PS+Ai+CDR لاھىيلەش تور سىنىپى ئېچىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !ئالتۇن تىنىڭلار ئامان ئىسەن ، بارلىق ئىشلىرىڭلار ئوتۇقلۇق كىتىپ بارامدۇ؟
نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلار بولغان 2015-يىلى ئاخىرلىشى ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ، بىز ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى››دا ئاز بولمىغان ئوتۇقلارنى قولغا كەلتۈردۇق ، شۇنداقلا يەنە كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغان ئىشلارمۇ يىتىپ ئاشقۇچە بىزلەرنى قىينىدى. قانداقلا بولمىسۇن بۇ يىل تىنىچ –ئامان ئۆتكەن، گۈزەل شىنجاڭ سىجىل تەرەققىي قىلغان مول –ھوسۇللۇق بىر يىل بولغىنى ئېنىق . ھەر كىم ئۆز قابىليىتىگە يارشا پاك ئىشلار بىلەن مەشخۇل بولۇپ ئۆز مىللىتى ۋە يۇرتى ئۈچۈن ھەسسە قوشتى. ئەلۋەتتە ياشاشتىكى ئىسانىي بۇرۇچمۇ دەل شۇ-،دە!
دوستلارغا مەلۇم بولسا كېرەك ‹يولباش تور مەكتىپى ›رەسمىي قۇرۇلغاندىن باشلاپ كۇرسانىتلارنىڭ ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ بەلگىلىك ئۈنۇم ھاسىل قىلدى . ئەلۋەتتە مەكتىپىمىز يېڭى قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان سەۋەنلىكلەردىمۇ مۇستەسنا بولالمىدۇق ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى قوللىغان ۋە بىزگە ئىشەنگەن بارلىق دوسىتلارغا چىن كۆڭلۈمدىن سەمىمىي سالام ۋە ئالىي ئېھتىرام.
بىزنىڭ مەكتەپ تەشۋىقاتلىرىنى جەمىيئەتكە يەتكۈزۈشتە ئاساسلىق رول ئوينىغان توربەت ۋە سالۇنلارغا يەنە بىر قېتىم سالام!
بىز ھازىر ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمىيئەتتە ياشاۋاتىمىز ، تور بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان قىيىن ئىشلىرىمىشنى ئاسانلاشتۇردى. نۇرغۇن پۇل خىراجەت قىلىپ ئۆگىندىغان بىلىملەرنى ئۆز يۇرتىمىزدىن چىقماي تۇرۇپلا ئۆگىنەلەيدىغان پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئەتتى . ئەلۋەتتە بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەش زۆرۈركى نۇرغۇنلىغان قارا كۆزلەر يەنىلام ئىلغار بولغان تور ساھەسىدىن خەۋەرسىز ئىكەنئۈندىدارنى بىلىمىزئۇنىڭدىن پايدىلنىپبىلىم ئېلىشنى بىلمەيمىز ، بەيدۇنى بىلىمىز ئەمما ئۇنىڭ مائارىپ سەھنىسىنى بىلمەيمىز، كىيۇ كىيۇنى بىلىمىز ئەمما ئۇنىدىكى مائارىپ سەھنىسىنى بىلمەيمىز ، بىز نۇرغۇن مىللەتنى بىلىمىز ئەمما ئۇلاردىكى ئىتىقاد ، ئىقسساد روھى نىمىگە مەبلەغ سېلىش نىمىمىنى قوللاش كېرەكلىكىنى كۆپ ساندىكىلىرىمىز بىلمەيمىز ، بىلىشكىمۇ رايىمىز يوق .بىلىم ئىنساننى ھۆر قىلدۇ، سىز پەقەت بىلىم ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان قىيىن ئۆتكەللەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەيسىز. مىيىپ بولسىڭىز مەيلى ئەمما ھەرگىزمۇ بىلىمسىز بولماڭ.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك 2016-يىلى 1-ئاينىڭ19-كۈنى مەكتىپىمىزنىڭ تەكشىلىك لاھىيلەش سىنىپى رەسمىي نەق مەيدان دەرسنى باشلايدۇ.
بۇ دەرستە ئاساسلىقى PS+Ai+CDR قاتارلىق يومشاق دىتاللار تۇنۇشتۇرلۇپ كۇسانىتلار ئۈچۈن تەكشىلىك لاھىيلەش دىتاللىرىدىن پايدىلنىپ ئۆز ئارزۇسىدىكى نىشىانغا يىتىش مەقسەت قىلندۇ.
