شىياۋمى MIX 2 ۋە Note 3 رەسمىي ئېلان قىلىندى
بۈگۈن سائەت 14 تە شىياۋمى شىركىتى بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە زالىدا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىندا شىياۋمى MIX 2 پۈتۈن ئېكرانلىق يانفوننى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شىياۋمىNote 3 يانفونى، شىياۋمى Pro خاتىرە كومپىيۇتېرنى ئېلان قىلدى.شىياۋمى MIX 2 گە 5.99 دىيۇملۇق 18:9 نىسبەتلىك پۈتۈن ئېكران ئىشلىتىلگەن. يانفون گەۋدىسىگە چاقچۇق، گىرۋىكىگە ئاليۇمىن بىرىكمىسى ئىشلىتىلگەن، پۈتۈن گەۋدىسدە ھېچقانداق يۇچۇق يوق، ئىنتايىن چىرايلىق، سىپتا. بىرىنجى ئەۋلاد MIX قا قارىغاندا %2.5 نېپىز، %11.5 يېنىك.
LTE تۆت يوللۇق ئانتېنا تېخنىكىسى قوللىنىلغان. 4G سىگنالىنى قۇبۇللىشى كۈچلۈك ۋە مۇقىم، تور تېزلىكى %100 تېزلىتىلگەن. يەر شارى بويچە 6 مودېل 43 چاستوتدىكى ھەممە چاستوتا بۆلىكىنى قوللايدۇ. ئىگە تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە قۇملۇقتىكى ئەلئېھرامدىمۇ يانفون سىگنالىنى قوبۇللىيالايدىكەن. (شىنجاڭنىڭ قۇملۇق، جاڭگاللىرىدا سىگنال چىقامدۇ چىقمامدۇ ئىنژېنىرغا ئامانەت) ، قوش ADC يۇقىرى سۈزۈكلۈكتە ئاۋاز ئالالايدۇ.
سەپلىمىسى جەھەتتە: كۇۋالكوم 835 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەگەن. 6GB + 64 GB نىڭ باھاسى 3299 يۈەن، 128 GB نىڭ باھاسى 3599 يۈەن، 256 GB نىڭ باھاسى 3999 يۈەن.
كامېراسىغا شىياۋمى 6 گە ئوخشاش سونىي IMX386,1.25μm سېنزور ئىشلىتىلگەن. تۆت ئوقلۇق ئوپتىكىلىق تىتىرەشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى بار. ھەرىكەت ھالىتىدە، قاراڭغۇدا مۇقىم سۈرەتكە تارتالايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا MIX 2 نىڭ ئالىي نۇسخىسىمۇ بار. ئالىي نۇسخىسىغا8GB ئىچكى ساقلىغۇچ ، 128GB ساقلاش بوشلۇقى سەپلەنگەن. باھاسى 4699 يۈەن. باشقا سەپلىمىلىرى يۇقارقىغا ئوخشايدۇ. گەۋدىسىگە ئىشلىتىلگەن چاقچۇق سەككىز قۇرئىي ئۇچىقىدا ℃1400 لۇق تېمپراتۇرىدا 7 كۈن تاۋلانغان. 240 توننا بېسىمدا پىرىسلىنىپ ياسالغان. ئاق ۋە قارا ئىككى خىل نۇسخىسى بار.
شىياۋمى MIX 2 يانفونى مۇشۇ جۈمە كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ.
بۈگۈنكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە شىياۋمىNote 3 ئېلان قىلىندى.
شىياۋمىNote 3 كە 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، قوش ئەينەك+مېتال رامكا لايىھەسى قوللىنىلغان. كۇۋالكوم 660 تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ 6GB ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 3500mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن. تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. ئالدى تەرەپتىكى كامېراسى 16 مىليون پىكسېلغا ئۆستۈرۈلگەن. ئارقا تەرەپتىكى كامېراسى شىياۋمى 6 گە ئوخشاش قوش كامېرا.
شىياۋمىNote 3 سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەم چىرايىنى تونۇش سىستېمىسى تەمىنلەنگەن، ئادەم چىرايى ئارقىلىق يانفون قۇلپىسنى ئاچقىلى بولىدۇ. پۈتۈن ئىقتىدارلىق NFC نى قوللايدۇ. باھاسى64/128/256 نىڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا2499/2899/2999 يۈەن.
