شىياۋمى MIUI9 رەسمىي ئېلان قىلىندى، «ئەڭ تېز ئاندرويد» بولۇشى مۇمكىن
7-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە شىياۋمى شىركىتى يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى مەھسۇلاتى MIUI9 نى رەسمىي ئېلان قىلدى. MIUI شىياۋمى شىركىتىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى، تۇنجى قېتىمقىسىدىن ھازىرغىچە بولغان 7 يىلدا شىياۋمى MIUI نى دۇنيا مىقياسىدا ئاكتىپلاپ ئىشلەتكەنلەر 280 مىليونغا يەتتى. 142 دۆلەت ۋە رايوندىكى 55 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.شىياۋمىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، MIUI9 دىكى ئەپ قوزغىلىش تېزلىكى، ئېكران سىزىمچانلىق ئىنكاسى، ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش جەريانى زور دەرىجىدە ئەلالاشتۇرۇلۇپ، «چاقماقتەك تېزلىك» كە ئىگە قىلىنغان. ئەپلەرنى ئىجرا قىلىش تېزلىكىنى سامسۇڭ S8 ، خۇاۋېي P10 بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇلاردىن تېز بولغان. ئالدى سۇپىدىكى ئەپ، ئويۇنلارنىڭ «قاتماسلىقىغا» كاپالەتلىك قىلىنغان. شىياۋمى ئىگە تەرەپنىڭ قارىشىچە MIUI9 «ئەڭ تېز ئاندرويد سىستېمىسى» بولۇشى مۇمكىن. شىياۋمىدىكىلەر MIUI9 تىن باشلاپ ئاندرويدنىڭ «قېتىش» مەسىلىسى تارىخقا ئايلىنىدۇ دېدى.
MIUI9 قا «تېزلىكتە رەسىم ئىزدەش» ، «ئۇچۇر ياردەمچىسى»، «يەتكۈزۈش ئىشىكى» دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىقتىدار قوشۇلغان.
بۇنىڭدىكى «يەتكۈزۈش ئىشىكى» (传送门) ئىقتىدارىنى گوگۇل 2015-يىلى ئېلان قىلغان. ئېنگىلىزچسى Now on Tap ، ئەمما گوگۇل بۇ ئىقتىدارنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا سىستمىغا تەمىنلەپ بەرمىگەن، شىياۋمى MIUI9 قا تۇنجى قېتىم قوشۇلدى.
«يەتكۈزۈش ئىشىكى» (传送门) قانداق گەپ؟ «مەخلۇقلار دۇنياسى» دېگەن كىنونى كۆرگەنلەر بىلىدۇ، ئىككى دۇنيانى تۇتاشتۇردىغان بىر «ئىشىك» بار، شۇ ئىشىكتىن كىرسىلا يەنە بىر دۇنياغا بارالايدۇ.
MIUI9 تىكى «يەتكۈزۈش ئىشىكى» نىڭ رولىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يانفوندىكى خالىغان خەت ياكى رەسىمنى ئۇزۇنراق بېسىپ تۇرسا شۇنىڭغا ماس تولۇق ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن: ئۈندىداردا پاراڭلىشىۋاتقاندا دوستىڭىز سىزگە بىر مېھمانساراينىڭ ئادېرسنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسا، سىز شۇ ئادېرسنى ئۇزۇنراق بېسىپ تۇرسىڭىز ئېكراننىڭ ئاستىدىن بىر لەيلىمە كۆزنەك ئېتىلىپ چىقىپ، بۇ مېھمان ساراينىڭ رەسىمى ۋە باشقا تولۇق ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ. قارشى تەرەپ سىزگە تاۋباۋدىكى بىر ئادېرسنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسا سىز ئۇنى ئۇزۇنراق بېسىپ تۇرسىڭىز تاۋباۋدىكى شۇ مالنى سېتىلىش بېتى ئاپتۇماتىك ئېچىلىدۇ. ھەم يانفون ئېكرانى ئاپتۇماتىك ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ، بىر تەرەپتىن مال سېتىۋالالايسىز.
