Win8/8.1/10 لارنىڭ خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىش دېتالى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلارھەممىمىزگە مەلۇم 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىپ، زور كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى خۇش قىلىۋەتتى. بۇ خۇشاللىقنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىزگە ئاتا قىلدى. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە نەچچە يىلدىن بېرى يات تىلدىكى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىز، مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئانا يېزىقىمىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتىمىز. خەنزۇچە بىلمىگەن ئەمما ئانا تىلىمىزنى بىلگەنلا كىشى بۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستمىسىنى بىمالال ئىشلىتىپ كېتەلەيدىغان ھالغا كەلدى. بىزگە مۇشۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ۋە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
بۈگۈن ئەنە شۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ خېتىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسىدىكىلەر مەخسۇس Windows8/8.1/10 لارنىڭ خېتىنى چىرايلىق قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى تۈزۈپ چىقتۇق.
دېتال كۆرۈنمە يۈزى:
ئەلكاتىپ ئاساسى خەت نۇسخىسى تەمىنلگەن نۇسخىسى
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201508/31/204422tdzrddthocmhtfd4.png
ئۇنىۋېرسال خەت نۇسخىسى تەمىنلەنگەن نۇسخىسى
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201508/31/210055jsqxfdzrfa4dkr9e.png
مەزكۇر ئەپ ئاددىي، پاكىز تۈزۈلگەن بولۇپ، سىز سىستېمىڭىزنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ بولغان بولسىڭىز، مۇشۇ دېتالدىكى قايسى خەت نۇسخىسنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى قاچىلاپ كومپيۇتېرنى بىر قېتىم تىزىمدىن چىقىرىپ (ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە قايتا قوزغىتىسىز) كىرسىڭىزلا سىستېمىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق ھالەتكە كېلىدۇ.
قاچىلاش كۆرسەتمىلىرى:
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201508/31/205234qzs6qsxa4qk9a9q4.png
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201508/31/205234wy13zmprp34ppprr.png
بۇ يەردىكى تاللاشقا بەلگە قويمىز.
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201508/31/205235zndezapy937speal.png
ئەمدى ھەئەنى باسىمىز.
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201508/31/205235x8aic2h000xhidb7.png
خەت نۇسخىسىنى قاچىلاۋاتىدۇ.
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201508/31/205235ttfqmvq9bmvv6qmb.png
قاچىلاش تاملاندى، قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. (كومپيۇتېرنى تىزىمدىن چىقىرىدۇ، شۇ چاغدىلا ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز)
ئۈنۈمى كۆرۈلگەندىن كېيىنكى ھالەتلەر:
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201508/31/213107lpap1ai1gq2p2kpp.png
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201508/31/21310975a717aca47w17wa.png
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201508/31/21311100lkt0vtl0k0wj0g.png
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201508/31/2131125qkzlknnlx5ug8xq.png
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201508/31/213113816ddf1ty8rrefhd.png
دېتالنى چۈشۈرۈش:
ئەلكاتىپ ئاساسى خەت نۇسخىسى تەمىنلگەن نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
ئۇنىۋېرسال خەت نۇسخىسى تەمىنلىگەننى چۈشۈرۈش
دېتال نەشرى: 1.0
دېتال تۈزگەن ئورۇن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
دېتال تۈزگۈچى: مۇھەممەدجان سوپۇر (Smart)
UI لايىھەسىدە: يۈسۈپجان تۇرسۇن (Kulke)
مەزكۇر دېتال ھەقسىز، سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسىغا تەۋە، ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىق ئۇيغۇرلارغا تەۋە. مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقايسى تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سالونىدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ.
دېتالغا قارىتا تەكلىپ پىكىرلەر بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا بەرسەڭلار بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
2015-يىلى 31-ئاۋغۇست
turhun717 يوللىغان ۋاقتى2015-9-1 19:16
سەل بىنۇرمالغۇ؟
سىز قاچان چۈشۈرگەن بولغىيتىڭىز. دېتالغا يېڭىلاش ئېلىپ بارغان. ئىدۇق قايتا چۈشۈرۈپ سىناپ باقسىڭىز. يەنىلا مەسىلە بولسا ئىنكاس قىلىسىڭىز بوپتىكەن. بەك ياخشى بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن!
ۋىندوۋس8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى يېڭى تارقىتىلغاندا قايسىدۇر بىر مۇنبەردىن ۋىن8 نىڭ خەت نۇسخىسىغا باسۇرۇپ قاچىلاپ خەت نۇسقىسىنى چىرايلىق قىلىش دەپ بىر تېمىنى كۆرۈپ خەت نۇسقىسىنى كۆرۈپ چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن ئىدىم خەتلەر ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق بولدى لىكىن ئاز بىرقىسىم خەنزۇچە دىتال ئۇيۇنلارنى قاچىلىسام خەتلەر سۇراق بەلگىسى چىقىۋېلىپ خاپا سالغان كىيىن سەتراق بولسىمۇ ئۈزى تەمىنلىگەن خەت نۇسقىسىنى ئىشلىتىۋەرگەن ئىدىم بۇنۇڭدىمۇ شۇنداق ئىشلار بۇلارمۇ قاچىلاشتا ئىككىلىنىپ قالدىم ulinish يوللىغان ۋاقتى2015-9-1 00:43
ۋىندوۋس8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى يېڭى تارقىتىلغاندا قا ...
ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالسا، ئەسلىگە قايتۇرۇش كۇنۇپكىسنى بېسىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. ياخشى بوپتۇ
»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان رەھمەت سزگە مەن كومپيوتىرىمنى ئۇيغۇرچە قىلالمىدىم نەدىن قىلىدۇ win10 ئاكتىپلانغان رەھمەت جۇمۇ مۇشۇ قۇتيار گۇرۇپىسىدىكەر نىمانداق ياخشىدۇ دەيمەن ! دائىم مۇشۇنداق خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى ھەقسز قىلىسىلەر ! سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر ! تېخىمۇ گۈللەپ ياشناڭلار ! رەھمەت بەك ياخشى دىتال ئىلىپ كەپسىلەر . ئاشۇ جاپاكەش ئۇستازلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر،ھارمىغايسىلەر! مەن windows10نى قاچىلغاندا ئاكىتىپلىنىپ قاچىلىنىپتىكەن ئۇيغۇرچە قىلىپ تەڭشەپ خەتنسخسىنى قاچىلاپ چىرايلىق قىلۋالغان ئىدىم.كىيىن سىستمىنى يۇقىرى كۆتەرسەم .دۇكان سىن قۇيغۇچ.ناخشا قۇيغۇچى ۋە بەزى يەرلىرى ئىنگلىزچە بولۋالدى سىستما ئۇيغۇرچىغا تەڭشەكلىك.ھەم ئاكىتپلانماپتۇ.توردىن ئاكىتپلاش قۇرالنى چۈشۈرسەم ئاكىتپلىيالمىدىم .مۇشۇنىڭغا يول كۆرسەتسەڭلا گەپقىلدىغانلار يوقمىدۇ سەل بىنۇرمالغۇ؟
بەت:
[1]
2