uyghur يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 13:35:43

60 ياشتىمۇ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ

كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى پروگراممىر مۇنداق ↓↓


ياكى ماۋۇنىڭدەك ↓↓


لېكىن بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز ماۋۇ پروگراممىرنىڭ ھېكايىسى ↓↓


بۇ رەسىمدىكى موماينىڭ ئىسمى ماساكو ۋاكامىيا (masako wakamiya) ؛ بۇ يىل 82 ياشقا كىردى. ئۇ ياش ۋاقتىدا بىر بانكىدا خىزمەت قىلغان. 60 نەچچە يېشىدا پىنسىيىگە چىقىپ، ئۆيدە ئاتا-ئانىسىغا قارىغان. ئۆيدە سۇلىنىپ ئولتۇرۇپ ئىچى پۇشۇپ، كومپىيۇتېر ئۆگىنىشنى باشلىغان. ئۇ كومپىيۇتېرنى باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، مال سېتىۋېلىش، ئويۇن ئويناش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پروگرامما تۈزۈش ئۈچۈن ئۈگەنگەن.

ماسسا چوستېس تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتوتى ئىلگىرى ئىسمى Scratch بولغان بىر خىل ئۆگىنىش ئاسان پروگرامما تۈزۈش قورالىنى چىقارغان بولۇپ، ئاساسلىقى ياش-ئۆسمۈرلەرگە پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىتىش مەقسەت قىلىنغان. ماساكو موماي بالىلارنىڭ سائىتىنى دائىم ياشانغانلار ئىشلىتىدۇ، ئۇنداقتا بالىلار ئۈچۈن چىقارغان پروگرامما تۈزۈش قورالى قېرىلارغا ماس كەلمەمدۇ، دەپ ئويلاپ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىشنى Scratch تىن باشلايدۇ.


ئۇ Scratch قا تاينىپ كود يېزىشنى باشلىغاندىن كېيىن ئۈسكۈنىلىرى دەسلەپكى windows خاتىرە كومپىيۇتېردىن MAC كومپىيۇتېر، ئاندرويد يانفون، iPhone غىچە كۆپىيىدۇ.
بۇ يىل 3-ئايدا ماساكو موماينىڭ تەتقىقاتى مېۋە بېرىدۇ، يەنى ئۇ 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدىغان ئايفون ئويۇن دېتالى Hinadan نى ياساپ پۈتكۈزىدۇ. بۇ ئويۇن ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى «قىزلار بايرىمى» دىن ئىلھام ئېلىپ ياسالغان.


نۆۋەتتە بۇ ئويۇننىڭ ئالما App Store دىكى ئېرىشكەن نومۇرى 4.8 نومۇر، چۈشۈرۈش مىقدارى 42 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. ھەر خىل ياخشى ئىنكاسلارغا ئېرىشكەن.
بۇل يىل ماساكو ۋاكامىيا دۇنيا ئەپ ئاچقۇچىلار يىغىنى WWDC غا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئالمىنىڭ ceo سى تىم كوك ئۇنى تونۇشتۇرغاندا، «ئۇ بۇ مەيداندىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئايفون ئەپ ئاچقۇچىسى» دېدى.


WWDC ماساكو ۋاكامىيا يەنە بىر ئالاھىدە ئەپ ئاچقۇچى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ ئەڭ كىچىك پروگراممىر Yuma ؛ ئۇ بۇ يىل 10 ياش، ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن.

ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا «يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن نەرسىلىرىڭىزنى يوقۇتىسىز. ئاتا-ئانىڭىزدىن، جۆرىڭىزدىن، خىزمىتىڭىزدىن، چېچىڭىزدىن، كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىزدىن ئايرىلىسىز. مەيلى پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش بولسۇن، مەيلى مۇزىكا چېلىشنى ئۆگىنىش بولسۇن، ئىشقىلىپ بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولسىڭىز يۇقاتقانلىرىڭىزغا ئازراق تولۇقلاش بولىدۇ، سىزگە بىر خىل ئىلھاملاندۇرۇش، كۈچ بولىدۇ»

2014-يىلى ئۇ TED لېكسىيسىگە قاتنىشىش تەكلىپى تاپشۇرۋېلىپ، TED تا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇنىڭ نۇتىقى بەك ئاددىي، ئۇ «مەن پۈتۈن دۇنيادىكى ماڭا ئوخشاش ‹قېرى› لارغا شۇنداق دەيمەنكى ماڭا ئەگىشىپ بىرلىكتە ئىشلەڭلار».

ئېنگىلىزچىنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن تۆۋەندە ماساكو ۋاكامىيانىڭ TED لېكسىيسىنى سۇندۇق. كۆرۈپ بېقىڭلار.
http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=m03806629ph&auto=0

تەشنا4433 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 13:46:32

پىروگرامما تۈزۈش نى شۇنچە ياشانغانلارمۇ ئۈگۈنىۋاتقان يەردە ھەممەيمەن ھەركەتكە كىلىشىمىز كېرەكتە
شڭا ئۈزىمىزنىڭ قىززىقىشى ھەم ئارزۇسى ئۈچۈنبىزنۇ پىروگرامما تۈزۈشنىباللدۇرر باشلىشىمىز كېرەك

appchi يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 14:08:40

مېنىڭ بۇ تېمىنى ئوقۇپ ، پىروگراممىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىم ئاشتى ، تېما ئېگىسىگە رەھمەت ياخشى تېما بوپتۇ .

muzat1970 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 15:35:59

مۇشۇ پۇتۇشۇپنى بىر ئۈگىنىۋالسام بولىتى،قانداق قىلسام تېز ئۈگۈنەمە............:L

0998alxah يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 17:47:02

بۇ مۇمايغا ئاپرىن ئىيتىمەن ،ئۇيغۇرسوفىتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم دىگەندەك بىزمۇ (ئۈگىنىش بۆشۈكتىن تارتىپ قەبرىگە كىرگىچە )دىگەننى سۆزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ ئۆگىنىشىمىز كىرەك

تەشنا4433 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 18:11:33

بۇ تىما مىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىشىمگە زور مەدەت بولدى

muzat1970 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 19:09:17

0998alxah يوللىغان ۋاقتى2017-8-23 17:47
بۇ مۇمايغا ئاپرىن ئىيتىمەن ،ئۇيغۇرسوفىتنىڭ قۇرغۇچىسى...

ئۇ ئالىم ئەھەتنىڭلام سۆزى ئەمەس.........كىمنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىملىكلەر ياخشى بىلىدۇ،ئالىم ئەھەتمۇ ئوخشاشلا تىرىشىپ بىلىم ئۈگەنگۈچى خالاس..........

newstar يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 19:49:05

ئېسىل...:victory:

umid7606 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 20:40:12

تەشنا4433 يوللىغان ۋاقتى2017-8-23 13:46
پىروگرامما تۈزۈش نى شۇنچە ياشانغانلارمۇ ئۈگۈنىۋاتقان...

ئالدى بىلەن ئىملانى توغىرلاپ خەت يېزىشنى ئۈگىنەيلىيېزىقىمىزغا ھاقارەت قىلماي

تۇنجى يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 00:45:34

ھەي ئاق پوسما 17 ياشتا تور بەتنىڭ يۇچۇقدىن پايدىلنىپ ئەرزان كىيىم سىتۋالغان لىكىن مەنچۇ بىر ئۇچۇق سىستېملىق ئاندىرويىدقمۇ ئىنجقلاپ تۇرمەن بۇ يىشمدا
بەت: [1]
: 60 ياشتىمۇ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