2595922642 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-14 15:14:43

Win 10 ۋە Office 2016 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تاماملاندى

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەﻫەتنىڭ بىلوگى (www.alimahat.com) دىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، Windows 10 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى مۇددەتتىن ئىككى ﻫەپتە بۇرۇن تاماملانغان بولۇپ، Groove ناخشا-مۇزىكا، XBOX قاتارلىق ئەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تاپشۇرۇلغان، 8-ئاينىڭ بېشىدا Office 2016 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ تاماملىنىپ، سۈپەت جەﻫەتتىكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن.

بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مىكروسوفتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى بىر پارچە ئەسلەتمە ﻫۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىكروسوفتنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد ئىشخانا يۈرۈشلۈك يۇمشاق دېتاللىرى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. دېمەك، شۇ ۋاقىتتا يېڭى ئەۋلاد ئىشخانا يۈرۈشلۈك يۇمشاق دېتاللىرى (Office 2016) نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ بىرگە ئېلان قىلىنىدۇ.

Office 2016 بىر قاتار ئىلغار مۇلازىمەت يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىز پىششىق بىلىدىغان Word، Excel، PowerPoint، OneNote، Outlook دىن باشقا Skype for Business، Project، Visio، Access، Publisher قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبە: ئالىم ئەﻫەت بىلوگى

samsak0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-14 16:10:33

ۋىندوۋىس تىلپۇننىڭ قاچان چىقا 10512 دە توىتاپلا قالدۇق تىزراق چىقسا بۇلاتتى

fffffffffffffff يوللانغان ۋاقتى 2015-9-14 17:27:49

بۇ office2016 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى چىققىنى بەك ياخشى بوپتۇ، بىزدەك ئ‍ىشخانىدا ئ‍ىشلەيدىغانلارغا تېخىمۇ قۇلايلىق بوپتۇ، ئ‍ۇستازلارنىڭ ئەجىرگە كۆپ رەھمەت

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

ۋېلى زىرەككەك يوللانغان ۋاقتى 2015-9-14 17:54:31

مەن ئىشلىتىۋاتقىلى ئىككى ئاي بولاي دەپ قالدى

aziz290 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-14 18:50:34

samsak0997 يوللىغان ۋاقتى2015-9-14 16:10
ۋىندوۋىس تىلپۇننىڭ قاچان چىقا 10512 دە توىتاپلا قالدۇق ت ...

شەنبە كۈنى يەنى 9-ئاينىڭ12-كۈنى سەھەر سائەت 9دا 10536.1003 نۇسخىسىنىڭ يېڭلاش بولىقى تارقىتىلغان ، لېكىن مۇھىم بىر ئىچكى خاتالىق تۈپەيلىدىن يېڭىلاشنى توختىتىپ 10536.1004 نى ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىۋېتىپتۇ. Windows Insiderتۈرىنىڭ مەسئۇلى Gabriel Aulنىڭ تونۇشتۇرۇشچە 10536.1003 نەشىرىنى دۇنىيا بۇيچە 200دەك ئادەم يېڭىلىغان، 10536.1003نەشىرىگە يېڭلىغانلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى نەشىرىگە بىۋاستە يېڭلىيالمايدىكەن شۇڭا 10536.1003نى ۋاقتىنچە توختىتىپ 10536.1004 نى ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىۋېتىپتۇ. ناۋادا 10536.1003غا يېڭىلاپ بولغانلار كېيىنكى نەشىرىگە داۋاملىق يېڭىلىماقچى بولسا WP8.1غا قايتىپ ئاندىن يېڭىلىسا بولىدىكەن.
10536.1004مۇشۇ ھەپتە تارقىتىلىدىغان ئوخشايدۇ. لېكىن يېڭىلاشقا بەك ئالدىراپ كەتمەڭلار.

fffffffffffffff يوللانغان ۋاقتى 2015-9-14 20:05:46

ۋېلى زىرەككەكيوللاش3سائەت ئىلگىرىمەن ئىشلىتىۋاتقىلى ئىككى ئاي بئۇنداقتا يوللاڭە مۇنبەرگە، بىزمۇ پايدىلنايلى؟

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

alipalim يوللانغان ۋاقتى 2015-9-14 21:41:35

ئ‍الىم ئ‍ەھەتموئەللىمگە كۆپرەھمەت
دىمەك ۋىن10 سېستىماتۈپ نىگىزىدىنيەنىيادروسىدىنئ‍ۇيغۇرچەبولدىمۇياكىئ‍ىشخانا دىتاللىرىئ‍ۇيغۇرچىلاشتىمۇ

omar36 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-14 22:03:00

مۇشۇ ۋىن 10 يانفۇن نۇسقىسىمۇ تېزراق ئۇيغۇرچە بوسا بولاتتى

BIZLAKIM يوللانغان ۋاقتى 2015-9-15 00:27:41

ياشاپ كەت ئوغلانلار

tax7 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 20:53:16

مۇشۇ دىتال بىلەن تەمىنلەيدىغان دوسلار چچ نۇمرۇڭلىنى قالدۇرۇپ قويساڭلا ياكى 1522683365 بۇ چچ نى قوشساڭلارەھمەت
بەت: [1]
: Win 10 ۋە Office 2016 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تاماملاندى