شىياۋمىNote 3 ئەتىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ. MIX2ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ شاۋمىي6سېتىۋالغان ئىدىم مۇشۇ كۈنلەردە يانچۇقتا ئالما بولامدۇ بانان بولامدۇ شۇنى ئىشلەتسەك بولغۇدەك تىلفۇننىڭنۇچىسىنى ئىشلىتىمەن دىگۈچە //mobcent//app/data/phiz/default/03.png//mobcent//app/data/phiz/default/03.png
ئاۋۇ ئالى نۇسخىنىڭ 8G رامئارتۇقچىلىقىلا بارمۇ دەيمەن ، نىمانداق قىممەت ، ئىشلىتىپ باققان ۋاقتىڭلاردا تەسىراتىڭلارنى يېزۋىتەرسىلەر باللار ھەقىقەتەن ئېسىل كۆركەم چىقىپتۇ. يەنىلا باھا جەھەتتە شىياۋمى يارايدۇ. ئىلان قىلىش ىغىنىنىڭ پۈتۈن جەرياننى كۆرۈپ چىقتىم ،يامان ئەمەس چىققاندەك قىلىدۇ ،لىكىن قاملاشمىغان يىرى mix2نىڭ ئالدى كامىراسى ئاران بەشمىليۇن ،ئارقا كامىراسى 12مىليۇنكەن ،يەنە كىلىپ ئالدى كامىراسى ئاستىغا ئورونلاشتۇرۇلۇپتۇ ،باتارىيەسىمۇ ئاران 3400.
لىكىن note3يامان ئەمەس چىققاندەك قىلىدۇ.
سەككىزقۇررى ئۇچىقىدا ،ھى ھى ھى بۇ ھېلىقى سۇن مايمۇننىكۆيدۈرگەنئۇچاقشۇمۇھۇ ھا ھا ھا شىياۋمى note3چىرايلىقكەن كىيىنچە بىرەرنى سېتىۋالغۇدەكمەن
بىزنىڭ بىر تۇنۇش ئادەم ئاپتىكەن،شاۋمى mx2دىن بىرنى 1600يۈەنگە.64جىلىق ئىكەن،usbسىم ئېغىزمۇ ئاندىرويىد يانفۇننىڭ سىمى چۈشمەيدىكەن،لىكىن ئېكران پۈتۈن ئەمەسكەن،ماۋۇ تىمىدا دىگىنى يېڭى ئەۋلات mx2مىدۇ يا ۋاۋ قالتىسقۇ لىكىنئاپاراتيەنىلاسونىينىڭ يېڭى يانفونىغا يەتمىگۈدەك ھەراسmix2 ئالاھىدە نۇسخىسى چېقىلمامدۇ قانداق ؟ ۋاھ بەك ياخشى بولدى مىنىڭچە نوتې 3 ياخشىكەنباھاسىمۇ جايىدا بەك ئالغۇم كەلدى،لىكىن پۇلنى جىقراق تاپقاندا يانچۇقتكىنى يۈرەكلىك ئىشلىتەلىگۈدەك بولغاندا ئالامەن ،ئۇنىڭغىچە يەنىمۇ ئىلغارراق چىقا ، ھەراس بەزىلەر مىيۇ 9 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقان ئىكەن ،بۇ سىستېما تارقىتىلدىما؟ كىيىك يوللىغان ۋاقتى2017-9-11 17:30
بىزنىڭ بىر تۇنۇش ئادەم ئاپتىكەن،شاۋمى mx2دىن بىرنى 1600يۈ ...
سىز دېگىنى max, تېمىدا ئېيتىلغىنى mix
لېكىن نوت 3 ئېكرانى كىچىك بولۇپ قاپتۇ. OLED بىلەن AMOLED ئىككىسى بىر ئېكرانمۇ ياكى باشقا-باشقىمۇ؟ ئىككىسى ئىككى خىل ئېكران بولسا قانداق ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىللىكلىرى بار؟ قايسىسى ياخشى؟...... مۇشۇ توغىرلىقمۇ بىر تىما يىزىلىپ كەتكەن بولسا، مەن مۇنبەرنى ئاقتۇرۇپ بۇ توغىرلىق يىزىلغان تىمىنى تاپالمىدىم( ياكى ئىزدەش ئۇسۇلۇمدا تاپالماي قالدىممۇ بىلمىدىم) نوت3 ئەگمە ئىكران ئەمەسمۇ نىمە؟
بەت:
[1]
2