1-باسقۇچ: جەمىئىي 45 سائەت .
ئاساسلىقى PS نىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرىدائىم قوللىنىلدىغان ئىقتىدارلار ئەمىلىي مىساللار بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۇرىلدۇ. ئاخىرىدامۇكەممەل لاھىيەلەرنى ئىشلەش جەريانى تەپسىلى يەتكۈزىلىدۇ.
ئاساسى نىشان : photoshopتىن ئوتتۇرا دەرىجىدە بىلىم ساپاسى ھازىرلاش تەلەپ قىلندۇ.
2-باسقۇچ: جەمىئي 30 سائەت.
Aiيۇمشاق دىتالى ھەربىر ھالقىللىرىغىچە تەپسىلى سۆزلىندۇ. ھەرخىل مىساللار كۇرسانىتلارغا تاپشۇرۇق قىلىپ بىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئەمەلىي مەشىق جەريانىدىكى مەسىللەر ھەل قىلندۇ.
ئاساسى نىشان: Aiدىن ئوتتۇرا دەرىجە بىلىم ساپاسى ھازىرلاش تەلەپ قىلىندۇ.
3- باسقۇچ:جەمىئي 45 سائەت
CDRبۇ باسقۇچتا ئىنتايىن مودا بولىۋاتقان بۇدىتال تەپسىلىي سۆزلىندۇ . مىساللارنىڭ قوللىنىشچانلىقى يوقىرىتىپىك مىساللار كۇرسانىتلار ئۈچۈن تاپشۇرۇق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىلدۇ.
ئاساسى نىشان: CDR دىن ئوتتۇرا دەرىجە بىلىم ساپاسى ھازىرلاش تەلەپ قىلىندۇ.
دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ۋە ئالاھىدىلىكى:
پۇتكۈل دەرسلىكتوردا نەق مەيداندا سۆزلىندۇ .45 مىنۇت دەرس سۆزلىندۇ 15 مىنۇت سۇئاللارغا جاۋاب بىرىلدۇ.
ھەر ھەپتىدەبىر ئەمەلىي مەشىق سۇئالى ۋە نەزىرىيە سۇئالى تاپشۇرۇق بېرلىدۇ.
ھەر كۈنلۈك دەرسلىكسۆزلىنىپ بولۇنغاندىن كىيىن 30 مىنۇت ئىچىدە تورغا يوللىنىپ مېڭىلىدۇ ، كۇرسانىتلارنىڭ قايتا تەكرار قىلشى ئۈچۈن ئاسانلىق ئېلىپ كىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى دەرسلىك يېرىم باھا بويىنچە ئوقۇش پۇلىتاپشۇرىلىدۇ : دەرسلىك ئەسلى باھاسى 900يۈەن بولۇپبىز كۇرسانىتلارنىڭ كۆپرەك مەنپەتلىنىشى ئۈچۈن 450 يۈەن قىلىپ بىكىتىلدى. (ئۇنىڭدىن سىرىت ئائىلىسىدە قىيىچىلقى بار ئوقۇۋاتقان باللىلار ئۈچۈن 225يۈەن قىلىپ بىكىتىلدى)،تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە پەرزەنىتلىرى ئۈچۈن ھەقسىز قىلىپ ئۇرۇنلاشتۇردۇق .
ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىنى ئەسلى نۇسقىسىنى بىزگە نۇسقىلاپيوللاپ بېرىشى زۆزۈر.
ۋاقىت مۇناسىۋتى بىلەن باشقا تەپسىلاتلارنى دەرسخانا توپىغا يوللايمىز . شۇنداقلا ماس قەدەمدە ھەر قايسى تور بەتلەرگە يوللايمىز .
دەرسلىككە تىزىملىتىش ئادىرسى: http://www.chuanke.com/3485134-159860.html
ناۋادا سېتىۋېلىشنى بىلمىگەن تورداشلار ئاستنقى سىن ھۆججەتنى كۆرۈپ ئاندىن مەشخۇلات قىلىڭ.
سىن ھۆججەت ئۇلانمىسى:
http://v.youku.com/v_show/id_XMTI5Njc1NzU1Ng==.html
ناۋادا تىزىملىتىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ:
QQ نۇمۇرى : 741780816
تېلفون :15199952407 بەك ياخشى بولۇپتۇ مائارىپ ساھەسىنىڭ توردا تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن
بەت:
[1]