tormahiri يوللانغان ۋاقتى 2017-7-30 19:14:24

بۈگۈندىن باشلاپ سىزمۇ توربەت ياسىيالايسىز(1-قىسىم)



مۇقەددىمە

ئىنتىرنىت تورىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئىنتىرنىت تورى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا،ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلمىسىغا قولايىلقىلارنى ۋە زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلدى، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى سودا شەكللىرى ئېلىكتورونلۇق سودىغا ئالمىشىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىرقىسىمىغا ئايلاندى،كىشىلەر ،كارخانىلار دۇنياۋى شىركەتلەر ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق تونۇشتۇرۇپ ئىستىمالچىلارغا ئىرىشىش ئارقىلىق دۇنياۋى سودا گەۋدىسنىڭ بىرقىسمى شەكلىدە ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشىۋاتىدۇ.
مۇقەددىمىدە سۆزلەنگەن بۇ مەزمۇن ئىنتىرنىتنىڭ كىچىك بىر تەرىپىنى ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇپ ،ئەمىليەتتە ئىنتىرنىت ناھايتى چوڭ بىلىم ئامبىرى ، قانۇنلۇق ھالدا ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ئىھتىياجلىق نەرسىلەرگە ئىرىشلەيمىز قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىغان ئاستا ئىنتىرنىت توردىن كۆپ پايدىغا ئىرىشەلەيمىز ،مەسىلەن ئۆزىمىزنىڭ كەسپىگە ئائىت ماتىريال ،ئۇچۇرلار قاتارلىقلار،بۇيەردە گەپنىڭ ئۇزىراپ كىتىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ناھايتى تار دائىردىكى قىسملىرى يىزىلدى.

مەقسەتكە كەلسەك بۇيەردە بايان قىلىنغان ئىنتىرنىت ئۇقۇمى ئابسىتراكىت بولۇپ ،زادى قانداق بولۇپ كىشىلەر ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق قولايلىقلارغا ئىرىشىدۇ دىگەندە ئىنتىرنىتنىڭ تۆۋەن قاتىلىمىغا تەۋە بولغان ئېلىكترونلۇق دوكۇمىنىت يەنى بىزنىڭ تىلىمىز بويىچە توربەت ياساش ئۇچۇلارنى توربەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

خوش ئۇنداقتا توربەت قانداق ياسىلىدۇ ؟بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدىن تەلەپ قىلنىدىغان شەرتلەر قايسىلار؟

توربەت بولساپىروگىرامما تىلى ئارقىلىق ياسىلىدىغان بولۇپ،بۇ پىروگىرامما توپلاملىرى كومپيۇتېردا ئىجرا بولۇش ئارقىلىق توربەت مەيدانغا كىلىدۇ،بۇ ھالقىلار ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ،توربەت ياساش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېرنىڭ ئاساسى مەشغۇلات قىسمىغا پىششىق بولۇشىدىن سىرت توربەت ياساشقا خاس بولغانپىروگىرامما تىلىدا مەخسۇس تەربىيلەنگەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن كىشلەر ئىقتىساد ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇنداق قابىليەت ۋە ماھارەتكە ئىگە بولالايدۇ،ھالقىلىق مەسىلە نەدە دىگەندەك ئۈگىنىش ئارزۇسى بولسىمۇ ئەمما ئىقتىساد ياكى باشقا ئامىللار سەۋەبلىك بۇ تېخنىكىنى ئىگەللەش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.شۇنداقتىمۇ ۋاز كەچمەي ئاخرىئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىش يولىنى تاللايدۇ.بۇ تاللىغنى توغرا ئەمما مۈشكۈل بىرجايان نىمىشقا؟ئۈستىدە بايان قىلىنغاندەك توربەت ياساش مۇرەككەپ بولغان ئىنچىكە ھالقىلارغا تولغان بولۇپپۇختا پىروگىرامما تىلى بىلىمىگە تايانىدىغان بولغاچقا كۆپىنچە 98%كىشلەر ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىدۇ،ھەمدە مۇۋەپپىقيەت قازىنالمايدۇ،ياكى ياخشى بولغان ئۈگىنىش ئۇسۇلىغا ئىرىشەلمەيدۇ.
ئەمما سىز بۇساھەگە قىززىقىدىغان بىرى بولسىڭىز ئەنسىرىمەڭ ،بۇ مەسىلە بۆگۈندىن باشلاپ ھەل بولۇشى مومكىن،بۆگۈندىن باشلاپ سىزمۇ توربەت ياساش تېخنكىسىنى ئىگەللەپ كۈتۈلمىگەن پۇرسەتلەرگە ئىرشىشىڭىز مومكىن.دىققتىڭىز داۋاملىق ئاستدىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.

