ilterish يوللانغان ۋاقتى 2015-10-25 02:16:33

visual studio 2015 نى قاچىلاشدىن ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپ ئەھلى كەمىنە ئىلتەرىشدىن ھەممىڭلارغا سالام .

شۇ تاپدا يېرىم كېچە بولسىمۇ مەزكۇر تېمىنى يېزىشقا مەجبۇر بولماقتىمەن چۈنكى ئىككى كۈن ئىلگىرىبىر دانە پىروگرامما ئەندىزىسى كاللامغا كەلگەن ئۇنى يېزىۋىتەي دىسەم visual studio 2015 قەتتتتتتتتتتتتتتتى قاچىلانمىدى ، شۇ تاپدا ئەشۇ ئەندىزە ئۇچۇپ كىتەيمۇ دەپ قالدى.
قاچىلاش ئۈچۈن قىلمىغان ئىش ، مۇراجەت قىلمىغان بەيدۇلا قامماي يەنە قىلمىغان بىرەر ھۈنەر بارمىدۇ دەپ سىلەرنى ئاۋارە قىلىش ئۈچۈن كەلدىم .
ھە راس مەن چىققان خاتالىقنى كۆرسىتىشدىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى قاچىلاش جەريانىمنى دەۋىتەي.
1.تۇنجى بولۇپ توردىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ قاچىلايدىغان نۇسخسىنى نەچچە رەت قاچىلىدىم بوممىدى.
2.يەنە بومممايisoھالەتدىكى قاچىلاش بولىقىنىمۇ سىناپ باقتىم چىققان خاتالىق ئوخشاش.
پەرىزىم :
1.ۋىندۋوس 10 دا مۇشۇنداق ئەھۋاللار ئاندا ساندا ئۇچراپ قالىدىغان ئوخشايدۇ،ئالىم ئەھەت مۇئەللىممۇ ۋىندوۋس 10 غا قاچىلاپتۇ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ھىچ بىلەلمىدىم....
چىققان خاتالىق تۆۋەندە :

ئەمسەجاۋابىڭلارنى ساقلايمەن ؛

ئەسكەرتىش:دەرىجە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يوللىنىدىغان قۇرۇق ئىنكاس ۋە بەزى بىر تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلار بولۇنماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى 2015-10-25 11:58:17

قاچىلاش بولىقىدا مەسىلە كۆرۈلدى دەپ چىقىپتىغۇ. مەنمۇ win10 غا vs2015 نىڭ نورمال قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن. بولاقنى يىشىپ، قاچىلاش پروگراممىسىنى باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيەتتە سىناپ بېقىڭ. يەنە بولمىسا سىستېمىنىڭ يېڭىلانمىلىرىنى يېڭىلاپ، ئاندىن سىناپ بېقىڭ.

شەرەر يوللانغان ۋاقتى 2015-10-25 11:59:02

   مەنمۇ بۇ دېتالنى قاچىلىغاندا مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇققان، ھەل قىلىش ئۇسۇلى كومپىيوتېرىڭىزنى مۇقىم تورغا ئۇلاپ بىرىنچى تۈر(بولاقنى Internetتىن چۈشۈرۈش)نى تاللاپ قايتا سىناش دېسىڭىز، دېتال ئۆزى لازىملىق نەرسىلەرنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ باسقۇچقا سەل ئۇزۇنراق ۋاقىت كىتىدۇ. يەنە بىرگە بۇ ئارلىقتا تورنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا كېرەكلىك بولاقنى قايتا چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ.
   ئاخىرىدا سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

rixtam يوللانغان ۋاقتى 2015-10-25 12:00:50

مەنمۇ مۇشۇ مەسلىگە يولۇققان ،ئىنتىرنىتتىن چۈشۈرۈشنى تاللىساممۇ خاتالىق چىقىپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىم.

aslima998 يوللانغان ۋاقتى 2015-10-25 13:54:26

مەنWindows7 گەقاچىلساممۇشۇنداقچىقىۋىلىپWindows8 گەئالماشتۇرۇپقاچىلسامنورمالقاچىلانغان .

تەۋەككۇل يوللانغان ۋاقتى 2015-10-25 16:20:33

ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بىر دەرسىدە كۆرگەندەك قىلغانىدىم مەن. ئاشۇ دىتالنى قاچىلاشنى.

alptegin يوللانغان ۋاقتى 2015-10-25 19:21:04

ئاۋۇ نەرسىنى D دىسكىغا قاچىلىمايلا، جەزمەن C دىسكىغا قاچىلاشلىرى كېرەك.

kainam يوللانغان ۋاقتى 2015-10-26 19:55:13

ئالىم مۇئەللىم دەرسىلىكنىڭ بېشىدا قاچىلاشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپتىكەنغۇ ئىلتەرشكا

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2015-10-28 22:14:20

kainam يوللىغان ۋاقتى2015-10-26 19:55
ئالىم مۇئەللىم دەرسىلىكنىڭ بېشىدا قاچىلاشنىڭ قەدەم با ...

بولدىھەل بولدى رەھمەت
بەت: [1]
: visual studio 2015 نى قاچىلاشدىن ياردەم سورايمەن