تېڭشۈن داۋاڭ كارتىسى چەكسىز ئېقىم مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى
ئۆتكەن يىل 10-ئايدا تېڭشۈن شىركىتى بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى «腾讯大王卡» داۋاڭ كارتىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، تېڭشۈننىڭ ئۈندىدار، كىيۇكىيۇ دېگەندەك ئەپلىرىنى ھەقسىز ئېقىم بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان. ئىشلەتكۈچىلەر بەس-بەستە بۇ كارتىنى بىجىرگەن. بۇ كارتىنى بىجىرگەنلەر 30 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.بۇ كارتىدا تېڭشۈن ئەپلىرىدىن باشقا تورغا چىقىش ئېقىمى كۈنىگە بىر يۈەنگە 500mb ، ئايلىق ئېقىم ئېقىم 40G ئىچىدە چەكلىنىدۇ. تېلېفون ئۇرسا دۆلەت ئىچىدە كەزمە ھەققى يوق، ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرسا مىنۇت 0.1 يۈەن، كەلسە ھەقسىز.
تېخىمۇ كۆپ ئېقىم ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن تۆنۈگۈندىن باشلاپ دۆلەت ئىچى چەكسىز ئېقىم كەسپىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ. ئايلىقى 50 يۈەن. بۇ ئايلىق 50 يۈەن داۋاڭ كارتىنىڭ ئايلىق مۇلازىمەت ھەققى 19 يۈەننىڭ سىرتىدا. يەنى بۇ كەسىپنى بىجىرسىڭىز ئايدا 69 يۈەن تۆلەپ، دۆلەت ئىچىدە چەكسىز ئېقىمدىن پايدىلىنالايسىز. تېڭشۈن ئەپلىرىدىن باشقا ھەر قانداق ئېقىم ئىشلەتسىڭىز چەكسىز.
شەرتكە چۈشىدىغان (يەنى ئىلگىرى داۋاڭ كارتىنى بىجىرىپ نورمال ئىشلىتىۋاتقان) ئىشلەتكۈچىلەر BLWX50 نى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت نومۇرى 10010 غا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللىسا مەزكۇر كەسىپ ئېچىلدىكەن.
نۆۋەتتە بۇ كەسىپنى تېخى رەسمىي يولغا قويمىدى، قىسمەن رايون، قىسمەن ئىشلەتكۈچىگە سىناق قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بەزىلىرىڭلارغا ئېچىلماسلىقى مۇمكىن.
چەكسىز ئېقىم كەسىپىنى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ يولغا قويسا بولاتتى سۆزلەشسە ئۇنىڭسىرتىدا دەيلى: مەن ئالدىنقى قېتىم كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زىلغا بارسام 188 يۈۋەن ھەر ئايدا تۈلۈسىڭىز چەكسىز قىلىپ بېرمىز دىگەن يەنىلا تىڭشۈننىڭ بولغۇدەك تېلىگرافنىڭ چىقسا بولاتتى
مەن بجىرەي دېگەن لېكىن قانداق بىجىرىشنى بىلەلمەي ۋاتىمە ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمۇد قىلىمە دوستلار 2244760484
تولۇقلىما مەزمۇن (2017-8-24 13:00):
ھېچ قايسىڭلا بىلمەمسىلا دوسلار بىر ياردەم قىلساڭلا ياخشى بولاتى كۆچمە،بىرلەشمە ۋە تېلېگىراف شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى چەكسىز ئېقىم كەسپىنى يولغا قويدى،ئەمما ئسىتىمالى يۇقىرى،كۆچمە خەۋەرلىششنىڭ ئەڭ تۆۋەنلىرىنىڭ 188يۈەن،تور ئېقىمى ئشىلتىپ 50G دىن ئاشقاندىن كىيىن ئاپتۇماتىك تورغا چىقىشىڭز توختاپ قالدىكەن،تېلېگىرافىنىڭ 100Gدىن ئاشقاندىن كىيىن تور سۈرئىتى 2G سۈرئەتتە ئشلەيدىكەن(ئەسلى 3G سۈرئەتتە ئىشلەيتى) 1473232480 يوللىغان ۋاقتى2017-8-22 15:51
تېلىگرافنىڭ چىق& ...
تېلىگراف نىڭ 9يەنلىك داۋاڭ كارتىسى چىقىپتىمىش توپلاردا شۇنداق دەۋاتىدۇ يوكۇغا چەكسىز 1يۈەنگە 500مىگا بىردىكەن 24سائەتلىك ئەمەسكەن 500مىگانى ئىشلىتىپ بولالمىسا ئەتىسى يەنە ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەۋاتىدۇ راسمۇ يالغانمۇ مەنمۇ بىلمىدىم تىلگىراف مۇ قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە 99يۇەنگە چەكسز مۇلازىمەتنى يولغا قۇيدىمەملىكەت تەۋەسىدە 3000مىنۇت سۇزلىشش باللا تېڭشۈن داۋاڭ كارتىنى كىملىكتىن چىقىرۋەتكىلى بولمامدۇ يېزىلاردىكى بىرلەشمە تىجارەت زالىغا كىرسەم چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ دەيدىغۇ ئىشلەتمەت تاشلىۋەتسەك قەرىزگە ماڭىدىكەن 239866898 يوللىغان ۋاقتى2017-8-22 17:56
باللا تېڭشۈن داۋاڭ كارتىنى كىملىكتىن چىقىرۋەتكىلى بول ...
ھازىر خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بىر بىرىدىن ئۆتە ئۇششۇق . ھەرگىز تىكلەشكىلى بولمايدۇ. يەنىلا قىممەتكەن بۇ تور چوقۇم ئەرزانلايدۇ
1473232480 يوللىغان ۋاقتى2017-8-22 15:51
تېلىگرافنىڭ چىق& ...
تېلىگىرافنىڭ خېلى ئەرزانغۇ 239866898 يوللىغان ۋاقتى2017-8-22 17:56
باللا تېڭشۈن داۋاڭ كارتىنى كىملىكتىن چىقىرۋەتكىلى بول ...
ناھىيە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى تىجارەت زالىغا بارسىڭىز ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكىلى بولىدۇ. تورداشلار گەدىنىمىزدە قەرىز كارتا بولسا ئادەەتە كارتا بىجىرىدىغان يىزىلاردىكى زاللاردا قەرىزنى تۆلەپ قارا تىزىملىتىن چىقكەتكىلى بولامدىغاندۇ ،
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ توختاملىق كارتىسى كۆيۈپ كەتكەن ،توختام ۋاقتى توشۇشقا يەنە ئىككى يىل باتتى ،شۇنىمۇ ھازىر بولغان قەرزىنى تۆلىۋەتسەك كىملىكىمىزدىن ئۆچەمدىغاندۇ ،