2595922642 يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 11:36:57

تىلگىراف ئابۇنتلىرى 10 يۈەنگە 1G ئېقىم ئېلىۋېلىڭ

تىلگىرا ئابۇنتلىرى 1Gئىقىمغا ئىرىشىش ئۈچۈن سىز جۇڭگو تېلگىرافىنىڭ پەقەت شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئابونىتلىرى ئۈچۈنلا ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە تىجارەت زالى ئەپ دېتالىنى ئاندرويىد تىلفۇنىڭىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز.(بۇ ئادرېسنى بىسىپ ئەپنى چۈشۈرۈڭ)


چۈشۈرۈش




ئىككىنجى قەدەمدە : چۈشۈرگەن ئەپ دىتالىنى ئىچىپ يانفۇن نۇمىرڭىزنى كىرگۈزۈپ تەستىق كودىغا ئىرشىشنى باسقاندىن كىيىن تىلفۇنىڭىزغا كەلگەن ئۇچۇرنى كىرگۈزۈپ كىرىش كونۇپكىسىنى باسىسىز .


ئۈچۈنجى قەدەمدە: يانفۇن تېجارەت زالى دېتالىنى قوزغىتىمىز (كۆرۈنۈش ھالىتى 3-رەسىمدىكىدەك). دېتال نورمال قوزغالغاندىن كىيىن ئوڭتەرەپ ئۈستى بۇرجەكتىكى (قىزىل رامكا كۆرسىتىلگەن) بەلگىسىنى بېسىپ, تىزىملىتىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز.


تۆتىنجى قەدەمدە: تىزىملىتىش كۆزنىكى ئېچىلغاندىن كىيىنئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجەكتىكى( قىزىل رامكا بويالغان)بەلگىسىنى بېسىپ,   تىزىمغا ئالدۇرۇشنى دەلىلەش كۆزنىكىنىئاچىمىز.

بەشىنجى قەدەمدە: تىزىمغا ئالدۇرۇشنى دەلىلەش كۆزنىكى ئېچىلغاندىن كىيىن, ئابونىت يانفۇن نۇمۇرىنى ۋە ئابونىت مەخپى شېفىرىنى كىرگۈزۈپ, ‹كىرىش› كونۇپكىسىنى بېسىپ مۇقىملاشتۇرىمىز.

ئالتىنجى قەدەمدە: تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن, يەنە باش بەتكە قايتىپ, ‹كەسىپ بېجىرىش›(业务办理)دىگەنئىقتىدار كونۇپكىسىنى چىكىپ, ئېقىم مىقدارى ئېتىبار كەسىپلىرىنى تاللاش كۆزنىكىنى ئاچىمىز.

يەتتىنجى قەدەمدە: كەسىپ بېجىرىش كۆزنىكى ئېچىلغاندىن كىيىن, ‹‹ئالاھىدە ۋاقىتتىكى يانفۇن ئېقىم مىقدارى بولىقى›› (闲时流量包)دىگەن تۈرنى چىكىمىز.

سەكىزىنجى قەدەمدە: ‹ئالاھىدە ۋاقىتتىكى يانفۇن ئېقىم مىقدار بولىقى› دىگەن تۈرنى چەككەندىن كىين, ئاستىدا 10يۈەنگە G1 ئېقىم مىقدارىنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ئوڭ تەرەپتىكى ‹دەرھال سېتىۋىلىش›(立即订购) كونۇپكىسىنى چەكسەك, بۇ ئېتىبار بولىقىدىن بەھرىمان بولالايمىز.
10يۈەنگە G1 ئېقىم مىقدارى بولىقىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى:
ھەر ئايلىق ئىقتىدار ھەققى 10يۈەن, ئالاھىدە ۋاقىت(بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 00: 1دىن باشلاپ 00: 9غىچە) ئىچىدە G1 ئېقىم مىقدارىدىن بەھرىمان بولىسىز. بۇرۇن بېجىرگەن ئېقىم مىقدارى بولىقى ياكى ئېقىم مىقدارىنى ھەسسىلەش ئېتىبار بولىقى بىلەن تەڭلا بىجىرگىلى بولىدۇ. بۇ كەسىپنى بېجىرگەن ئايدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇپ, ئايلىق ئىقتىدار ھەققى بىر قېتىمدىلا سۆزلىشىش ھەققىدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئەمەلدىن قالدۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا, كىيىنكى ئايلاردىمۇ ئوخشاشلا بەھرىمان بولالايسىز. كەسىپنى بېجىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ G1ئېقىم مىقدارىدىن بەھرىمان بولالايسىز. كەسىپ بېجىرىشتىن بۇرۇپ كىلىپ چىققان ئېقىم مىقدارى بىلەن يىيىشتۈرۈشكە بولمايدۇ.

