يۈرىۋەرمەي .....
دەرۋەقە ئايفۇن ئېكران سۈزۈكلىكى ، سىستېما راۋانلىقى ، ئەپلەرنىڭ مۇقىملىقى ...دېگەندەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بىزلەرنىڭ ياختۇرىشىمىزغا ئېرىشتى ، لېكىن بۇلار بىز جۇڭگۇلۇقلارنىڭ چوقۇم ئالمىنى تاللايدىغىنىمىزغا سەۋەب بولالمايدۇ !
تېلىفۇن بازىرىدىكى ‹ نادان › لىق ئۆتۈپ كەتتى تىم كۇك ئەپەندى ، ھازىر جۇڭگۇدا قىسمەن ساندىكى ‹ ئالما › سىنى پەش قىلىدىغان نايناق خېنىملاردىن باشقا كىشىلەر ، بولۇپمۇ ئەرلەر ئالمىڭىزنى تاللىماسلا بولدى ... ئالمىڭىزنىڭ باھاسىنى چۈشۈرسىڭىزمۇ بۈگۈنكى بازاردا قانداق بولاركىن - تاڭ جۇمۇ ......
يۇقارقىلارنى يېزىپ سىزنىڭ جۇڭگۇ بازىرىدا باھا چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمايمەن ، يوتقانغا قاراپ پۇت سونىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . جۇڭگۇ بازىرىدا ئالما بولسا - بولمىسا بەرىبىر .....
----------------------------------
;P

燕山灰狼 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-29 21:07:20

ئالمىنىڭقاچان قوزغۇتۇلغانرىمنۇتقا چۈشكەنمۇ يوق، سۈپەت كاپالىتى قانچىلىك قالدىشۇلارنى ئىنىق تەكشۈرگىلى بۇلىدىغان تور بەت بامۇ دىتال بولسىمۇ بۇلىدۇ دەپ بەرسەڭلا

tursun1994 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-29 22:43:36

پۇچۇقئالمىنىڭئۇيغۇرچىنىچىرايلىقراقتۇنۇسائاندىنئويلىشامەن،ئاخسالىقابىرنەرسە   كىرەككەكەلمەيدۇ،ۋاقتىكەلگەندەشىياۋىچىلىكبولسىچۇ

جاھاندار يوللانغان ۋاقتى 2017-8-29 22:55:22

چۈشۈرمىسە بىز يەنىلا ئاندىريدوت ئىشلىتىمىز

alipalim يوللانغان ۋاقتى 2017-8-29 23:22:54

سىز ئايفۇن باھاسىنى چۈشۈرمىسىڭىز مەنمۇ سىز باھاسىنى چۈشۈرگەنگە قەدەر ئايفۇن سېتىۋالمايمەنتىم كۆك ئەپەندى
سىزنىڭ پۇزىتسىيەرىڭىز قاتتىق بولسا مىنىڭ پۇزىتسىيەرىم بەك يۇمشاق

appchi يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 01:33:48

alipalim يوللىغان ۋاقتى2017-8-29 23:22
سىز ئايفۇن باھاسىنى چۈشۈرمىسىڭىز مەنمۇ سىز باھاسىنى چ ...

مەنمۇ دەل سىزدەك قاراشتا ، تىم كۇك ئەپەندىم بارغانسىرى ئاخسالىشىپ كىتپارىدىغۇ زادى …

karvan56 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 09:11:09

ئالما ئالمىساقمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمۇغىدەك يانفۇنلار تۇرسا شۇنى ئالىمىزدە!

دۇردان يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 09:20:01

بۇ ئادەم ئانچە ئەقىللىق ئەمەسكەن ،ھازىر بازار رىقابىتى كەسكىن تۇرسا ئۇنداق قىلسا يانفۇن بازىرىدىكى ئىناۋىتى بولغان بىلەن ،بارا بارابازاردىكى ئورنىنى ئەنجۈرگە تارتقۇزۇپ قويىدۇ بۇ خەق

dana2013 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 09:23:28

سامسۇڭ مەن كۆپ ساتتىم دىسە،ئالما كۆپ پايدا ئالدىم دەۋاتاتتى،بۇلار ئالمىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشى تەس جۇمۇ ،جوڭگۇدىكى سېتىلىشى تۆۋەنلەپ كەتكەندىن كىيىن نىشاننى ھىندىستانغا يۆتكىدى،ھىندىستاندىكىلەرنى سۈزىدىغان ۋاقتى كەلگەن بولسا كىرەك،

UdUnOhLi يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 09:52:01

ئۇدۇن ئوغلى: «ئالمىنىڭ باھاسى شىياۋمىچىلىك بولغىچە مەنمۇ ئالما ئىشلىتىشنى ئويلاشمايمەن»

3131446363 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 11:37:11

تىم كوك ئەپەندىمۇ ئالىپ تورىدا بولغان بولسا ھە . ئىنكاسلارنى كۆرسە يىغلىۋىتەرمۇ ھە   (تازا كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

1589728092 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 12:16:24

تىم كۇك ئەپەندىم نەزىرىنى ھىندىستانغا قاراتقان بولسا بۇ ياخشى، لىكىن ھىندىستاندا جۇڭگودىنمۇ ئىغىر ئاقىۋەتكە قىلىشى مۇمكىن ،قورسىقىنى ئاران توقلاپ ،بەزىدە ئاغرىپ قالسا داۋالانغىلى پۇل يوق ،ئامالسىز قالىدىغان ھىندىستانلىقلار كاناي ياغلىغىلى ياغ يوق سۇنناي ياغلىغىلى ياغ نەدە دىگەن تەمسىلنى بىلىدۇ،ھازىر ھىندىستان بازىرىدا جۇڭگو يانفۇنلىرى يىرىمدىن كۆپرەك بازارنى ئىگىلەپ بولدى،ئالما كىرىپ بولغۇچە بۇلارمۇ قاراپ تۇرماي ئالغا ئىلگىرلەيدۇ،ئىشقىلىپ بۇ خام خىيالىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئىشىشى تەس جۇمۇ.
بەت: [1] 2 3 4
: تىم كوك: جۇڭگودا ئايفوننىڭ باھاسىنى چۈشۈرمەيمەن