serdax007 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 00:57:49

17 يېشىدا جوبىسنى 20 يېشىدا سونىينى 26 يېشىدا تېسلانى «ئاكا» دېگۈزۈۋەتك...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   serdax007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-8-24 01:03

17 يېشىدا جوبىسنى 20 يېشىدا سونىينى 26 يېشىدا تېسلانى «ئاكا» دېگۈزۈۋەتكەن خاككېر

سۈرەتتىكى بۇ يىگىت تۇغما تالانتلىق خاككېر جورج، 1989-يىلى تۇغۇلغان، بۇ يىل 28 ياش. ئەمما ئۇنىڭ ئەقىل بۆلمىسىنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، بۇرۇتى خەت تارتماستىلا ئالاقە تورىدىكى ماگناتلارنى ئالىقىنىدا ئوينىتىپ يۈرگەن.

پۈتۈن دۇنيادا ئالما يانفونىنى ياقتۇرمايدىغانلار يوق دېيەرلىك، 2007-يىلى تۇنجى ئالما يانفونى بارلىققا كېلىپ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. جوبىس ئەينى چاغدا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تىجارەت شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان، ئەمما ئالما يانفونىنى پەقەتلا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن خەۋەرلىشىش تورىدا ئىشلەتكىلى بولاتتى.

ئەينى يىلى ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان جورج جوبىس بىلەن ھېلىقى شىركەتنىڭ بۇ قارارىغا تازا قايىل بولمىغان، كېيىن ئۇ ئەتۋىركە ۋە گىتتارنىڭ زەخمىكى بىلەن 500 سائەت سەرپ قىلىپ ئالما يانفونىنىڭ يادرولۇق ئاساسىي بەلبېىغىنىڭ شىفىرىنى ئېچىۋەتكەن. ئەنە شۇ ئىشتىن كېيىن، پەقەتلا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن توردا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئالما يانفونى ھەممدە توردا ئىشلەتكىلى بولىدىغان يانفونغا ئايلانغان.

جورج مانا مۇشۇنداق ئاددىي ئۇسۇل بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ بىخەتەر يانفوننىڭ شىفىرىنى ئۇتۇقلۇق ئېچىپ تاشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالما يانفوننى ئېچىش جەريانىنى سىنغا ئېلىپ توردا كىم ئارتۇق قىلغان، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر سىننىڭ باھاسى 100 مىليون دوللارغا چىققان، ئاخىردا شىفىرى يېشىۋېتىلگەن يانفوننى بىر دانە سپورت ئاپتوموبىلى ۋە قۇلۇپى ئېچىلمىغان ئۈچ دانە ئالما يانفونىغا ئالماشتۇرغان.

شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ تۇيۇقسىزلا ئالما يانفونىنىڭ شىفىرىنى يېشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان، ئەينى چاغدا كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ «چاتاقچى»نى ئەمدى ئازراق دەم ئالىدىغان چېغىۋا دەپ ئويلاپ تۇرغاندا، ئۇ يەنە سونىي PS3ننىڭ شىفىرىنى يېشىشكە باشلىغان، ئاخىردا پەقەت بەش ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپلا 500 قۇر كود بىلەن PS3نىڭ ئۈچ يىلدىن بېرى ھېچكىم يېشەلمىگەن شىفىرىنى ئۇتۇقلۇق يېشىۋەتكەن.

ئاخىردا ئۇ كۆزىنى گۇگول بىلەن تېسلا ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسىغا تىككەن، تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماسك بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن ئۇنى تېسلانىڭ تەتقىقاتىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان، بىراق جورج ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان، جورجنىڭ دېيىشىچە، تېسلانىڭ سىستېمىسى بەكلا ئاددىيكەن.

كېيىن ئۇ ئۆز ئۆيىدە تەتقىقاتنى باشلىغان، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا 2000 قۇر كود ۋە 1000 دوللار تەننەرخ بىلەن تېسلانىڭ 80 مىليون دوللار خەجلەپ ياساپ چىققان ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسىنى گۇمران قىلىۋەتكەن.
مەنبەسى :بېتا تورى
alkuyi toridin elindi http://www.alkuyi.com/news/show.php?mid=65808

ئاتەش119 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 11:13:32

بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا كومپيۇتېر تور بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغانلاردىن مۇشۇنداقلار چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما تۈمەندىن بىرەسى

MUTIHAM يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 11:37:26

يامان گۇيكەن بۇ

تەشنا4433 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 12:02:25

بۇ ئادەم شۇنچە ئەقىللىق تۇرۇپ نىنىشقا دائمباشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە بۇزغىنچىلىك قىلدىغاندۇ بىراق شۇنداق بولسا شۇ سىستىمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىگە ياردەم قىلغان بۇلدۇ
ئەگەر ئۈزى بىرە سىسىتىما ئىجاد قىلساخېلى ئىش بار ئوخشايدۇ

xereli132 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 12:23:43

كاللادىگەن ئاجايىپ ئىشلەپ قويىدىكەن   بۇسېرىق تۈكنىڭ .

M@LiKXaH يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 13:21:01

ھەقىقەتەن يامانكەن،بۇ ھازىر نېمىش قىلىۋاتقاندۇ ؟

okyar يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 14:21:48

ھەي، مەن داڭلىق خاككىرلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قول قويدىغنى مۇشۇ شۇ

خاقان331 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 17:38:07

بىرتال ئەتۋىركە،گىتتار زەخمىكى.....نىمىشقا فىدراتسىيە ئىدارىسى مۇشۇ بالىنى ئېزدىمىگەن بولغۇيتى ھىلىقى بەس س نىڭ قۇلۇپىنى ئاچىدىغاندا ...

0998alxah يوللانغان ۋاقتى 2017-8-25 00:46:37

بۇ خاككىرلار نىمىدىگەن يامان

ئىزلەپ يوللانغان ۋاقتى 2017-8-25 15:56:40

بۇ بالىنىڭ تارىخىنى تولۇق ئۇقۇغۇم كەلدى ، نېمە دېگەن يامان

saedi يوللانغان ۋاقتى 2017-8-25 19:20:05

تېلېفۇننۇمۇرى ياكى ئۈندىدارى بامۇدۇ بۇبالىنىڭ:lol:lol

foxtpdf يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 08:42:48

saedi يوللىغان ۋاقتى2017-8-25 19:20
تېلېفۇننۇمۇرى ياكى ئۈندىدارى بامۇدۇ بۇبالىنىڭ

قىززىقچىكەنسىزغۇ ھېي سىز;P;P:D

1999 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 11:03:57

ئەجەپ يامان نىمىكىنە ئۇ شۇ ئارتۇقچىلىقىنى ياخشى ئىشقا ئىشلەتسىچۇ

ablikim0090 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 15:04:03

ما گۇيغا سەل قىززىقىپ قالدىم
بەت: [1]
: 17 يېشىدا جوبىسنى 20 يېشىدا سونىينى 26 يېشىدا تېسلانى «ئاكا» دېگۈزۈۋەتك...