uyghur يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:59

ئالما iPhone X/8/8 Plus رەسمىي ئېلان قىلىندى

بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر 1 دە ئالما شىركىتى ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى باش شىتابىنىڭ جوبىس تىياتىرخانىسىدا يېڭىدىن ئۈچ خىل ئايفوننى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالما دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش نەشىرى iPhone X مۇ بار.

iPhone X كە ئالىي دەرىجىلىك پۈتۈن ئېكران، چىراي تونۇش، AR قوش كامېرا قاتارلىق «قارا تېخنىكا» ئىشلىتىلگەن. iPhone 8 ۋە iPhone 8 Plus بولسا iPhone 7 ۋە iPhone 7 Plus نىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نەشىرى. ئەممە يورۇق نۇقتىلىرى ئاز ئەمەس.

iPhone X نىڭ 64GB نىڭ نەشىرى 8388 يۈەن، 256GB نەشىرنىڭ باھاسى 9688 يۈەن. 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالدىن زاكاس قۇبۇل قىلىنىپ، 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ.
iPhone 8 نىڭ 64GB نىڭ باھاسى 5888 يۈەن، 256GB نىڭ باھاسى 7188 يۈەن. iPhone 8 Plus نىڭ 64GB لىق نەشىرنىڭ باھاسى 6688 يۈەن، 256GB لىقنىڭ باھاسى 7988 يۈەن. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى زاكاس قۇبۇل قىلىنىپ، 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ.



iPhone X قا ئەنئەنىۋى قوش ئەينەك ۋە مېتال رامكا لايىھەسى ئىشلىتىلگەن. 10 يىل ئىشلەتكەن Home كۇنۇپكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بارماق ئىزى تونۇش سېنزورى Touch ID مۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭىدىن3D چىراي تونۇش سېنزورى Face ID ئىشلىتىلگەن. چىراي تونۇتۇپ يانفون قۇلپىسنى ئېچىشقا، apple pay دا چىقىم قىلىشقا بولىدۇ. 3D قوش كامېرا+ئىنفىرا قىزىل نۇر قاتارلىق سېنزورلار ئالدى تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



ئېكرانى 5.8 دىيۇملۇق 2436×1125ئېنىقلىقتىكى AMOLED ئېكران. True Tone كۆرسىتىش تېخنىكىسىنى، HDR 10 ۋە 3D Touch نى قوللايدۇ. پۈتۈن ئېكران بولغاچقا 5.5 دىيۇملۇقiPhone 8 Plus تىن كىچىك.




iPhone X كە A11 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن. A11 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ 10 نانومېتىرلىقFinFET تېخنىكىسىدا ياسالغان ئۆزەك.A10 گە قارىغاندا %25 تېز، GPU سى %30 تېز. كۇۋالكوم 835 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچتىن ئېشىپ كېتىدۇ. A11 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا يەنەAR نى قوللاش ئىقتىدارى قوشۇلدى.





iPhone X نىڭ كەينىگە 12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا ئىشلىتىلدى. ئوپتىكىلىق تىتىرەشتىن ساقلىنىشنالايدۇ. ئالدىغا 7 مىليون پىكسېللىق كامېرا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان.
سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارى بار، توكنىڭ يېتىش ۋاقتىiPhone 7 گە قارىغاندا ئىككى سائەت ئۇزۇن.



iPhone 8 ۋە iPhone 8 Plus بولسا iPhone 7 ۋە iPhone 7 Plus نىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نەشىرى. مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى A11 كە كۆتۈرۈلدى. سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى. باشقا يەرلىرى iPhone 7/7 Plus كە ئاساسەن ئوخشايدۇ. Home كۇنۇپكىسى ساقلاپ قېلىندى. چاڭ-تۇزاندىن، سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ.



iPhone 8/8 Plus كە ئەنئەنىۋىLCD ئېكران ئىشلىتىلدى. iPhone 8 نىڭ ئېكرانى 1334x750P ئېنىقلىقتا4.7 دىيۇم؛ iPhone 8 Plus نىڭ ئېكرانى 1920x1080P ئېنىقلىقتا 5.5 دىيۇم.

iPhone 8 كە 12 مىليون پىكسېللىق تاق كامېرا، iPhone 8 Plus كە قوش كامېرا ئىشلىتىلدى.ئىككىلىسىنىڭ ئالدى كامېراسى 7 مىليون پىكسېل. AR نى قوللايدۇ.


ئۈچ خىل يانفوننىڭ سېلىشتۇرمىسى

\

barhan88 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:48

ماۋۇ iphone x بەك پەچەت چىقىپتۇ.ئەمما باھاسىمۇ قىممەتكەن.تىم كوك دىگىنىنى قىپتۇ.

