小米 نىڭ ھەقىلق ئۇسلۇبىنى ھەقسىز ئىشلىتىش
MIUI روملىرى ئەسلىدىنلا چىرايلىق سىپتا لايىھىلەنگەن بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان تورداشلار يانفۇنىنىڭ كۆرۈنىشىنى يەنىمۇ ئۆزگىچە بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . گەرچە MIUI روملىرىدا كۆپلىگەن ھەقسىزئۇسلۇپلار تەمىنلەنگەن بولسىمۇ بىراق بىزگە ياقىدىغان ھەقىقى ياخشى ئۇسلۇبلار ھەقلىق ، كۆپىنچىسى 6 يۈەن ھەتتا 9 يۈەنلىكلرىمۇ بار . شۇڭا بىزدەك توردۇنياسىدىكى بىكارلىق نەرسىلەرگە كۆنۈپ قالغانلار ياكى نامراتلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە بۇ ئۇسلۇبلارنىمۇ ھەقسىز قىلىپ ئشلىتىش ياخشى تاللاش ، ( جۈملىدىن مەن شۇنداق) ، شۇنداقمۇ يا! تورداشلار ،ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك ئىلگىرىمۇ ئالىپ تورىغا MIUI ھەقلىق ئۇسلۇبىنى ھەقسىز ئىشلىتىش ئۇسۇلى يوللانغان ، ئۇنىڭدا ھەقلىق ئۇسلۇبنى چۈشۈرۋىلىپ ، سىناق ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىپ ، ئۇسلۇبنى قوزغاتقاندىن كىيىن چۈشۈرگەن ئۇسلۇبنى ئۆچۈرۋەتسەك ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇسلۇب داۋاملق ئىشلەۋىرىدۇ دىيىلگەن ، لىكىن مەن كۆپلەپ سىناق قىلىپ شۇنى بايقىدىمكى ، بۇ خىل ئۇسۇلدا بىرلا ئۇسلۇبنى بىر مەزگىل ئىشلىتىشكە بولىدىكەن ، يانفۇن قايتا قوزغالسىلا بۇ ئۇسلۇپمۇ يەنە يوق بولىدىكەن ، بەزىدە يانفۇن قوزغالمىسىمۇ بىر قانچە سائەت يانفۇنغا قارىماي ، كىيىن ئاچقىنىمدا ئۇسلۇبنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبقا قايتىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم ، ھەم مەندەك كۈندە بىر يېڭى ئۇسلۇبلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە ھىرىسمەن ئادەم ئۈچۈن بۇ ئۇسۇل تازا قولاي بىلىنمىدى . شۇڭا مەنبۇھەقتە ئىزدىنىپ كۆپلىگەن ھەقلىق ئۇسلۇپلارنى ھەقسىز قىلىپ ئىشلىتىشنى ئويلاپ ئىزدىنىش ئارقلىق MIUI 主题破解器نى چۈشۈرۈپ ، ھەقلىق ئۇسلۇبلارنى يشىشىپ ھەقسىزلەشتۈرگەن بولساممۇ لىكىن بۇ ئۇسلۇبلارنى يانفۇنغا قاچىلىغاندا MIUI 8 ، MIUI 9 سېستىمىلىردا بۇ ئۇسلۇبلارنى ئورگان تورى تەمىنلىمىگەن دەپ قوزغىتىشقا بولمىدى ، مەن يەنىىمۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق قولايلىق ، ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدىن يەنە بىر تېپىپ چىقتىم .
يەنى MIUI 主题编辑器手机版ناملىق بۇ دېتالنى قاچىلاپلا كۆپلىگەن ھەقلىق ئۇسلۇبلارنى ھەقسىز قىلىپ تاللاپ ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم . قىزىقىدىغانلار سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار .
دېتالنى ئىشلىتىشتە ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ياقتۇرغان ھەقلىق ئۇسلۇبتىن بىرنى ياكى بىر قانچىنى چۈشۈرۋالىمىز . ئاندىن كىيىن دېتالنى قوزغىتىمىز . دېتال كۆرۈنىشى
دېتال قوزغالدىن كىيىن مۇرەككەپ خەنزۇتىلى نۇسخسىدا قوزغىلىدۇ .ئاساسى ئېكراندا ئۈچ دانە قىزىل رەڭلىك كۇنۇپكا بار .بىرنچى تۈرنى ئاچساق يانفۇنىمىزغا چۈشۈرۈلگەن بارلىق MIUI ئۇسلۇبلىرى كۆرۈنىدۇ . ئۆزىمىز ھەقسىزلەشتۈرمەكچى بولغان ئۇسلۇبنى تاللايمىز. ئاندىن كىيىن يەنە ئاساسى بەتكە قايتىدۇ . ئاندىن ئۈچىنچى كۇنۇپكىنى باسىمىز . (ئىككىنچى كۇنۇپكىنىڭ نىمە رولى بارلىقىنى بىلمىدىم ، باسسام ھۆججەت باشقۇرغۇچقا كىرىۋاتىدۇ . بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلمىدىم ، ھەم بۇ تۈرنىڭ ھەقسىزلەشتۈرۈشكە تەسىرى بومىغاچقا بەك ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىپ باقمىدىم ) بۇ يەردە يەنە بىرمۇنچە كۇنۇپكىلار بار ، قارايدىغان بولساق بۇيەردىكى كۇنۇپكىلار ئارقىلىق ئۇسلۇپنىڭ تەگلىك ، سىنبەلگىلىرىنىمۇ خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ . لىكىن مەن بۇ يەردە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسنى ئۇسلۇبقا قوشۇۋىتەي دىسەم پەقەت ئېنگىلىزچە خەت نۇسخىلىرلا ئۈنۈملۈك بولىدىكەن ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى گەرچە تاللىنىپ كىينكى قەدەمگە نورمال ئۆتكەن بولسىمۇ لىكىن ئۇسلۇب قوزغىتىلغاندا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يەنىلا بۇرۇنقىدەك تۇرۇۋىرىدىكەن ، يەنە باشقا تۈرلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىغانلار ئۆزۈڭلار سىناپ بېقىڭلار ، بىز يەنىلا ھەقسىزلەشتۈرۈشكە قايتساق ، بۇ بىر مۇنچە كۇنۇپكىلار بار كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى 下一步 كۇنۇپكىسىنى باسساق ئۆزگەرتكەندىن كىينكى ئۇسلۇبنىڭ نامىنى يېڭىدىن قۇيۇش ياكى بۇرۇنقىسىنى ئىشلىتىشنى تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ ، خالىساق بۇ كۆزنەكنى ئۆزگەتسەك بولىدۇ . ئۆزگەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئۆزگەرتمىسىڭىزيانفۇننىڭ ئۇسلۇپ رايۇنىدا ئوخشاش ئىسىمدىكى ھەم ئوخشاش رەسىمدىكى ئۇسلۇبتىن ئىككىسى كۆرۈنۈپ قالىدۇ ، ئۈستىدىكىسى ھەقسىزلەشتۈرۈلگىنى ، ئاستىدىكى بولسا ئەسلىدىكى ھەقلىق ئۇسلۇب ، ئەگەر ئىسمنىى ئۆزگەرتسىڭىز ئۇسلۇب رەسىمى ھەقلىق ئۇسلۇبقا ئوخشاش كۆرۈنگەن بىلەن ئىىسمىدا سىز قويغان ئىسىم كۆرۈنىدۇ ،ئايرىش قولايلىق . ئىسىمنى قويۇپ بولغاندىن كىيىن 完成نى باسسىڭىز ئۇسلۇپ ھەقسىزلەشتۈرلۈپ ئۇسلۇپ رايۇنىغا قوشۇلىدۇ . يانفۇننىڭ ئۇسلۇپ رايۇنىغا كىرىپ 本地 دىن ھەقسىزلەشتۈرۈلگەن ئۇسلۇبنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز ، ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇشمۇ چىقمايدۇ . ھەم تاللىغان ئۇسلۇبىڭىز يانفۇننى قايتا قوزغاتسىڭىزمۇ ياكى قانچە ئۇزۇن ئىشلەتسىڭىزمۇ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ . ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بىر قانچە ئۇسلۇبنى ھەقسىزلەشتۈرۈپ خالىغاندا تاللاپ ، ئىشلتسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ .
ئەسكەرتىش : ئەگەر سىز مەلۇم بىر ئۇسلۇبنى زىيادە ياقتۇرۇپ ، ئۇنى ئىزچىل ئىشلىتىشنى ئويلىغان بولسىڭىز ، يەنىلا ئەسلى نۇسخىىسىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىڭ ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە قىلغان ھۆرمىتىڭىز بولۇپ قالا ،
تېما مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، ئىملا خاتالىقىدىن خالى بولالمىدىم ، ئەپۇ قلاسىلە، يەنە رەسىملەرنى چىقىرىشنى بىلمەيدىكەنمەن ، شۇڭا تەييار قىلغان رەسىملەرنى تىما ئارىسىغا قىستۇرالمىدىم . لىكىن رەسىم بولمىسىمۇ دېتالنى چۈشۈرۋالسىڭىزلا ئىشلىتىش قىيىن ئەمەس ،
ياخشى ھۈنەردىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز ، شىياۋمى يانفونى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان تورداشلار ئەمدى يېڭى يېڭى ئۇسلۇپلارنىڭ خالىغانچە ئىشلىتەلەيدىغان بوپتۇدە ، تىما ئىگىسىگە رەھمەت … مەن ئۈچۈنلا يوللاپسىزھەقلىق ئۇسلۇپلاردىن بىر نەچچىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىنئۇسلۇپ بازىرىغا قارىسا ئۇنىڭدىنمۇ ئاخسا ئۇسلۇپلا ئادەمنىڭ ئىچىنى قىززارتىپ تۇرغان ھەممىسىنى سېتىۋېلىشنىڭ ئورنى يوقتەتىما ئىگىسى ناھايىتى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپسىز رەھمەت يارايسىز قېرىندىشىم ياخشىى ئۇسۇل كەن راستىنى ئىيتسام 小米 تىلفۇنلېرىنىڭ بىر يېرى سۈپەتسىز ، ساختا تىلفۇنلاردەك كۆرۈنەتتى، كىيىن نىمە ئۈچۈنلۈكىنى بايقىسام ئەسلى ئەپ ئايكۈنلېرى بەك يوغان، ئالدى تەرەپ ئېكران ئەتراپى ئاق رەڭدە .تېما ئىگىسىگە رەھمەت. ئاخىرى كىچىكرەك ئايكۇنلۇق ئۇسلۇبقا ئالماشتۇرۋالدىم. MIUI 主题编辑器手机版قەيەردىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ
ئىككىنچى كونۇپكىنىڭ ئىقتىدارى بولسا ئۆزگەرتىلگەن سىرتتىن چۈشۈرگەن ئۇسلۇبلارنى تاللاپ بېرىمىز.ئاندىن ئۈچىنچى كۇنۇپكىنى باسساق بولىدۇقاچىلىنىدۇ. چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلىمەپسىلەغو دوستلىرىڭىزدا ، شىيامى ھەقلىق پىنيىنفونتلىرى بولسا.ئايرىپ ئېلىپ ئىككىنچى كونىپكىدا كۆرسىتىپ بەرسەڭلار ، ھەقلىق فونتلارمۇ قاچىلىنىدۇ. دوستلار تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى.مېنىڭ خوڭ مىبىر تېلېفونۇم ئىدى ، ئاخشام يېڭىلاش ئۈچۈن كېلىپتىكەن ، يېڭىلىغان ئىدىم.miui9غا يىڭىلاندى،تېز يەتكۈزۈش ئىشىكىنى تاپالمىدىم ، قەيەردىن ئېچىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-9-9 10:28
ھەقلىق فونتلارنىمۇ قاچىلىيالايسىز. دوسلار مەن 红米note4xتېلفۇنىمغاmimu 9نىقاچىلسامبولاتتى قاندق قاچىلاشنىبىلمىدىم ،ئېچىۋېتىلگەن سېستىمىسىنى نەدىنتاپقىلىبولىدۇ qaq يوللىغان ۋاقتى2017-9-9 09:43
دوستلىرىڭىزدا ، شىيامى ھەقلىق پىنيىنفونتلىرى بولسا.ئ ...
قايسىڭلاردا ھەقلىق پىنيىن فونتى بار، ئالىپ توىرىدىن چۈشۈرگەن پىنيىن فونتىنى 小米 يانفۇنلارغا قاچىلىغىلى بولمايدىكەن . 小米ئۇسلۇب بازىرىدىن چۈشۈرۋالغان پىنيىن فونتى بارلار بولۇپ قالسا تەمىنلەپ بەرساڭلار بوپتىكەن MIUI 主题编辑器手机版
نى بۇ يەردىن چۈشۈرۋىلىڭ
https://share.weiyun.com/87abdee7894854b1943cf0c88f881b16
چۈشۈرگەندىن كىيىن ئىچىدىن بىر دانە ئەپ ۋە يەنە بىر Androidنامدىكى ھۆججەت قىسقۇچ بار، ئەپنى قاچىلايسىز . ئاۋۇ ھۆججەت قىسقۇچنى يانفۇنىڭىزنىڭ باش مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈپ قويۇپ ، ئاندىن ئەپنى قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . ھۆججەت قىسقۇچنى كۆچۈرۈش جەريانىدا بۇ ھۆججەت ئەسلىدە بار دىگەندەك مەزمۇندا ئەسكەرتىش چىقىدۇ . بۇنىڭدا چوقۇم ئۈستىگە كۆچۈرۈرىمەننى تاللىشىڭىز كېرەك .
qaq يوللىغان ۋاقتى2017-9-9 09:56
دوستلار تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى.مېنىڭ خوڭ مى ...
ئاپامغا توردىن خوڭمى ئىككى ئالغانتىم ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوقكەن،ئەڭ يېڭى مي9غا كۆتۇرسەممۇ يوق