توربەت ياساش تېخنكىسنى ئىگەللەش ئاسان ئەمەسكەن،ئۇنداقتا ئاسانراق ھەل قىلىش چارىسى بارمۇ؟ئەلۋەتتە بار.

دۇنيادا تالانىت ئىگىلىرى ناھايتى كۆپ شۇلارنىڭ تۆھپىسىگە رەھمەت ئيتالماي تۇرالمايىمىز،تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزلۈكسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان كىشىلەر تېخنىكا ئىگەللەش يوللىرنى قولايقلاشتۇرۇپ كىشىلەرنىڭ تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە قولاي ئۇسۇللارنى ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ.
توربەت ياساش تېخنىكسى دەل مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز تەرەقىقى قىلىۋاتقان ئۈگىنىش ئۇسۇللىرى ئاددىيلىشىۋاتقان تېخنىكىلارنىڭ بىرى بولۇپ،تالانىت ئىگىلىرى تېخنىكا تۆھپكارلىرى توربەت ياساش تېخنىكىسدىكى پىروگىرامما قاتلىمىنى ئابىسىتراكىتلاشتۇرۇپ(ئابسىتراكىتلاشتۇرۇش :نورغۇنلىغان كۈچ سەرىپ قىلىدىغان جەريانلارنى ئاددى ئۇسۇلغا ئەكىلىپ ئىشلەتكۈچىدىن يوشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ)ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ توربەت ياساش تېخنكىسى ساھەسىگە يۈرۈش قىلىشىغا بۇ ساھادە تەرەققى قىلىشنى، بۇ ساھەدە تەرەققى قىلىپ ئىقتىسادى قىممەتكە ئىرىشىش يوللىرىنى كىڭەيتىۋاتىدۇ.
كونكىرت چۈشەنمەكچى بولسىڭىز دىققىتڭىز داۋاملىق ئاستىدىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن

تالانىت ئىگىلىرى توربەت ياساشنى قانداق ئاسانلاشتۇردى ؟

تېخنىكا ئارقىسىدىكى بۇ تالانىت ئىگىلىرى توختىماستىن ئىزدىنىپ توربەت ياساش ئۈچۈن قوللىنىدىغان پىروگىرامما قۇرۇلمىلىرىنى رامكىلاشتۇرۇپ چىقىپ ھەقسىز ھالدا كىشىلەرنىڭ قوللىنىپ توربەت ياسىشىى ئۈچۈن تارقاتتى.رامكىلاشتۇرۇش دىگەننى توربەت ياساشتا قوللىنىدىغان قۇرۇلمىلارنىڭ توپلاملىشىشى دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ .شۇنىڭ بىلەن كەسپى سەۋيەگە ئىگە بولمىغان كىشىلەرمۇبۇ رامكىلارنى ئىشلىتىپ توربەتلەرنى ناھايتى تىزسۈرئەتتە ياساپ چىقتى.مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش يوللىرى كىڭەيدى ئەمما ئىشلەپ چىقىرىش ۋاقتى قىسقاردى،بۇنىڭ بىلەن توربەت ياساش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئىقتىسادى قىممەت ۋە ۋاقىت ئۈنۈمىگە ئىرىشتى.شۇنداقلا كەسىپى سەۋيەگە ئىگەن بولغان كىشىلەرمۇ بۇ رامكىلارنى تاللاپ توربەت ياساش خىزمىتىغا ئىشلەتتى،ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى بولدى،بۇ رامكىلارنى ئىشلەپ چىققان تېخنىكا شىركەتلىرى ياكى يەككە شەكىس ھالەتتىكى ياكى ئەترەت ھالەتتىكى تالانىت ئىگىلىرىبۇ رامكىلارغا ھەرخىل ئىسىملارنى قويدى،مەسىلەن bootstrap,foundation,uikit,semantic ui دىگەندەك،بۇ رامكىلار توربەت ياساش خىزمىتىغا نورغۇن قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى ،1 ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىرىشىدىغان ئۈنۈمگە 15 كۈندە ئىرشىلەيدىغان، ھەپتە سەرىپ قىلىپ پۈتتۈردىغان توربەتنى 3 ياكى 1 كۈندە پۈتتۈرۈپ چىقالايدىغان بولدى ھەمدە بولۇۋاتىدۇ. بۇ رامكىلار ئىشلەتكۈچىدىن ئالاھىدە بىلىم تەلەپ قىلمايدىغان بولۇپ پەقەت رامكىلارنىڭ قوللانمىسى بويىچە مۇۋاپىق كودنى كود يېزىش دېتاللىرىغا كۆچۈرۈپ ئىجرا قىلسا ئۈنۈمگە ئىرىشەتتى،ئەمما بۇيەردە يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر پەيدا بولدى،توربەت مەزمۇننىڭ يەرلىكلىشىش مەسلىسى ئوخشىمايدىغان تىل يىزىق سېستىمىسى ئوتتۇرىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ يۆلىنىش قۇرۇلمىسنى ماسلاشتۇرۇپ يەرلىكلەشتۈرۈش ئاۋارچىلىقى پەيدا بولدى،بۇيەردىكى يەرلىكلەشتۈرۈش قۇرۇلمىلارنىڭ يۆلىنىشى ماسلاشتۇرۇش دىگەنلىك خەنزۇچە ئىنگىلزىچە مەزمۇنلارنىڭ ۋە باشقا يىزىق سېستىملىرىنىڭ سولدىن باشلىنىپ ئىپادىلنىشى ،ئۇيغۇرچە يەھۇدى ۋە ئەرەب يىزىقلىرىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۆلنىشى بويىچە ئىپادىلنىشى بويىچە بىرتەرەپ قىلىپ نورمال كۆرسىتىش دىگەنلىك بولۇپ user interface ئېلمىتنلىرىنىڭمۇ يەرلىكلىشىشى كىرەك ئىدى.ئۈستىدە تىلغا ئىلىنغان بۇ رامكىلار سول تەرەپ يىزىقنى ئاساس قىلغان قۇرۇلمىلارغا ناھايتى ياخشى ماسلاشتى ۋە ياخشى قوللىدى ،ئەمما ئوڭ تەرەپ يىزىقنى ئاساس قىلغان يىزىق سېستىمىغابولغان ماسلىشىشى يوق بولۇپ چىقىتى.ئادەتتىكى كىشىلەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىمكانىيتى بولمىدى،كەسپى سەۋيەگە ئىگە بولغان يۇمشاق دېتال ئىنژىنلىرى ھەل قىلدى،ئەمما ئۇلار نورغۇن ۋاقىتنى قۇرۇلمىلارنى توغۇرلاش ئۈچۈن سەرىپ قىلدى،ئۇلار بارا-بارا بۇ ئىشنىڭ ئاۋارچىلىقنى ھىس قىلىپ زىرىكتى ھازىرمۇ شۇ زىركىش ئىچىدە كىتىپ بارماقتا.
ھالقىلىق يىرى ھەل قىلغانلار پەقەت ئۆزىلا يالغۇز ئىشلەتتىكى ياكى مەلۇم بىردائىرىنىڭلا پايدىلنىش ئىماكنىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى .

ھەقيقى مەقسەتكە كەلسەك بۇ ئىشلار سەۋەبىدىن ئوڭ تەرەپ قۇرۇلمىسىنىمۇ قوللايدىغانئادەتىكى كەسپى سەۋيەگە ئىگەن بولمىغان كىشلەرنىڭمۇ توربەت ياساش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولالايدىغان ۋە ئۈگىنىش ئاسان بولغان بىرتوربەت ياساش رامكىسى مەيدانغا كەلدى.
بۇ رامكىنىڭ ئىسمىنى bp بولۇپ ئىنگىلىزچە تولۇق ئىسمى bp-frameowrk دەپ ئاتالدى،بۇ رامكىنى شىنجاڭ بىلپاك ئېلىكترون سودا مەسئۇليەت چەكلىك شىركىتى قارمىدىكى بىرئەترەپ نەچچە ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بارلىققا كەلتۈردى.
شۇنىڭ بىلەن نورغۇن مەسىلىلەر ھەل بولدى.نە ئوڭ تەرەپ قۇرۇلمىسىغا باش قاتۇرۇش نە ui قۇرۇلمىسىنى ئوڭغا توغۇرلاش دىگەندەك ئاۋارچىلىقلار يوق بولدى دە، توربەت ياساش ئاسانلاشتى،بۈگۈندىن باشلاپ سىزمۇ بۇ رامكىنى قوللىنىپ توربەت ياساش تېخنكىسىغا ناھايتى ئاسانلا ئىگە بولالايسىز،مەھسۇلات بەتلىرىڭىزنى ياساپ چىقالايسىز.دۇنيا بىلەن مەھسۇلاتلىرڭىزنى ئورتاقلىشىش پۇرسىتىگەئىرىشەلەيسىز.