燕山灰狼 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:59

توغرا،ئۇ يېڭىلىقنىڭ بېشى ئەمەس،لىكىنئۇشۇ يېڭىلىقنىباشقىلارغا قارىغاندا ئەڭ مۇكەممەل ، ئىشلىتىشچان ھالىتىدەئوتتۇرغاچىقارغۇچى   ... مەنئالمىغابەك   ئامراق

燕山灰狼 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:57

ئەرلە،يېڭى ئايفون چىقىشى بىلەن قىز-ئاياللىرىڭلارنىڭ قۇلىدىكىتىلفۇن تۇيۇقسىز بۇزلۇپ قىلىش ، قولدىن يەرگە چۈشۈپ كىتىش ،كىر بىلەن قۇشۇپ يۇيۋىتىش ،قەستەن ئۇرشۇپ يەرگە غەزەپ بىلەن ئىتىش،خوگوخاندا ئۇنتۇپ قىلىش ،ئۆزى ئۇرۇپ چىقۋىتىپ بالىسىغا ئارتىپ قۇيىشتەك بىر تۈركۈم غالجىرلاشقان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن ، دىققەت قىلىڭلار

appchi يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:06

燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى2017-9-13 13:57
ئەرلە،يېڭى ئايفون چىقىشى بىلەن قىز-ئاياللىرىڭلارنىڭ ق ...

ئىنكاس بولا مۇشتا بولا ،ئەمما لىكىن راستىنلا قاملىشىپتۇ ، مەن ئايالىمنىڭ يانفۇنىنى بىرمەزگىل مۇسادىر قىلمىسام بولماپتۇ ، رەھمەتلىك يانفون چېقىلىپ كەتمىسۇن بىكار .

سەزگۇر555 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:37

بەكلا توغرا دەپسىز، دىمىسىمۇشۇھازىرقى ئايالزاتىلار

-نادىر- يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:13

بۇرۇنقىدىنمۇ جەلىپ قىلارلىق،ئالما ئىمىغا ۋە ماركىسغا چۇشلۇق چچىقىپتۇ،ياخشى كۆرۋاتقانلار تېخشىمۇ ياخشى كۆرگىدەك،ئالماXسېنى ساقلايمەن

燕山灰狼 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:20

appchi يوللىغان ۋاقتى2017-9-13 14:06
ئىنكاس بولا مۇشتا بولا ،ئەمما لىكىن راستىنلا قاملىش ...

باشتىن   ئۆتكەن   ئىشدەڭلا   بۇھى ھى

(sirdax) يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:39

ئىسىت بىزنىڭ7پىلۇس يەنە زاماننىڭ كەينىدە قالىدىغان بولدىدە

燕山灰狼 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:48

ھەراسماۋۇيانفۇنۇڭلارنىئاختۇرۇشنى ياقتۇردىغانجۆرەڭلا بارلا   ئالماڭلائالمىنىڭچىراي تۇنۇيدىغان ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلسىلەغۇ، يېرىم كىچىدەئۇخلاۋاتقانداچىرايىڭلارغابىرلاقاراتسائىشىڭلاچاتاق[憨笑]

燕山灰狼 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:49

(sirdax) يوللىغان ۋاقتى2017-9-13 15:39
ئىسىت بىزنىڭ7پىلۇس يەنە زاماننىڭ كەينىدە قالىدىغان بو ...

راسلاھەجەپتىزلاكەينىدەقالدىغانبولدىدەھەيئىسىت

ئۇيغۇرr يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:50

燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى2017-9-13 13:57 static/image/common/back.gif
ئەرلە،يېڭى ئايفون چىقىشى بىلەن قىز-ئاياللىرىڭلارنىڭ ق ...

ئالامەت ئىنكاس بوپتۇ ،   راس دىمىسىمۇ ھازىر يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنمايدىغانلا كۆپ .   5/6 مىڭ كويلۇق تىلفۇن تۇتىۋالغان بىلەن ئۈندىدار ئويناشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ .   دۇنيادا ئالغا قاراپ مېڭىشتىنمۇ پەخىرلىك ئىش يوق !

Abdusemet يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:26

(sirdax) يوللىغان ۋاقتى2017-9-13 15:39
ئىسىت بىزنىڭ7پىلۇس يەنە زاماننىڭ كەينىدە قالىدىغان بو ...

غەم قىلماڭ، ئەرزانراق بېرىۋەتسىڭىز ئالىدىغانلار بار. ھىچكىم ئالمىسا مەن ئالىمەن

2635210282 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:32

ئالما شىركىتى بەك ئالدىراقسانلىق قىلغان دەك بىلىنىپ قالدى ماڭا ،iphone7 نى چىقارغىلى تېخى ئاران بىر يىل بولغىلى تۇرسا ،سەل ئۈزۈنى توختىتىپ چىقارسا بۇلاتتى ،ئالما يەتتە   تېخى ئۈنچىۋالا ئۇمۇملىشىپ بولالمىغان تۇرسا .

TAXNA  يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:43

ئۇنداق ئاستا مەھسۇلات چىقاساباشقا شىركەتلەرمۇ شۇك ياتمايدۇدە رىقابەت كەسكىن بازا چاققاننىڭ دە
بەت: [1] 2
: ئالما iPhone X/8/8 Plus رەسمىي ئېلان قىلىندى