خوڭمى 4 رەسمىي ئېلان قىلىندى.
خوڭمى 4 رەسمىي ئېلان قىلىندى: باھاسى 699 يۈەندىن باشلىنىدۇITئائىلىسى خەۋىرى ،نۇر تورى تەرجىمىسى
شىياۋمى شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، شىركەت باش لېدىرى لىن بىن شىياۋمىنىڭ بىۋاستە تارقىتىش سۇپىسى ئارقىلىق 4-ئەۋلاد خوڭمى يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلدى،لىن بىن خوڭمى 4نىڭ مىڭ يۈەنلىك يانفون بازىرىغا قارىتىلغان بايراقدار دەرىجىلىك لايىھە تېخنىكىسى نامايەن قىلىنغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
خوڭمى 4 يانفونىنىڭ گەۋدىسى پۈتۈنلەي مېتالدىن ياسالغان،2.5D ئەينەك سەپلەنگەن، بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. كامېرا چەمبىرىكى ۋە ئوتتۇرا رامكىسى CNC ئالماس بىلەن كېسىش ھۈنەر-سەنئىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان. يانفون ئارقا يۈزىگە فارفور قۇم پۈركۈش ھۈنەر-سەنئىتى ئىشلىتىلىپ،قول سېزىمى ياخشىلانغان. نانو دەرىجىسىدە قېلىپقا قۇيۇپ بېسىش تېخنىكىسىدا ياسالغان ئانتېننا ئىشلىتىلىپ، لايىھە تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئاق، ئالتۇن رەڭ ۋە قېنىق كۈل رەڭلىك نۇسخىلىرى بار.
ئاساسلىق سەپلىمىسىگە كەلسەك، خوڭمى 4 يانفونىنىڭ ئېكرانى بەش دىيۇم بولۇپ، پەرق ئېتىشچانلىقى 1080Pغا يېتىدۇ. بۇ يانفوننىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسىغا سنەپدراگون 625 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ (ئۆلچەملىك نۇسخىسىغا سنەپدراگون 430 ئىشلىتىلگەن)،3GB+32GBلىق ساقلىغۇچ گۇرۇپپىسى (ئۆلچەملىك نۇسخىسىغا 2GB+16GBلىق ساقلىغۇچ گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلگەن) سەپلەنگەن، MicroSD كارتىسى چۈشىدۇ،باتارېيە سىغىمى 4100mAh.
بۇ يانفونغا 13 مىليون پىكسېللىق ئارقا كامېرا ۋە بەش مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا ئورنىتىلغان، قوش كارتا ۋە بارلىق شەكىلدىكى 4G تورىنى ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇندىن سىرىت، قوش چاستوتىلىق سىمسىز تور (WiFi) نى قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە. بارماق ئىزىنى تونۇش رايونى يانفون كەينى يۈزىگە جايلاشقان، ئىنفىرا قىزىل نۇر بىلەن كونترول قىلىش تېخنىكىسىمۇ قوشۇلغان.
خوڭمى 4 يانفونىغا MIUI8 سىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغان،ئۆلچەملىك نۇسخىسىنىڭ باھاسى 699 يۈەن، يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسىنىڭ باھاسى 899 يۈەن
تۆۋەندىكىسى بۇ يانفۇننىڭ سۈرەتلىرى ،ھۇزۇرلانغايسىزلەر .
