uyghur يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 12:15:04

9-ئايدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى كەزمە ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدۇ

تۆنۈگۈن جۇڭگو تېلېگىراف شىركىتى،جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن ئىبارەت دۆلىتىمىزدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇردىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئەسىلدىكى پىلاندىن بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈلدى.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، باش ئىنژېنېر جاڭ فېڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى : سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى خىزمەتنىڭ ياخشى ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىن يولغا قويۇش پىرىنسىپى بويچە ئۈچ ئاساسىي خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ. ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى ھازىر سىستېمىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، نىشاننى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرماقچى.
بۇ يىل 3-ئايدا جۇڭگو تېلېگىراف شىركىتى،جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىرلىكتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققى ۋە كەزمە ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇردىغانلىقىنى ئېيتقان.
دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق كەزمە ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە تېلېفون قوبۇل قىلىش، تېلېفون ئۇرۇشتا كەزمە ھەققى ياكى ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققى ئېلىنمايدۇ. يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بويچە ھەق ئېلىنىدۇ.

tog_rak يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 12:52:43

چاڭتو دىگەن گەپ يوقامدىكەن ئەمدى؟

这不是梦想 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 12:59:49

بۇ ياخشى سىياسەت بوپتۇ

AXEK007 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 13:21:16

بۇ سىياسەت بەك ياخشى يۇلغا قۇيۇلۇپتۇ
ئەمدى شەھەر ئچى شەھەر سىرىتى دىمەي سوزلىشىدىكەن مىز دە ئەمدى

تىلەك يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 13:21:35

تور باھاسىنىمۇ تۆۋەنلەتسە بولاتتى

ئۆتكور يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 13:21:40

نىمە ئۇ چاڭتۇ دىگەن؟

fffffffffffffff يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 13:40:31

تىما ئىگىسى تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ كەچۈرگەيسىز، ھازىر ھەر قايسى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە كىملىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن كىرسەك، بەكلا ئۇزۇن ئۆچرەت ساقلايدىكەنمىز، دىتال ياسايدىغان ئۇستازلارنىڭ مۇشۇ كىملىك قەرىزىنى تەكشۈرەلەيدىغان ئەپتىن بىرەرنى ياسىغان بولساڭلار ھەممەيلەنگە بەك ياخشى بۇلاتتى

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 14:23:12

كىملىك قەرزى دىگەن نىمە گەپ ئۇ؟ چۈشەنمەيلا قالدىمغۇ؟

1473232480 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 14:35:20

ئۇنداقتا شەھەر ئىچى شەھەرسىرتى دىمەيدىكەندە   ياخشى بوپتۇ

fffffffffffffff يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 14:50:38

elbilge يوللىغان ۋاقتى2017-7-28 14:23
كىملىك قەرزى دىگ ...

سىز ھەر قايسى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە كىرىپ ، كىملىكىڭىزنى بىرىپ ، كىملىكىمنى تەكشۈرۈپ بىرىڭ دىسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ نامىدا قانچىلىك كارتا بىجىرگەن، قانچىلىك قەرىزى بارلىقى چىقىدىكەن

uyghurum131 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 16:39:11

   ئۇنداق كىملىككە قانچە تال كارتا بىجىرىلگەن؟ قانچىلىك قەرزى بار؟… دىگەندەكلەرنى تەكشۈرىدىغان ئەپنى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئىگە بولۇپ چىقارمىسا شەخس چىقىرالامدۇ؟…

   تورداشلاردىن كىچىككىنە بىر مەسىلىنى سوراپ باقسام، بىلىدىغانلار جاۋاب بەرسەڭلار !!!   گولدباخ قىياسى دىگەن نىمە دىگەن گەپ؟

1529657456 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 16:48:04

دۆلىتىمىزدە مۇشۇ ئۈچ خەۋەرلىشىشتىن باشقاخەۋەرلىشىش شىركەتلىرى يوقمۇ

3131446363 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-28 18:47:30

بار، تۆمۈريول خەۋەرلىشىش، تور خەۋەرلىشىش،    يەنە بىر چاغدا چىققانئۇيغۇر تورخەۋەرلىشىش 维通 قاتارلىقلار بار،

1529657456 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-29 01:03:34

3131446363 يوللىغان ۋاقتى2017-7-28 18:47
بار، تۆمۈريول خە ...

لېكىن تەرەققى قىلالمىغان ئوخشايدۇ ھە

kara-burkut يوللانغان ۋاقتى 2017-7-29 01:57:42

مىنىڭ كىملىكىمنى تەكشۈرتكەن ئىدىمئىككى دانە كارتا مەن ئىشلەتكەن چىقتى قالغان يەتتە سەككىز كارتا مەن ئىشلەتكەن بىجىرگەن ئەمەسھىساپلاپ باقسام ئۇمۇمىي سوممىسى سەككىز مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىپتۇبىلدىغانلار بولسا ئىنكاس يېزۋەتسەڭلار قايسى ئورۇن دەردىمىزنى تىڭشار؟
بەت: [1] 2
: 9-ئايدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى كەزمە ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدۇ