قاتتىق دېسكىنى تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش قورالى
ئەسكەرتىش : تېما ئاخىرسىدا چۈشكەن سۇئاللارغا قاراپ تمىدا ئەسكەرتىش بېرىشنى لايىق كۆرۈپ تېمىنى تەھرىرلەپ بۇ ئەسكەرتمىنى يېزىۋاتىمەن .تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش يۇقىرى دەرىجىلىك مەشغۇلاتقا تەۋە ، ئويناپ باقىدىغان ياكى مۇنداقلا قىلىپ باقىدىغان ئىش ئەمەس ، ئەقىل كۆرسەتكۈچى 25 دىن يۇقىرى ، كومپىيۇتېر قاتتىق يۇمشاق دىتاللىرىغا بولغان تونۇشى بىر قەدەر چوڭقۇر بولغانلاردىن باشقىلار ئەڭ ياخشى بۇ مەشغۇلاتنى قىلماڭلار .
بىر تال ئەتۋېرىتكە ، ئىككى تال مىخ ، ئۈچ تال ئامبۇرنى كاسسا يانچۇقىغا قىستۇرۇپلا كومپىيۇتېر دۇكىنى ئاچتىم دەپ تەييار دېسكىنى سېلىپ سېستىما قاچىلاپ بېرىدىغانلار ياكى ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قېلىڭلار .
كۆپىنچە دوستلىرىمىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان قاتتىق دېسكىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ھەر خىل تەكرار ئوقۇش يېزىش ياكى ھەر خىل بېسىمدىكى ئېلىكتىر ئېقىمى كىرىپ چىقىش داۋامىدا خىزمەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن . بۇنداق چاغدا يېڭىدىن دېسكا سېتىۋېلىشنىڭ ئانچە زۆرۈريىتى يوق . سىز ئەگەر بىر سەۋىرچان ئادەم بولسىڭىزلا دېسكىنى تۆۋەن دەرىجلىك فورماتلىۋەتسىڭىز بولىدۇ .
ئەسكەرتىش : تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلانغان دېسكىدىكى ماتىرياللارنى ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولمايدۇ .
تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش دېگەن نىمە : تۆۋەن دەرىجلىك فورماتلاش بولسا ، دېسكىدىكى ماتىرياللارنى تازلاپ زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇردىغان مەشغۇلاتتۇر . تۆۋەن دەرىىجىلىك فورماتلاش داۋامىدا بۇزۇلغان سېكتورلارنى رىمونتلاپ ، ماگىنتلىق دېسكا سېكتورىنى قايتا تەقسىملەپ يېڭى دېسكا ھالىتىگە ئەكىلىدۇ .
تۆۋەندە مەن سىلەرگە ئۆزى يىنىك ، ئىشلىتىش قولاي ۋە تىزىملاش نومۇرى تەمىنلەنگەن تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش قورالىنى تەمىنلىمەكچى . (ئەسلى ھەقلىق سېتىۋېلىش كېرەك ئىدى ، بۇ يەردە بۇ ئەخلاقسىزلىقىم ئۈچۈن ئەسلى دىتال ئاچقۇچىدىن كەچۈرۈم سورايمەن ھە بارچە دوستلارغا ئۆزرە ئېيتىمەن ، مۇمكىن بولسا ھەقلىق دىتال ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.)
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
1-قەدەم
2.قەدەم
3-قەدەم
4-قەدەم
تېما ئىگىسىمۇ دەپتۇ، مەن يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قوياي.
قاتتىق دېسكىنى تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش خەتەرلىك مەشغۇلات. ئادەتتىكى فورماتلاشقا ئوخشىمايدۇ. ۋاقىتمۇ كۆپ كېتىدۇ. قاتتىق دېسكا تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلانغاندىن كېيىن بارلىق سانلىق مەلۇمات، ھۆججەتلەر مەڭگۈلۈك ئۆچىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
شۇڭا سىناپ باقاي دەپ قولۇڭلارنىڭ ئۇچىدىلا بۇ مەشغۇلاتنى قىلماڭلار. قاتتىق دېسكىنى ھەقىقەتەن تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش زۆرۈر بولسا ئەستايدىللىق بىلەن چۈشىنىپ تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىڭلار.