http://aliptori.com/data/appbyme/upload/image/201611/05/rscpNMip3NLD.jpg
http://aliptori.com/data/appbyme/upload/image/201611/05/sIHI02TyzSMV.jpg
http://aliptori.com/data/appbyme/upload/image/201611/05/VSoMxoWJFw3X.jpg
http://aliptori.com/data/appbyme/upload/image/201611/05/w99LebnTrzJj.jpg
http://aliptori.com/data/appbyme/upload/image/201611/05/DUGenYkGbhiX.jpg
شىياۋمىغاقايلىغاندا خوڭمىتېلفۇنلارنىڭتوكى بەكرەكيىتىدىغاندەكھىس قىپ قالدىم جۇما. . . :o ئارقا تەرىپىدىكى چاقناش چىرىغى قاملاشمىغان يەرگە بىكىتىلىپ قاپتۇ ،كامىرا بىلەن بارماق سىنزورى ئارلىقىغا ئورنىتىلغان بولسا چىرايلىق چىقاتتى ،،،،شۇنداقتىمۇ خىلى يامان ئەمەس ئىشلەپتۇ ، بولۇپمۇ باھاسى مۇۋاپىق ، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بار ..ئوتتۇرا ھال ئىستىمال سەۋىيەدىكى دوسلارغا سىتۋىلىشقا ئەرزىيدىغان تىلفۇن ، ھەي! بىر ئاي ساقلىغان بولسام مۇشىنىلا ئالاركەنمەن! خوڭمى 3S ئىلىۋەپتىكەنمەن! 1933315008 يوللىغان ۋاقتى2016-11-5 10:44 static/image/common/back.gif
ھەي! بىر ئاي ساقلىغان بولسام مۇشىنىلا ئالاركەنمەن! خوڭ ...
خوڭمى3sبىلەن ئانچە پەرىقلەنمەيدىكەنغۇ بۇ يانفۇن سەپلىمەجەھەتتە باتارىيە سىغىممۇ ئوخشاشكەhttp://aliptori.com//mobcent//app/data/phiz/default/37.pnghttp://aliptori.com//mobcent//app/data/phiz/default/37.pnghttp://aliptori.com//mobcent//app/data/phiz/default/37.png
مەنمۇ بىر ھەپتە بۇرۇن خۇڭمى 3s نىڭ ئالتۇن رەڭلىكنىڭ پىچچىتىدىن بىرنى 750 يۈەنگە ئالغان ، خۇڭمى 4كە قارىغاندا خۇڭمى 3s نىڭ كۆرۈنۈشى سىپتا ھەم چىرايلىق ئىكەن ، ئەڭ ياخشى يىرى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قىتىلغان ، ھازىر ئۇيغۇرچە ھالەتتە ئىشلىتۋاتىمەن ، لىكىن قايسى كۈنى بىرسىنىڭ قولىدا شىياۋمى 5 نى كۆرۈپ كۆزۈمگە باشقىچىلا چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى ، شۇڭا تۇيۇقسىز شىياۋمى 5 ئىلىش قارارىغا كەلدىم ، ھازىر قولۇمدىكىئالغىلى ھەپتە بولغان خۇڭمى3s نى ئىشلىتىدىغانلار بولسا مۇۋاپىق باھادا سىتۋىتىمەن ،تىلفۇننى يېڭى پىچچەت ئالغانبىر يىللىق سۈپەت كاپالىتى بار ،ئورنۇم قەشقەر شەھەر 13279841212 تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇپ قالدى مەندە ئالما بەش بار ئىدى بۇيانپۇن تۈرمىدىن قاچامدۇ قاچمامدۇ بىلىدىغانلا جاۋاپ بەرسەڭلا خۇڭمىي 3s مەن ئالاي قانچىگە ساتىدىغانلىقىنى دەڭە
aplisin يوللىغان ۋاقتى2016-11-5 11:07 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بىر ھەپتە بۇرۇن خۇڭمى 3s نىڭ ئالتۇن رەڭلىكنىڭ پىچ ...
مەن ئالاي قانچىگە ساتسىز
18699820593 يوللىغان ۋاقتى2016-11-5 11:32
مەن ئالاي قانچىگە ساتسىز
650 يۈەن مەندە خۇئاڭ مېي نوتا3بار كىم ئالدۇ ،ئالغىلى 3ئاي بولدى
خوڭمى4aمۇ چىقپتۇ سەپىلمىلىرنى چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار يامان ئەمەستەك چىرايhttp://aliptori.com//mobcent//app/data/phiz/default/03.png
قۇتلاننىڭمۇ مۇشۇنداق چىقارمىكى
ساقلاپ تۇرۇپ قۇتلاننىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونىنى ئالمىسام خەپ