ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 417|ئىنكاس: 3

EQ ساھە كودىدىن پايدىلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

2

دوست

1122

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
289
جۇغلانما
354
توردا
282 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 02:34:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا نىسبەتەن كومپيۇتېرداماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنى كىرگۈزۈش كۆپ ئۇچرايدىغان خىزمەتلەرنىڭ بىرى. نۆۋەتتەكومپيۇتېردا ماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنى كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتاللىرى خېلىلا كۆپ بولسىمۇ، Word ساھە كودى (域代码) ئىچىدىكى EQ پۈتۈن مەشغۇلاتنى كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىقلا بېجىرىش، كۆرىنىشىكۆركەم بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن يەنىلا ماتېماتىكىلىق فورمۇلا كىرگۈزۈشتەئىشلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، Word ھۆججەتنىڭ سىغىمىغىمۇ تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئادەتتە كود يېزىشنىياقتۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم.ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا كومپيۇتېردا خەت بېسىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭجانلىق ئىشلىتىشى ئۈچۈن پايدىلىنىش بولۇپ قالغۇسى.

ئادەتتە Word ھۆججتىدە ساھە كودى بۇيرۇقى تۆۋەن نەشىردىكى Word تا قىستۇرۇش (插入) تىزىملىكى ئاستىدا، يۇقىرى نەشىردىكى Word تا قىستۇرۇش (插入) كارتىسى ئىچىدىكى يېزىق (文本) تۈرى ئىچىدىكى ئارخىپ بۆلىكى (文档部件) ئاستىدا بولىدۇ. تېزلەتمە كونۇپكىسى Ctrl+F9 بولۇپ، كونۇپكا تاختىسىئارقىلىق بىۋاستە قىستۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

بىز سۆزلىمەكچى بولغان EQ ساھە كودىنىڭ 10 خىل ئىشلىتىش شەكلى بار.
1-   ماترىسسا شەكلى: \A

مىسال، ئالدى بىلەن Ctrl+F9 ئارقىلىق بىر يېڭى ساھە كودى قىستۇرىمىز. قسىتۇرۇلغان}  { نىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى يازىمىز. (ئەسكەرتىش: كود يازغاندائېنگىلىزچە ھالەتتە كىرگۈزۈشكە دىققەت قىلىڭ. ئۇندىن باشقا ماتېماتىكىلىقفورمۇلىلارنى خەت نۇسخىسىنىڭ Times NewRomanيانتۇ شەكلىدە يازساق. چىرايلىق چىقىدۇ.)

{ EQ \A \ac\co3 \vs0 \hs20 (1,2,3,4,5,6,7,8,9) }

ئاندىن نۇر بەلگىنى كودنىڭ ئۈستىگە يۆتكەپ Shift+F9نى باسساق يازغان كودىمىز تۆۋەندىكىدەكماترىسسا شەكلىگە ئۆزگىرىدۇ.


بۇ يەردىكى كودلارنىڭ مەنىسى مۇنداق، \ac پارامېتىرى بولسا ئوتتۇرىغا توغرىلاشنى بىلدۈرىدۇ. ئوڭغاتوغرىلىماقچى بولساق \ar، سولغا توغرىلىماقچى بولساق \al پارامېتىرىنى ئىشلىتىمىز. ئۇنىڭ كەينىگە يازغان \co پارامېتىرى بولسا ستون سانىنىكۆرسىتىدۇ. پارامېتىرنىڭ كەينىدىكى 3 دېگەن قىممەت بۇ ماترىسسا 3 ستون شەكلىدەبولىدۇ دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ كەينىگە يېزىلغان \vs پارامېتىرى بولسا قۇر ئارىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ كەينىگە يازغان0 بولسا قۇر ئارىلىقى ئەڭ كىچىك قىممەت 0 قاداقنى ئالىدۇ دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭكەينىگە يېزىلغان \hs پارامېتىرى بولسا ستون ئارىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ كەينىگەيېزىلغان 10 بولسا ھەر بىر قىممەتتىن كېيىن 10 قاداق ئارىلىق قالدۇرۇشنىبىلدۈرىدۇ.

2-   تىرناق شەكلى: \B

مىسال، يۇقارقى مىسالدىكى ماترىسسا شەكلىنى {} نىڭ ئىچىگە ئالايلى. Ctrl+F9 ئارقىلىق يېڭى ساھەقىستۇرغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كودنى يازىمىز.

{ EQ \B \bc\{ ( ) }

بۇ كودتىكى ( )نىڭ ئىچىگە ئالدىنقى مىسالدىكى كودنى كۆچۈرسەك پۈتۈن كودمۇنداق بولىدۇ.

{ EQ \B \bc\{ (\a \ac \co3 \vs0 \hs20 (1,2,3,4,5,6,7,8,9)) }

ئاندىن Shift+F9 نى باسساق كود تۆۋەندىكىگە ئۆزگىرىدۇ.