بۇ رامكىنىڭ   ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكى ئادرىستا تەپسىلى يىزىلغان.

http://bp.billpak.com


كىچىككىنە دىققەت:

بۆگۈندىن باشلاپ سىزمۇ توربەت ياسىيالايسىز ناملىق بۇ ماقالىنىڭ بىرىنجى قىسمى مۇشۇيەردە تۈگىدى,كىينكى قىسىمدا بۇرامكىنى قانداق قوللىنىش ۋە قانداق ئىشلىتىش توغۇرلۇق تەپسىلى چۈشەنچىلەر شۇنداقلا بۇ رامكا ئارقىلىق مەلۇم توربەت كۆرۈنمە يۈزىنى لايىھلەپ چىقىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئىلان قىلىنىدۇ.
دىققىتىڭىز بۇ ماقالە داۋامىدا بولسۇن.

daran يوللانغان ۋاقتى 2017-8-4 00:47:05

sublime text 3 نى ئىشلىتىشنى بىلمىسەكمۇ بولامدۇ بۇ سېستىمىنى كومپىيوتېرىمغا چۈشۈرۋالدىم بىراق ئىشلىتىشنى بىلمەيمەندە يەنە بىرسى bpرامكىسنى ئورنىتىش دەرسى(سۈرەتلىك) دىگەن بىلەن 5 مىنۇتتا بىر بىلوگ بەتنى ياساش(سۈرەتلىك) دىگەن سۈرەتلىك دەرسلىكتە ئوخشاشلا توربەتنى تىز ياساشنىڭ ئېلانى چىقىدىكەن ئەمما دەرسلىك چىقمىدى

mogana يوللانغان ۋاقتى 2017-7-30 19:38:16

bp-frameowrk دىكى كودلارنى ئۆزۈڭلار بىر قۇللۇق 0 دىن باشلاپ يازدىڭلارمۇ؟

tormahiri يوللانغان ۋاقتى 2017-7-30 20:38:17

دوسلار ئۆزەڭلارنىڭ كود يېزىشىغا پايدىسى بار سۇئالنى سورىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ،مەسىلەن :
ئىزدەش رامكىسى چىقارماقچى بولساق قانداق قىلىمز،كونۇپكا چىقارماقچى بولسڭىز قايسى كودنى يازىمىز دىگەندەك....

dostak يوللانغان ۋاقتى 2017-7-30 21:58:23

tormahiri يوللىغان ۋاقتى2017-7-30 20:38 static/image/common/back.gif
دوسلار ئۆزەڭلارنىڭ كود يېزىشىغا پايدىسى بار سۇئالنى س ...

دۇرۇس ئىيتتىڭىز.
داۋامىغا تەققەززارمەن.

keysarjan يوللانغان ۋاقتى 2017-7-31 00:14:11

bootstrap تەك كۆپ خىل مۇدىللارنىڭ قۇشۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

baywatqa0997 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-31 01:05:07

ناھايىتى ياخشى مەزمۇن ىكەن رەھمەت.

tormahiri يوللانغان ۋاقتى 2017-7-31 11:39:52

keysarjan يوللىغان ۋاقتى2017-7-31 00:14
bootstrap تەك كۆپ خىل مۇدىللارنىڭ قۇشۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ...

بولىدۇ،داۋاملىق قوشۇلىۋاتىدۇ

ansar630 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-31 11:56:33

BP رامكىسى غا كىچىككىنە پىكىر:بىىرىنچىدىن ئىملا خاتالىقى مەۋجۇتكەن . سىلەرگە ئوخشاش كەسپى ئۇرۇنلاردا بۇنداق مەسىلە كۆرۈلمىسىىكەن دىگەن ئۈمۈتتىمەن .
ئىككىنچىدىن باش بەتتىكى دېتال چۈشۈرۈش ئادرىسىغا تەمىنلىگەن ئادرېستىكى توربەت پاكىزە تور بەت ئەمەسكەن . بىلمەيدىغانلار ئاسانلا باشقا نەرسىلەرنى چۈشۈرۈپ قويىدىكەن . ئەسلى دېتالنىڭ ئورگان چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرساڭلار ياخشى بولاتتى . پىكىرىمنى توغرا قۇبۇل قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك بولغانلىرىنى ئۆزگەرتىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىىلىمەن .

جاھاندار يوللانغان ۋاقتى 2017-7-31 14:59:20

ئىسىل

tormahiri يوللانغان ۋاقتى 2017-7-31 15:46:57

ansar630 يوللىغان ۋاقتى2017-7-31 11:56
BP رامكىسى غا كىچىككىنە پىكىر:بىىرىنچىدىن ئىملا خاتا ...

بۇ ئىشىقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتىمىز.پىكىرىڭلارغا رەھمەت.ئەسلى چۈشۈرۈش ئادرىسنى قالدۇرمىساقمۇ بەيدۇدىن ئىزدەپلا چۈشۈرۋالالايدىغان كود تەھرىرلەش دېتاللىرى ئىدى،بىراق ۋەزىيەت شۇنىڭغا مەجبۇرلاپ قويدى،نىمىشقا دىگەندە كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىمىزنىڭ سەۋيەسى ناھايتى تۆۋەن بولۇپ تۆۋەن قاتلاملىق ئىشلەتكۈچىنى كۆزدە تۇتقاندا ئاغزىغا سالغۇدەك قىلىپ تەييارلاپ بەرمىگەندە بۇنى قىلىش ئىمكانىيتى بولمايدۇ،ئۇتوربەت ناھايتى ياخشى نەخ ئادرىسى بىلەنلا تەمىنلەيدىغان توربەت،ئارتۇق چۈشۈك نەرسە يوق،ئورگان بەت ھەممىسى ئىنگىلىزچە كەسپى سەۋيەدىكىلەرلا ئىنگىلىزچە توربەتتىن دېتالنى چۈشۈرەلىشى مومكىن.

tormahiri يوللانغان ۋاقتى 2017-7-31 15:49:52

ansar630 يوللىغان ۋاقتى2017-7-31 11:56
BP رامكىسى غا كىچىككىنە پىكىر:بىىرىنچىدىن ئىملا خاتا ...

ئىشلەتكۈچىگە نىسبەتەن سۇئال قويغاندا،سىلە بۇ ساھەدىمۇ؟ ،بۇنىڭ ھەقيقى يادرولۇق قولايلىقلىردىن پايدىلنىپ نمە ئىشلارنى قىلالىغۇدەكسىلە؟ ياكى بۇ رامكا سىلىنڭ قانداق مەسىلەڭلارنى ھەل قىلىشقا ياردىمى تىگىدىكەن؟

1234567 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-31 21:06:50

مەندە توربەت ياساش ئۇيغۇرچە دەرسلىكى با،لىكىن بەزى ئورۇنلىرى مۈجىمەلكەن،چۈشىنەلمىدىم

tormahiri يوللانغان ۋاقتى 2017-7-31 23:16:36

1234567 يوللىغان ۋاقتى2017-7-31 21:06
مەندە توربەت ياساش ئۇيغۇرچە دەرسلىكى با،لىكىن بەزى ئو ...

ماقالىنىڭ داۋامىدا توربەت ياساش توغورلۇق تېخىمۇ تەپسىلى بولغان،چۈشىنىشكە ئوڭاي مەزمۇنلار چىقىدۇ،دىققەت قىلغايسىز.

wrs工作室 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-1 08:48:26

مېنىڭچە بۇنىڭغا ھەقىقەتە كۆپ كۈچ چىقىرىپسىزلە ،بەك چۈشۈنۈپ كەتمىسەممۇ چوقۇم نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرگىنىڭىزلەنى ھېس قىلدىم .توربەت قۇرۇشقا مەنمۇ بەك قىزىقاتتىم ،ئەگەر توربەت قۇرۇش راسلا بەك تەس بوممىسا بىر سودا ،ئۇچۇر توربېكىتى قۇرۇپ باقسام دەيمەن.

mawlan001 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-1 12:50:30

بەك پەيزى ئىش بوپتۇ سىلەرنى تەقەززا لىق بىلەن كۈتىمىزقۇلۇڭلارغا دەت بەرمىسۇن
بەت: [1] 2
: بۈگۈندىن باشلاپ سىزمۇ توربەت ياسىيالايسىز(1-قىسىم)