سەمىمى ئەسكەرتىش:
ئابونىتلار ‹‹كەسىپ بېجىرىش›› كونۇپكىسىنى چىكىپ يېڭى بەتكە كىرگەندىن كىيىن, ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن يەنە ‹‹ئۆلچەملىك ئېقىم مىقدارى بولىقى››(全国流量包), ‹‹ئېقىم مىقدارى ئېتىبار بولىقى››(流量促销包), ‹‹ئېقىم مىقدارى ھەسسىلەش بولىقى››(流量加油包), ‹‹مەخسۇس كەسىپ ئېقىم مىقدارى بولىقى››(定向流量包)قاتارلىق ھەر خىل ئېقىم مىقدارى ئېتىبارىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ماس ھالدىكى كونۇپكىنى چەكسىڭىز ئاستىدا تەپسىلى چۈشەندۈرىلىشى كۆرۈنىدۇ.

tuman0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 12:43:02

رەھمەي

0999ali يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 12:53:41

بىرلەشمىنىڭمۇ بارباللا، 10كويغا ، 1.5 G    ئىقىم بىرىدىغان پائالىيىتى، خەۋەردار بوپ قىلىڭلار ، 4ج ئابونىتلىرى ئۈچۈن   ،پايدىلىنىپ قىلىڭلار،…

0999ali يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 12:55:49

ھە راس يانفۇن تىرمىنالنىچۈشۈرىسىلەر ھە

mustafa007 يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 13:24:29

ئۇ تورئېقىمنى ئەتكۈزۈپ قاساق 10000تېلفۇن قىلامدۇق

dastur يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 13:27:58

ھەر ئىككىلىڭلارغا رەھمەت......:P:P:P

ئوماق يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 13:31:46

رەھمەت،كۈندۈزىمۇ ئىشلەتكىلى بولغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە...

gulum4444 يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 13:32:21

0999ali يوللىغان ۋاقتى2015-8-11 12:53
بىرلەشمىنىڭمۇ بارباللا، 10كويغا ، 1.5 G    ئىقىم بىرىدىغ ...

بىرلەشمىنىڭ 2ج3ج ئابونىتلىرىغىمۇ يوقما 10كويغا1.5 G      ئېقىم

parlan يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 13:32:32

ھەر ئايلىق 10يۇەن مىكەن ياكى مۇشۇ بىر ئايلىق پائالىيەتكىمكەن بۇ؟

kainam يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 13:54:51

بۇ كۈندۈزى ئۇخلاپ كېچىچە تېلفۇن ئوينايدىغانلارغا مەس كىلىدۇ، بۇرۇن بىكالىق ئىدى، ئەمدى پۇللۇق قىلۋاپتۇ، شۇنداقتىمۇ رەھمەت تېما ئىگىسىگە

elijan2 يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 14:23:41

تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت

تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر تىما ئىگىسى كەچۈرۈڭ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يوللاپ قالدىم
مەن شىياۋمى 4 تىلىگىراف نۇسقسىدىن بىرنى سىتىۋالغان سىتىۋالغاندا 3تورلۇق دىگەنتى تىلىگىراف كارتىسى سىلىپ ئىشلىتىۋاتقان لىكىن تىلىگىرافنىڭ كارتىسىدىن باشقىنى تونىمىدى دوسلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى سورايمەن 3تور قوللامدۇ ياكى تىلىگىرافنىلا قوللامدۇ شۇنى بىلەلمىدىم تورداشلارنىڭ ياردەم قىلىشنى سورايمەن

بۈركۈت11 يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 14:33:34

سىز بەك مۇرەككەپ يوللىۋىتىپسىز ، بەكلا ئاسان يەنى 10001 گە 99 نى يوللىسىڭىز ، Y ھەرپى قۇشۇلغان 6 خانىلىق سان ئەۋەتىدۇ ،سىز شۇ 6خانىلىق سان بىلەن Y ھەرپىنىقايتۇرسىڭىز پۈتتى دىگەن گەپ ،كىچىلىك ئېقىم ، ئاۋۇ ئۇسۇلدا ئالالمىغانلار مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئالساڭلار بۇلىدۇ ، قاچان ئالىمەن دىسەڭلار ئالالايسىلەر ، خىلى ئۇزۇن ۋاقىت يولغا قۇيۇلىدىكەن بۇ پائالىيەت ، لىكىن ئايدا بىر قېتىم ئالالايسىلەر ، سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن ..

电脑爱好者 يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 14:37:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   电脑爱好者 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-8-11 14:38

elijan2 يوللىغان ۋاقتى2015-8-11 14:23
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت

تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر تىم ...

مەنمۇ شىياۋمى4نىڭ تېلگىراف نۇسخلىقىنى ئىشلتىۋاتىمەن، بۇ تېلفۇن بىرلەشمىنىڭ 3جى،4جى تورلىرىنىمۇ قوللايدۇ، مەن بىرلەشمىنىڭ 3جى تورىنى سىناپ باققان، سىز ئەڭ ياخشىسى سېستىمىنىڭ ئېچۋېتىلگەن نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، قاچىلاڭ، WWW.miui.com، مۇشۇ توردىن چۈشۈرۈپ قاچلىسىڭىزلا بۇلىدۇ. سىزنىڭ بۇ تېلفۇن ئېنىقلا 3تور قوللايدۇ.

elijan2 يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 14:43:36

电脑爱好者 يوللىغان ۋاقتى2015-8-11 14:37
مەنمۇ شىياۋمى4نىڭ تېلگىراف نۇسخلىقىنى ئىشلتىۋاتىمەن ...

رەھمەت سىزگە مەن خەنزۇچىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيىتتىم يانفۇندىلا قاچىلىغىلى بولامۇ ياكى سىز چۈشۈرۈپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم چ چ2974909466

elijan2 يوللانغان ۋاقتى 2015-8-11 14:51:34

بۇشۇ بولسا قايسىسىنى تاللاپ چۈشۈرىمەن
بەت: [1] 2 3 4 5
: تىلگىراف ئابۇنتلىرى 10 يۈەنگە 1G ئېقىم ئېلىۋېلىڭ