3-   ئارلىق قويۇش شەكلى: \d

مىسال، xنىڭسول تەرىپىگە 20 قاداق ئورۇن قويۇپ y يېزىلىدىغان كودنى يېزىپ چىقايلى. Ctrl+F9 ئارقىلىق يېڭى ساھەقىستۇرغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كودنى يازىمىز.

{ eqx\d\fo20 ()y }

ئاندىن Shift+F9 نى باسساق كود تۆۋەندىكىگە ئۆزگىرىدۇ.

بۇ شەكىل باشقا شەكىلگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭدا ئىككى گۇرۇپپاھەرىپ بەلگىنىڭ بىرى EQنىڭكەينىگىلا، يەنە بىرى پۈتۈپ كودنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا () قويغاندىن كېيىن يېزىلىدۇ. \fo پارامېتىرى ئوڭغا يۆتكەشنى،ئۇنىڭ كەينىگە يېزىلغان 20 بولسا، 20قاداق يۆتكەشنى بىلدۈرىدۇ. \ba پارامېترى \fo پارامېترىنىڭ ئەكسى بولۇپ،سولغا يۆتكەشنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا \li پارامېترى ئارقىلىق ئارىلىقتىكى بوش ئورۇنغا سىزىق سىزىشقابولىدۇ.

4-   كەسىر شەكلى: \f
مىسال، تۆۋەندە نى يېزىشنىڭ كودىنى كۆرۈپ باقايلى. Ctrl+F9 ئارقىلىق يېڭى ساھە قىستۇرغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كودنى يازىمىز.

{ EQ \f(-b,2a)+x }

ئاندىن Shift+F9 نى باسساق كود  غائۆزگىرىدۇ.

5-   ئىنتىگرال شەكلى: \i

مىسال، بىز بىر ئىنتىگرال شەكلى يېزىپ چىقايلى. Ctrl+F9 ئارقىلىق يېڭى بىر ساھەقىستۇرۇپ تۆۋەندىكى كودنى يازايلى.

{ EQ \i\pr(1,2,3)}   

Shift+F9 نى باسساق كود  غائۆزگىرىدۇ.

پارامېتىرلارنىڭ مەنىسى: \pr پارامېتىرى ئارقىلىق  شەكلىنى، \su پارامېتىرى ئارقىلىق  شەكلىنى، \in پارامېتىرى ئارقىلىق  شەكلىنى ھاسىل قىلىشقابولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا \fc ۋە \vc ئىككى پارامېتىر بار بولۇپ، بۇ پارامېتىرلار ئارقىلىق خالىغانھەرىپ بەلگە ئارقىلىق ئىنتىگرال شەكلىنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن،  نى ھاسىل قىلىشنىڭ كودىتۆۋەندىكىدەك:

{ EQ \I \vc\£ (1,2, \f(1,2)) }

يۇقارقى ئىپادىدە £نىڭ چوڭ-كىچىكلىكى نىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئوخشاش بولغان، ئەگەر £نىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى مۇقىم قىلماقچى بولساق، \vc پارامېتىرنىڭ ئورنىغا \fcپارامېتىرنى ئىشلەتسەك، بۇ ئىپادىنىڭ شەكلى  بولىدۇ.

6-    گۇرۇپپىلاش شەكلى:\l

بۇ شەكىل ئادەتتە يۇقىرىدىكى ئېنتىگرال شەكلىدىكى ئاستى، ئۈستى ۋە ئوڭتەرەپتىكى مىقدارلار ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغاندا ئۇلارنىڭ تىرناق ئىچىگەئېلىپ يېزىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

مىسال، نى ھاسىل قىلىشنىڭ كودىنى يېزىپ چىقايلى. Ctrl+F9 ئارقىلىق يېڭى بىر ساھە قىستۇرۇپ تۆۋەندىكى كودنى يازايلى.

{ EQ \i\su((\l(i,j)=1),(\l(n,m)),Xij)}

Shift+F9 نى باسساق كود  غا ئۆزگىرىدۇ.

بۇ شەكىلنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ شەكىل باشقاشەكىللەرگە ئوخشاش، EQنىڭكەينىگىلا يېزىلماستىن، باشقا بىرخىل شەكىلگە يانداشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ.

7-   قاتلاش شەكلى: \o

مىسال،  نى يېزىپچىقايلى. Ctrl+F9 ئارقىلىقيېڭى بىر ساھە قىستۇرۇپ تۆۋەندىكى كودنى يازايلى.

{ EQ \o\ac(ABC,\s\up8()) }

Shift+F9 نى باسساق كود  غا ئۆزگىرىدۇ.

بۇ مىسالدىكى \ac پارامېترى ئوتتۇرىغا توغرىلاشنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوڭغاتوغرىلاش ئۈچۈن \ar پارامېترىنى، سولغا توغرىلاش ئۈچۈن \al پارامېترىنى ئىشلىتىمىز. تىرناق ئىچىدىكى \sشەكلى ۋە \upپارامېترلىرىنى 9-دەرىجە شەكلىدە تونۇشتۇرىمىز. ئەگەر يۇقارقى كودتا بۇپارامېترلارنى يازمايلا يازساق، ئۇھالدا ئىككى گۇرۇپپا ھەرىپ-بەلگە بىر-بىرىنىڭئۈستىگە چۈشۈپ قالىدۇ.

