يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2017-5-26 20:53:32

Android Studio 3.0 نەشىرى چۈشۈرۈش ئادېرسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-5-26 21:21

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن تېما يىزىپ بولالماي قالدىم،
لىكىن ھىچقىسى يوق،
كۈندە كومپىيۇتېرنى ئىچىپ قىلىدىغان ئىشىم ئالىپنى ئىچىپ بىر كۆز يۈگۈرتۈش بولدى،

2017 Google I/O دا بىز پروگراممىرلارغا پايدىسى تىگىدىغان بىر ئىش بولدى، يەنى Kotlin پروگرامما تىلى نى Android نىڭ سۈكۈتتىكى پروگرامما تىلى بولىدىغانلىقى جاكارلاندى،
شەخسەن مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم،
بۇ يىلى تىلنى ئىشلىتىۋاتقىلى ئالدى كەينى 5 ئاي بوپتۇ،

Android Studio نىڭ Kotlin قىستۇرمىسى AWS دە بولغانلىقى ئۈچۈن (Amazon نىڭ چەتئەلدىكى مۇلازىمىتىرىدە) Kotlin قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈش ئىنتايىن سەۋىر تاقەت سىنايدىغان مۈشكۈل ئىشلارنىڭ بىرسى، نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ چۈشۈرىسىز، تىخى چۈشۈرەلىسڭىىز تەلىيېڭىز...

ئەلۋەتتە گۇگىل Kotlin نى قوللىغانلىقى ئۈچۈن Kotlin نى Android Studio غا قوشىۋىتىشى كىرەك، ھەم شۇنداق قىلمىسىمۇ ئۆزىگە يۈز كىلەلمەيدۇ،
شۇنداق قىلىپ پىقىرمۇ kotlinlang.org ۋە باشقا مەنبەلەردىن Android Studio 3.0 دە Kotlin نىڭ توپلاشتۇرۋىتىلگىنىنى بىلىپ Android Studio3.0 ئۈچۈن ئۇچتۇم،
ئەلۋەتتە چۈشۈرۈش ئاسان ئەمەس، ئاسان چۈشۈرمىدىمدە،

شۇنداقتىمۇ ئىككى كۈندە چۈشۈرۈپ تور دىسكىسىغا چىقىرىپ ئىلىپ كەلدىم،

Android Studio3.0 دىكى ماڭا نىسبەتەن روشەن يېڭىلىقلار


1. Kotlin قىستۇرمىسى توپلاشتۇرۋىتىلگەن، ئايرىم چۈشۈرۈپ قاچىلاش ھاجەتسىز، Kotlin نەشىرى 1.1.2
2. Android Things قوللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان

كودنى ئەسكەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تىخىمۇ ئەقىللىقلاشقاندەك ھىس قىلدىم، ياكى بۇرۇنمۇ شۇنداقمىتى بىلمىدىم

رەسىملەر








چۈشۈرۈش ئادېرسى
Linux X86 64
ئەسكەرتىش، 32 بىتلىق Linux غا Android SDK نىڭ 32 بىتلىق Platform build tools نى تاپالمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى 32 بىتلىق سىستېما ئىشلەتمەڭ، شۇڭا Linux ئىشلەتسىڭىز 64 بىتلىق سىستېما ئىشلىتىڭ، ئاۋارچىلىقى يوق
https://share.weiyun.com/e0c7f24bf1681859997f1513bc0f416d
Windows X86, X64
https://share.weiyun.com/b6ce055a49202e3efb76313964ac4a54
Mac os X X64
https://share.weiyun.com/5ec749b7b1a2f149cfde4554bb84bd62

Android SDK نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئايرىم چۈشۈرۈڭ ياكى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىشلىتىۋاتقانلىرىڭىزنى ئىشلىتىڭ

كىيىنكى يازمىمىزدا Kotlin مۇھىتى ھازىرلاشنى كۆرۈپ ئۆتىمىز

bulbulla يوللانغان ۋاقتى 2017-5-26 21:18:23

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،قارىغاندا ئاندىروئىد تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئەپ ياساش تېخىمۇ ئاسان بۇلامدۇ نىمە؟

يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2017-5-27 02:35:40

bulbulla يوللىغان ۋاقتى2017-5-26 21:18
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،قارىغاندا ئاندىروئىد تېخىمۇ تەر ...

قانداق ئەھۋالىڭىز؟
ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتامسىز؟
مەنمۇ باشلىغان ئىدىم، توختاپ قالدىم، ئەتىگىچە داۋاملاشتۇرىمەن

hoxbulah يوللانغان ۋاقتى 2017-5-28 17:42:43

بۇرۇنمۇ ياخشى ئدى بۇ نەشىرىمۇ ياخشى ئكەن بۇرۇنقى نەشىرىگە قارىغاندا خىلى ياخشى چىقىپتۇ

iskender933 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-4 19:54:28

ئادرىس ئۈچۈپ كىتىپتۇ يۇمشاق دېتالكاقايتا يوللاپ قويسىڭىز

为了未来 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-1 16:16:10

ئادرىس ئۈچۈپ كىتىپتۇ يۇمشاق دېتالكاقايتا يوللاپ قويسىڭىز   

يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2017-9-3 16:46:50

تولۇقلىما ئادېرىس:::
Linux
https://share.weiyun.com/e0c7f24bf1681859997f1513bc0f416d

Windows
https://share.weiyun.com/b6ce055a49202e3efb76313964ac4a54

Mac os
https://share.weiyun.com/5ec749b7b1a2f149cfde4554bb84bd62

يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2017-9-3 16:47:22

为了未来 يوللىغان ۋاقتى2017-7-1 16:16
ئادرىس ئۈچۈپ كىت ...

ئەۋەتىپ قويدۇم
بەت: [1]
: Android Studio 3.0 نەشىرى چۈشۈرۈش ئادېرسى