611 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-19 15:11:02

ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا رۇخسەت يوق




ئاتام تىجارەتچى بولۇپ ، يىقىندا كىسەل سەۋەبلىك قازا قىلدى . ئۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۈندىدار نۇمۇرىنى ئانامنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەنىدى ، چۈنكى ئاتامنىڭ ئۈندىدارىغا بىرقانچە بانكا كارتىسى باغلاغلىق بولۇپ ، خىرىدارلار ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىدا ئاشۇ بانكا كارتىسى نۇمۇرىغا مال پۇلىنى سالاتتى . يۇقۇرقىدەك ئەھۋالاردا ، ئۈندىدار ھىسابات نۇمۇرىنى باشقىلارغا ھەدەدىيە قىلىشقا بولامدۇ ؟ ھەدىيە قىلىشقا بولمىسا ، ئۈندىدار ھەميىنىدىكى قانداق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ ؟ مەسلىھەت بېرىلسە .

ئېلدار ئەپەندى : تېڭشۈن شىركىتىنىڭ   ئۈندىدار ئەپ دېتالى ئىجازىتى ۋە مۇلازىمەت كېلشىمى   نىڭ 7-ماددىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن : بارلىق ئۈندىدار ھىسابات نۇمۇرى ئىگىدارلىق ھوقۇقى تېڭشۇن شىركىتىگە تەۋە ، ئىشلەتكۈچى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن ، ئۈندىدار ھېسابات نۇمۇرىنىڭ پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىرىشىدۇ ھەمدە بۇ پايدىلىنىش ھوقۇقى دەسلەپتە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان شەخىسكىلا تەۋە بولىدۇ .
دەسلەپتىكى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈندىدار ھېسابات نۇمۇرىنى ئىجازەت ئالمىغانلارغا ھەدىيە قىلىش ، ئارىيەت بىرىش ، ئىجارە بىرىش ۇاكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ياكى سېتىپ بېرىشكە بولمايدۇ .
دەسلەپكى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلمىغانلار ھەدىيە ئىلىش ، ۋارىسلىق قىلىش ، ئىجارە ئىلىش قاتارلىق باشقا ھەر قانداق ئۇسۇللار بىلەن ئۈندىدار ھىسابات نۇمۇرىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ . دىمەك ئاتىڭىزنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىنى ئىشلەتمىسەڭلار يۇيۇۋەتساڭلار بولىدۇ ، لىكىن ئانىڭىز ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ، ھەرقانداق بىرىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ ، ئادەتتە ئۈندىدار نۇمۇرى ئىگىسى تەرىپىسىن ئۈچ ئاي ئىشلىتىلمىسىلا ئىگىسى يوق نۇمۇر دەپ قارىلىپ ،ھىسابات نۇمۇرىنى تېڭشۇن شىركىتى قايتۇرىۋالىدۇ . يۇقىرىدىكى بەلگىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا ، ئاتىڭىز ئۈندىدار نۇمۇرى بىلەن شىركەت تەمىنلەپ بەرگەن چىقىم راسخوتى نۇمۇرى ئۆز - ئارا باغلىنىشلىق بولۇپ ئايرىم بولمايدۇ . ئاتىڭىزنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرى ئۆچۈرۋىتىلسە ، ئالاقىدار چىقىم ھىساباتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆچۈرلىدۇ .
سىلەر بۇ ئۈندىدار نۇمۇرى ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتمەيسىلەر . مۇنداقچە ئېيقاندا ، ئۈندىدار ھىسابات نۇمۇرى قايتۇرۇۋىلىنغاندىن كىيىن ، ھەمياندىكى پۇلنى ئالغىلى بولمايدۇ ، ئەگەر ئۈندىدار ساقلانغان پۇلى كۆپرەك بولسا ، تېڭشۇن شىركىتى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە پۇلىڭىزنى ئېلىۋىلىڭ .