8-   يىلتىز شەكلى: \R

مىسال، بىز ئەمدى يۇقاردا ئۆگەنگەنلىرىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ بىر نامەلۇملۇقئىككىنجى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ يىلتىزىنى تېپىش فورمۇلىسىنى يېزىپ چىقايلى. Ctrl+F9 ئارقىلىق يېڭى بىر ساھەقىستۇرۇپ تۆۋەندىكى كودنى يازايلى.

{ EQ x= \f (-b±\r(b\s(2)-4ac),2a) }
Shift+F9 نى باسساق كود  غا ئۆزگىرىدۇ.

يىلتىز شەكلىنى ئىشلەتكەندە، يىلتىز كۆرسەتكۈچىنى يازماقچى بولساق، \rپارامېترىنىڭ كەينىدىكى تىرناق ئىچىگەئاۋۋال يىلتىز كۆرسەتكۈچىنى يېزىپ، پەش قويغاندىن كېيىن، يىلتىز ئاساسىنى يازىمىز.تىرناق ئىچىگە بىرلا مىقدار يازساق، بۇ مىقدار يىلتىز ئاساسى بولىدۇ.

9-   دەرىجە شەكلى: \s

بىز يۇقارقى مىسالدا  نىيېزىش مەسىلىسىگە ئۇچراپ قالغاندا ئىشلەتكەن.

مىسال، نى يېزىپ چىقايلى. Ctrl+F9 ئارقىلىق يېڭى بىر ساھە قىستۇرۇپ تۆۋەندىكى كودنى يازايلى.

{ EQ C\s\up3 (2)}

Shift+F9 نى باسساق كود  غا ئۆزگىرىدۇ.

بۇ شەكىلنىڭ مۇنداق تۆت خىل پارامېترى بار. \ai پارامېترى شۇ قۇرنىڭ ئۈستىگە، \diپارامېترى شۇ قۇرنىڭ ئاستىغا بوش ئورۇن قىستۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ. بوش ئورۇننىڭچوڭلۇقى پارامېترنىڭ كەينىگە ئۇلاپ يېزىلىدۇ. يەنە ھەرىپ بەلگىنى \upپارامېترى شۇ قۇرنىڭ ئۈستىگە، \do پارامېترى شۇقۇرنىڭ ئاستىغايۆتكەپ يېزىشنى بىلدۈرىدۇ. يۆتكىلىدىغان ئورۇننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى پارامېترنىڭكەينىگە ئۇلاپ يېزىلىدۇ. بۇ پارامېترنى بىز 7-قاتلاش شەكلى: \oنى چۈشەندۈرگەندە ئىشلەتكەن.

10-            رامكاشەكلى: \x

مىسال،  نىڭ كودىنى يېزىپ چىقايلى.Ctrl+F9 ئارقىلىق يېڭى بىر ساھەقىستۇرۇپ تۆۋەندىكى كودنى يازايلى.

{ EQ \x\ri\le\to\bo(رامكىغا ئېلىش)}
Shift+F9 نى باسساق كود غا ئۆزگىرىدۇ.

بۇ شەكىلنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل پارامېتر بولىدۇ. \leپارامېتر سول تەرەپكە رامكا سىزىشنى، \riپارامېتر ئوڭ تەرەپكە رامكا سىزىشنى، \toپارامېتر ئۈستىگە رامكا سىزىشنى، \boپارامېتر ئاستىغا رامكا سىزىشنىبىلدۈرىدۇ.

قىسقىسى، EQساھە كودى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا كىرگۈزۈشتەقوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقا ئالاھىدە شەكىلدىكىيېزىقلارنى كىرگۈزۈشتىمۇ جانلىق ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
merdan + 100 ياخشى يازما

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 100   باھا خاتىرىسى

20

تېما

22

دوست

3036

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
172
جۇغلانما
756
توردا
767 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 10:46:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازىدىغان كودلىرىنى ئەستە تۇتۇش سەل قىيىنكەن، لىكىن پايدىنىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بىلىم ئىكەن.

4

تېما

4

دوست

981

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
276
توردا
235 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 14:43:29 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rehmet jumu

2

تېما

1

دوست

435

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
140
توردا
119 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 14:46:24 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uqkun77 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-23 10:46
يازىدىغان كودلىرىنى ئەستە تۇتۇش سەل قىيىنكەن، لىكىن پ ...

مۇشۇنداق Mathtype بىر  دېتال  بار  ماتېماتىكىدىكى  شۇنداقلا  ئالى  ماتېماتېكىدىكى  بارلىق  فورمۇلىلارنى  كۆڭۈلدىكىدەك  كىرگۈزگىلى  بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-13 09:01 , Processed in 0.124177 second(s), 39 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش