alip يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 10:11:33

445 تور ئېغىزىنى تاقاش ئۇسۇلى

تۆنۈگۈندىن باشلاپ ONION勒索比特币 دەيدىغان كومپىيۇتېر ۋىرۇسى يەر شارى مىقياسىدا يامراپ نۇرغۇن كومپىيۇتېرغا يۇقۇپ، پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. جۈمىلىدىن پۇل-مۇئامىلە ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كومپىيۇتېرىنىمۇ يۇقۇملاندۇردى. رايونىمىزدىمۇ بۇ ۋىرۇستا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. بۇ ۋىرۇستا يۇقۇملانسا كومپىيۇتېردىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنى قۇلۇپلاپ قويۇپ 300 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا پۇل بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بولمىسا زۆرۈر ھۆججەتلەرنى ئاچقىلى بولمايدىكەن. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ھېچقايسى ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش دېتاللىرى ئۆلتۈرەلمەيدىكەن. رەسىم، ئارخىپ ھۆججىتى، پىرىسلانغان ھۆججەت دېگەندەك بارلىق ئارخىپ ھۆججەتلىرىگىمۇ يۇقىدىكەن. (بۇرۇنقى ۋىرۇسلار پەقەت exe دېگەندەك ئىجرا ھۆججەتلىرىگىلا يۇقاتتى)

مىكروسوفت دەرھال مۇناسىۋەتلىك ياماق چىقاردى. بۇ ھەقتە تۆنۈگۈن ئالپ تورىدا مەخسۇس يازما يوللىغان، شۇ بويىچە ياماق يامىۋەتسەڭلار ھەم تۆۋەندە دېيىلگەن ئۇسۇل بويىچە، 137,139، 445 تور ئېغىزنى چەكلىۋەتسەڭلار بۇ ۋىرۇس ھۇجۇم قىلالمايدىكەن. ھازىرچە بۇ ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى مۇشۇ شۇ.
ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تور باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ ئىشقا جىددى قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى.

近日,全球爆发基于Windows系统进行传播的勒索病毒,用户受感染情况严重。为保障网络安全,请及时更新Windows安全补丁,备份重要资料,关闭445端口。(自治区党委网信办、新疆通信管理局宣)


بۇ ۋىرۇس بۇرۇنقى كومپىيۇتېر ۋىرۇسلىرىغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا كومپىيۇتېر ئىشلىتىدىغان ھەممە ئادەم دىققەت قىلىشى كېرەك.
بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن بىر قانچە كۆرۈنۈش:






يۇقىردا دېيىلگەندەك بۇ ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ۋىندوۋسنىڭ بىخەتەرلىك يامىقىنى ياماشتىن باشقا 445 تور ئېغىزنى تاقاش كېرەك.
445 تور ئېغىزنى تاقاش (Windows共享 نى چەكلەش) ئۇسۇلى:
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كومپىيۇتېرنىڭ تور كارتىسنىڭ خاسلىقىنى ئېچىپ، (控制面板\网络和 Internet\网络连接) رەسىمدىكى قىزىل سىزىق سىزىپ قويغان ئىككى تۈرنىڭ ئالدىدىكى يەنى، Microsoft 网络客户端 بىلەن Microsoft 网络的文件和打印机共享 نىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ، جەزملەشتۈرۈپ كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل windows 7 , windows 10 غا ماس كېلىدۇ.

137,139 تور ئېغىزنى تاقاش (netbios نى چەكلەش) ئۇسۇلى:
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك IP ئادرېس يازدىغان يەرنى ئېچىپ، 高级 نى بېسىپ، ئاندىن WINS بېتىنى ئېچىپ، ئاستىدىكى禁用TCP/IP上的NetBIOS نى تاللاپ جەزملەشتۈرۈپ، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.

ئەڭ ياخشىسى كومپىيۇتېردىكى مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىزنى كۆچمە دېسكا، بارماق دېسكا دېگەندەك سىرتقى ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىگە زاپاسلىۋېلىڭ؛ يۇقارقىلارنى قىلىپ بولالمىسىڭىزۋاقتىنچە كومپىيۇتېرىڭىزنى توردىن ئۈزىۋېتىپ تۇرۇڭ.

RIXTA0998 يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 10:24:57

رەھمەت سىزگە ، ئالىپ ئەپەندى ، ئەسكەرتكىنىڭىزگە ئالاھىدە رەھمەت.

foxtpdf يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 10:37:11

ماڭىمۇ كەپتىكەنمۇشۇ ئۇچۇر نىمىش بوغاندۇ دەپ قالغان ئىدىم .

520JAWLAN520 يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 10:54:52

رەھمەت ئالىپ ئەپەندى مومكىن بولسا ئاشۇ تور ئېغىزنى ئىتدىغان تەلەي يامقى يامايدىغان ئىشلارنى كىچىك سۈرەتلىك قىلپلا چقىرىپ قويسىڭىز نۇرغۇن ئادەملە كومپىيۇتىر ئىشلەتكەن بېلەن بۇنداق ئقتىدارلانى بىلمەيدۇ ئاددى قاراپ

sirlikaqkuq يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 10:56:07

مىنىڭ كومپيۇتېرىم يوق !!كومپيۇتېرى بار قېرىنداشلىرىمىز بەكرەكدىققەت قىلسابولغىدەك ؟؟

MAHMUDJAN2764 يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 11:07:10

بۇ ئادەەتتىكى ۋىروس ئەمەس ، كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت قىلشىنى تەكىتلەتمەن، پۈتۈن خەلقىرا بويىچە بۇ ۋىروسنىڭ ھۇجىمىغا ئۇچرىغانلار بەك كۆپ ،科技美学 دىگەن سالۇندىمۇ ئاۋازلىق ھەم سۈرەتلىك قىلىپ ئالىدە ئەسكەرتمە ۋە ئالدىنى ئىلىش تەدبىرىنى يوللىدى ، يۇقۇملىنىپ بولغان ئۈسكۈنلەرنى پۈتۈن دىسكىنى فورماتلاش ئىلىپ بىرىپ قايتا سىستىما يىزىش كىرەك ، ئەگەر سۈپەت كاپالىتى بار بولغان كومپىيوتىر بولسا زاۋۇت ھالىتىدىكى ھەقىقي نەشىر سىستىمىسىنى ھەقسىز يىزىپ بىردۇ ، ئەسكەرتىش :سىستىما يىزىپ بىردۇ ھەرگىزمۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ ھەم بىرەلمەيدۇ يەنە ھەم قايتۇرۇپ كىلىش مۇمكىن ئەمەس ، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس ھەممەيلەن دىققەت قىللى. سىستىمىنى ئامالنىڭ بىرچە ئەڭ يېڭى نەشىرگە يېڭىلاڭلار ، يېڭىلاش ئوغرى نەشىر ھەم ھەقىقىي نەشىر چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

tirixqan008 يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 11:23:26

بۇ ۋىرۇسنىڭ كۈچى بەك چوڭ ،بۇ ۋىرۇسنى ھازىرغىچە يوقتىدىغان ئۇسۇل يوق ،بىردىن بىر يوقتىدىغان ئۇسۇل ئاشۇلارغا پۇل تۆلەشكەن ،نەزىرىيە جەھەتتە بۇ ۋىرۇس ئارقىلىق مەخپى شىفىر سىلىنغان ھۆججەتنى نەچچە يۈزمىڭ يىلدا يەشكىلى بولىدۇ دەپتۇ ،ئامىرىكا FBI بۈگۈن ئۇختۇرۇش چىقىرىپ بۇ ۋىرۇسنى بۇزغۇچنى30 مىليۇن ئامىركا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى،بۇ ۋىرۇسنىڭ كۈچى قاتتىق كۈچلۈك ئەگەر بۇ ۋىرۇسنى يانفۇنغىمۇ يۇقىدىغان ھەم بارىلىق يانفۇننى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان قىلىپ ياسىغان بولسا چوقۇم دۇنيادا قاتتىق بىر قىتملىق قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقاتتى،ھەمىىڭلار بەك دىققەت قىلىڭلار بۇ ۋىرۇس پۇتكۈل دۇنيا خارەكتىرلىك ناھايىتى كۈچلۈك ۋىرۇسكەن بەك كۈچلۈك