بۇ يازما:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى   سالونىدىن ئېلىندى .

oyqan1 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-19 16:09:26

بۇمۇ بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىمكەن

①↘彡びQぴñ/ يوللانغان ۋاقتى 2017-7-19 16:43:32

بىلىپ قويسا بولغۇدەك

ئۇيغۇرr يوللانغان ۋاقتى 2017-7-19 18:06:51

دىمەك ئۈندىدارنى 3 ئايغىچە ئاچمىساقئۈندىدار قايتۇرۋېلىندۇ ،   ھەمياندىكى پۇللارمۇ تىڭشۈنگە كىرىدۇئىگىسىگە ياكى ئائىلە ئەزالىرىغا قايتۇرۇلمايدۇ دىمەكچىكەندە .
ھەريىلى مۇشۇ ئىشتىنلا نۇرغۇن كىرىم بولىدىكەن

abduxkur0998 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-19 18:16:00

ياخشى تىمىكەن

nafritim يوللانغان ۋاقتى 2017-7-19 18:39:53

بۇمۇ بىر ھېساپتا ئىشلەتكۈچىنىڭ ھېسابات بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ شۇڭا بىرسى ئىشلەتكەن ئۈندىدار نومۇرىنى بىرسى ئۆز نامىغا يۆتكىگىلى بولمايدىغان قىلىپتۇ،بۇمۇ ياخشى ئىشكەن

weli يوللانغان ۋاقتى 2017-7-19 22:59:16

ئۈچ ئاي ئىلەتمىسە ئۈندىدار نۇمىرى بىكار قىلىنىدۇ دىگەن گەپ تازا ئىشەنچىلىك ئەمەسمۇ قانداق؟

سەھرا@ يوللانغان ۋاقتى 2017-7-20 09:36:42

ئەگەر ئۈنددار ھساباتغا بانكا كارتسى باغلاغلق بۇسالكن ھەمياندكى پۇلنى كارتغا ئاغدۇرمغان بۇسائۈنددار تۇڭلاپ قاسا پۇلكارتغا ئاغدۇرلامدغاندۇ يا ئۇنمۇيۇتۋالامدغاندۇ

azmat.. يوللانغان ۋاقتى 2017-7-20 14:09:46

ئۇ بۇنداق بولسا ئادىل بوممايدۇ ،ئەگەر ئۇندىدارنىڭ ئەسلى ئىگىسى مەلۇم سەۋەپ بىلەن دوختۇرغانىغا ياكى مەلۇم تەربىيەلەش ئىشلىرى بېلەن ئۇندىدارنى ئاچالمىسا ،.ئۇنىڭ ئۇندىدارىدىكى پۇللار تېڭشۇن شىركىتى تەرپىدىن يوق بوپ كەتسە كىيىن .ئۇ ئادەم بۇ پۇللارنى قايتۇرۇش ئۇچۇن بىھۇدە ئاۋارچىلىق بوپ كەتمەمدۇ ،3 ئاي بەك قىسقا 24 ئاي ياكى 36 ئاي بولسا مۇۋاپىق

13040494496 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-20 21:59:53

مۇشۇ بانادامەنمۇ ئاكامنىڭ ئۈندىدارى توڭلاپ قىلىپ ئىھتىياتسىز لىقتن ئۈندىدار نى يېڭىدىن ئېچىپ قۇيۇپ ئىچىدىكى 2مىڭ كويدىن كۆپرەك پۇل يوق بۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ تىڭشۈننىڭ مۇلازىمىتى بىلەن
الا قىلاشسا بولاتتىكەنتۇق لىكىن خەنزۇچە سەۋىيە يوقئالا قىلقشاممىغان ئۇندىن باشقا ئامال بارمىدۇدوسلا

sadda(boy)006 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-20 23:23:59

3ئاي دىگەن بىكا گەپ ، مىنىڭ ئەجەپ يۇيلۇپ كەتمىدىغۇ ، مەن ئۈندىدار نۇمۇرۇمنى يۇيۋىتەلمەي ئاۋارە ، باشقا ئامال يوقمىدۇ

Uyhackerjan يوللانغان ۋاقتى 2017-7-27 12:02:54

ئۈندىداردا قالغان پۇلغا نىسبەتەن چوقۇم بىر قانۇن چىقىرىشى كىرەك.
يا ساخاۋەت ئورنىغا ھەدىيە قىلىش
......دېگەندەك ئىشلەتكۈچى تاللايدىغان قانۇنىي تۈر چىقىرىپ ،ئەگەر ئىشلەتكۈچى ئۆلۈپ كەتسە ياكى ۋەھاكازا....
شۇ تاللىغان تۈر بويىچە قانۇنلۇق بىرتەرەپ قىلىشى كىرەك دەپ قارايمەن.
بىرەيپەننىڭمۇ 3000يۈەن پۇلى يوق شۇ سەۋەپتىن.
بۇ تېڭشۈننىڭ قانداق ھىيلىسى.
قوغدايمىز دەپ مۇشۇنداق چالا ئىش قىلسا.
بەت: [1]
: ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا رۇخسەت يوق