«تېزلىكتە رەسىم ئىزدەش» ئىقتىدارىغا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى، رەسىم تونۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. رەسىمدىكى يېزىق، ئورۇن، ۋاقىت، ئادەم... لەرنى تونۇيالايدۇ، تېزلىكتە ئىزدەپ تاپالايدۇ.
MIUI9 نىڭ ئىچكى سىناق نەشرى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىۋىتىلدى، شىياۋمى 6 ۋە خۇڭمى Note 4X تە سىناشقا بولىدۇ. 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىۋىتىلگەن نەشىرى تارقىتىلىدۇ. شىياۋمى 6، شىياۋمى 5X ۋە Note 4X 高通版 گە دە سىناپ ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ. 8-ئاينىڭ 25-كۈنى 小米MIX、小米Note 2、小米5、小米5s/Plus、小米Max/Max 2 قاتارلىق يانفونلارنىڭ MIUI9 سىستېمىسى تارقىتىلىدۇ. 9-ئايدا 小米1/1s、小米2A دىن باشقا بارلىق شىياۋمى يانفونغا ماس كېلىدىغان نەشرى تارقىتىلىدۇ.
سىناق نۇسقنى نەدىن چۈشۈردغاندىمىز مەن بىر سناققا قانشىپ باقاي دىگەن تېلېفونلارغا ھېچ ئەسكەرتىش ئۈچۇرى كېلەي دېمەيدىغۇ بۇنىڭ قارىغاندا شياۋمى بۇ قېتىم سېستىمىغا ھەققىي كۈچەپ قويغاندەك تۇرىدۇ. پاھ ئالامەت جۇمۇ ماۋۇ شاۋمى
بۇ miui9 سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە فونت بامىدۇ يوقمىدۇ ! يوقچۇنكى فونىت قوشۇش توغۇرىسىدا ھىچكىم پىكىر بەرگەندەك ئەمەس ئەسلىدە تىل بولىقى قوشۇلغاندىكىن بىرتال فونىتمۇ تەڭ قوشۇلىشى كىرەك ئىدى مەن تېخى شاۋمي6گەنىمانداق كەلمەيدىغاندۇ دەپتىمەن يېڭلاش ئۇچۇرىنى
ئەجەپ ياخشى بۇپتۇ شاۋمىنىڭ تەرەققىياتى كۈندىن كۈنگە تېز بولۇۋاتىدۇ،دۆلىتىمىز يانفۇنچىلىقىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن
ghaye يوللىغان ۋاقتى2017-7-27 12:12
يوقچۇنكى فونىت قوشۇش توغۇرىسىدا ھىچكىم پىكىر بەرگەند ...
فونت قوشۇش ھەققىدە پىكىر بەرمىگەننى قانداق بىلدىڭلا؟ پىكىر بەرگەنگىلا قوشۇلۇپ قالىدىغان ئىش يوق. فونتنىڭ نەشر ھوقۇقى مەسىلىسى باركەن. خوڭمى note4x كە ھېچ يېڭىلاش ئۇچۇرى كەلمەيدىغۇ
دوسلا小米4cغا قاچان يىڭىلاش ئۇچۇرىكىلەmiui9نىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدىغان چاغ قاچانمۇ كىلەئالدىراۋاتىمە& hellip;
فونىت قوشۇلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى alip يوللىغان ۋاقتى2017-7-27 12:32
فونت قوشۇش ھەققىدە پىكىر بەرمىگەننى قانداق بىلدىڭلا؟ ...
ئوۋكەچۇرۇڭ ئالىپكانەشىر ھوقوقى مەسىلىسى بارلىقىنى ئەمدى بىلدىمبولسا مۇشۇ ھەقتە ئازىراق چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز بىلىۋالساقفونىت ھەقسىز تۇرسا؟