بۇ سەۋەبتىن قاتتىق دېسكاڭلاردىكى مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار ئۆچۈپ كېتىپ ئەسلىگە كەلتۈرەلمىسەڭلار تېما ئىگىسى ياكى ئالپ تورى مەسئۇل بولمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا axikbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-4-11 15:38
رەھمەت سىزگە بۇ ياخشى تېما بوپتۇ ،
بۇ تازلاش كومپىيۇتېرنىڭ سىستېمىسىنىمۇ بىراقلا تازلىۋىتەمدۇ يوق ؟
ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا سىزدىن سوراپ باقسام مەن بۇ 500G لىق قاتتىق دىسكىنىڭ ھەممىنى تازلايمەن دەپ بۇيرۇق بەرسەم تازلاش يىرىم بولغىچە كومپىيۇتېر سىستېما بۇزۇلدى دەپ خاتالىق كۆرۈلۈپ تاقىلىپ قالمايدىغاندۇ ؟؟ قاتتىق دىتالدىن چاتاق چىقىپ ئىچىلمىغان كومپيۇتېر قىپدىن چىقاىغان كومپيۇتېر غا قاچلىيالايتىم توۋا مەن ئاخشام تېخى مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىپ بىر قاتتىق دېسكىنى فورماتلىغانتىم، بۈگۈن بۇ يەرگە يوللىنىپتۇ. ھەقىقەتەن سىغىمى كىچىك ،ئۆزى يەڭگىل ياخشى دېتال… ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم رەھمەت سىزگە چۈشمەيدىغۇ بۇ دىتال ئىچىلمىغان كومپيۇتېر غا سىستىما قاچلاپ باققانلار بارمۇ 14527885517 يوللىغان ۋاقتى2017-4-11 14:42
ئىچىلمىغان كومپيۇتېر غا سىستىما قاچلاپ باققانلار بارم ...
مېنىڭچە بۇ سۇئالىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ چۈشەنمىدىڭىز سىستىما بوپ ۋىروستىن ئىچىلمىغان كومپيۇتېر غا سىستىما قاچلاپ باققانلار بارمۇ دىمەكچى 14527885517 يوللىغان ۋاقتى2017-4-11 14:55
سىستىما بوپ ۋىروستىن ئىچىلمىغان كومپيۇتېر غا سىستىما...
ئېچىلمىغان كومپىيۇتېر دېگىنىڭىز قېپىدىن چىقارمىغان كومپىيۇتېرمۇ ؟ ياكى قاتتىق دىتالدىن چاتاق چىقىپ قوزغالمىغان كومپىيۇتېرمۇ ؟
سېستىما بوپ دېگەن نىمە گەپ ؟
ۋىرۇستىن ئېچىلمىسا قانداق بولىدۇ ؟
رەھمەتنىمدىگەن چۈشنۈشلۇك تىمابۇرەھمەت تىما ئىگسى قاتتىق دىتالدىن چاتاق چىقىپ ئىچىلمىدى ۋىروسنىڭ يامانلىقدىن 14527885517 يوللىغان ۋاقتى2017-4-11 15:35
قاتتىق دىتالدىن چاتاق چىقىپ ئىچىلمىغان كومپيۇتېر قىپد ...
ئالدى بىلەن سىزنى مۇبارەكلەيمەن قالتىسكەنسىز ، كومپىيۇتېرنى قېپىنى ئاچماي ، توكقا چاتماي ، ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز - ئارا ئۇلىماي تۇرۇپ سېستىما قاچىليالىغان بولسىڭىز كاتتا ھۈنىرىڭىز باركەن . ، مېنىڭچە بۇ ئالەمدە شۇنداق قىلالايدىغان ئادەم پەقەت سىزلا بولۇشىڭىز مۇمكىن .
سۇئالىڭىزغا كەلسەك، قاتتىق دىتالدىن چاتاق چىقىپ قوزغالمىغان كومپىيۇتېرغا سېستىما قاچىلاش ئۈچۈن قايسى قاتتىق دىتالدىن چاتاق چىققانلىقىنى ئېنىقلاپ شۇ قاتتىق دىتالنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى رىمونت قىلدۇرۇڭ . بۇ ئۇسۇلدا تىلىفۇننىممۇ تازىلىغىلى بولامۇ؟بەزىدە قولىمىزدىكى تىلىفۇننى سىتىۋەتمەكچى بولساق ئىچىدىكى بەزە مۇھىم شەخسى ھۆججەتلەرنى تولۇق ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان قىلىپ تازىلىۋىتىشكە توغرا كىلىدىكەن