DILKAX8808 يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 11:53:18

سېلىنغان پۇلنىڭ كىمنىڭ ھېساباتىغا كىرگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ۋىروس ياسىغۇچىنى تاپالمامدىغاندۇ؟

tirixqan008 يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 12:09:19

DILKAX8808 يوللىغان ۋاقتى2017-5-14 11:53
سېلىنغان پۇلنىڭ كىمنىڭ ھېساباتىغا كىرگەنلىكىنى تەكشۈ ...

سىز كىچىك بالىدەك تەپەككۇر قىلدىكەنسىز ،شۇنچە كۈچلۈك ۋىرۇسنى ياسىغان ئادەم ئاشۇ شۇنداق ئاسان تاپىدىغانغا يۇچۇق قويۇپ قويارمۇ ،ئۇنداق ئاسان ئىش بولسا FBIبۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئولتۇرمايدۇ ،ئۇنى ياسىغان ئادەم ھىچقانداق يوچۇق قويمقغۇدەك ئىش قىلىدۇ ،بولمىسا ئۇنى ياسىمايدۇ ھەم تارقاتمايدۇ

ئالپ520 يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 12:56:41

بۇۋىروسنىئادەم كەشەپ قىلغانچۇقۇمئادەميىشەلەيدۇ   بۇنۇڭغائىشنىمەن   
بىزئالدىنتەييارلىق كۇرۇپتۇرساقچۇقۇمبۇىروسنى   يوققىلالايدۇمەنئىشنىمەن   دولەتدىگەنيەنلاچوڭ   شەخسىقارقولنىڭھوجمىۋاقىتلىق

15389930046 يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 13:18:10

بۇ ۋىروسنى ياسغان ئادەم تىرلىيادىر بولۇپ كىتە،بىلگايتىسمۇ بۇ ئىشقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلدى ھەقچان

15389930046 يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 13:21:43

دۇنيادا قانچىلىك كومپىيۇتىر با ،قانچىسى تورغا ئۇلاقلىق ئەگەر مۇشۇلارغا ھۇجۇم قىلسا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ھىس قىلغىلى بولمايدۇ،ئەگەر بۇ

Boy卍HEr〇 يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 13:25:58

ھازىر بۇ ۋىروسنىڭ خەۋىپى ئېغىردەك تۇرىدۇ ! تېلفۇنۇمغا 10000 دىن مۇشۇ توغۇرلۇق ئۇچۇر كەپتۇ :funk:
سىز كۆرسەتكەندەك 445 ئېغىزنى تاقىدىم ، لېكىن 138~138 ئېغىزنى تەڭشەيدىغان يەرنى تاپالمىدىمغۇ ! سېستىما ۋىندوس 10 ئىدى

15389930046 يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 13:29:08

ئەگەر بۇنى 445تىن باشقا كىرىش ئىغىزلىرغا كىرگۈزۈپ قويسا بۇنىڭ خەتەرى تىخمۇ يامان ،ئەگەر بۇ ۋىروسخورلار تىلفۇنغا ھۇجۇم قىلسا تىخمۇ يامان ،ئارتۇق گەپ قىلىماي ھەممەيلەن ئۆز ئۆزىمىزگە ئىگە بولۇپ ،يامان نىيەتلىك ۋىروسخورلارنىڭ ئىغىزنى تاقاپ ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلساق ھەممەيلەن تىنىچ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرسەك مۇشۇ ئەڭ چوڭ بايلىق ھەم بەخىت

iskender933 يوللانغان ۋاقتى 2017-5-14 13:52:28

ئەگەر كومپىيۇتېردا مۇھىم ماتېريال يوق ھالەتتە بۇۋىروس يۇقسا ، سىستىما يېزىش ئارقىلىق نۇرمال ھالەتكە ئەكەلگىلى بۇلىدۇ دىگەن سۆز
بەت: [1] 2 3
: 445 تور ئېغىزىنى تاقاش ئۇسۇلى