ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 1007|ئىنكاس: 8

ئابدۇرېھىم ھېيىت ۋە ئابدۇرېھىم ھېيىت روھى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

43

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئاقچا
9
جۇغلانما
13
توردا
8 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 19:36:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ھېيىت ۋە ئابدۇرېھىم ھېيىت روھى

    مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بىر ئاڭلۇغۇچى. مەن ئويلايمەن، سەنئەتكار ئۆز ئىجادىيتى بىلەن بىر خەلقنىڭ ئۈلگىسى. مۇشۇ نوقتىدىن سەنئەت باشقىلارغا ھوزۇر بېغىشلىغاندىن باشقا، مۇھىمى باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى، ناتوغرىللىىرنى تۈزۈتىشىگە تۈرۈتكە بولۇشى كېرەك. سەھنىدە قىزىقچىلىق ئارقىلىق باشقىلارنى كۈلدۈرگەنلىك بۇ باشقا گەپ. ئىجادىيتى ئارقىلىق شۇ زاماننىڭ رىئاللىقىنى ئىپادە قىلىپ، ئۆزى تەۋە بولغان خەلقنى ھېدايەتكە، مەرىپەتكە باشلىسا، ئۇيغارلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇتۋازلىق، ئايرىمچىلىق ئۇرۇقلىرىنى قۇرۇتۇشقا ئازراق بولسىمۇ تۈرۈتكە بولالىسا، ئىشقىۋازلىق ۋە جىنسىۋازلىقنى ئەمەس چىن مۇھەببەت ۋە ۋاپادارلىققا تەرغىپ قىلسا، ئۇنداق سەنئەتكارنىڭ ئەسەرلىرى يىللار ئۆتكەنسىرى نۇرلىنىدۇ. ياشلىق قانلىرىمىز سوۋۇپ، زامان ھادىسىللىرى كاللىمىزنى چىرماپ، ئۆزىمىزگە سۇئال قويغىدەك ھالەتكە يەتكەندە ئاشۇنداق ئىجادىيەتلەر يۈركىمىزگە مەلھەم بولىدۇ، ئازابلىرىمىزغا ئورتاقلىشىدۇ. سەنئەت ئوبىكتى بولغان خەلقنىىڭ ئىچىگە كىرەلىگگەن، مەدەنىيتىنى ۋە تارىخنى ئۆگەنگەن، خەلقنىڭ قەلب چوڭقۇرلۇقىغا نېمنىڭ لازىملىقىنى چۈشەنگەن سەنئەتكارلار ئۆلمەس ئىجادىيەتلەرنى ئىجاد قىلالايدۇ.  

    مېنىڭ نەزىرىمدە ھازىر ھايات بولغان سەنئەتكاردىن ئابدۇرېھىم ھېيىت يۇقارقىدەك سەنئەتكار. ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئىجادىيتىگە چۆكسەك، ئۇنىڭ ئىجادىيتىدىن تارىخمىزنى، مەدەنىيتىمىزنى، مۇھەببەت-نەپرىتىمىزنى كۆرەلەيمىز. ئابدۇرېھىم ھېيىت تارىخىمىزدىكى ئاچچىق-تاتلىق ئۆتمۈشلەرنى ئىجادىيەت ئارقىلىق بىرگە ئەسلىتىدۇ ياكى بىلدۈرىدۇ. ئەجدادلاردىن قالغان مەدەنىيەتنى كۈچلىك بىر سادا بىلەن بىزگە ختاپ قىلىدۇ. بىزنى ئىمان-ئىتقادلىق بولۇشقا، ئۇيۇشۇشقا، تىرىشىشقا، ۋاپادارلىققا ئۈندەيدۇ. ئابدۇرېھىم ھېيىت ئىجادىيتىدىن چۈشكىنلىكنىڭ، غىلجىڭلىقنىڭ، زارلاش-قاخشاشنىڭ، لامزەللىلىكنىڭ ئۇرۇقلىرىنى تاپالمايمىز. شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى، ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيتىنى، ئۇيغۇرنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىنى قانچە چوڭقۇر بىلسەك ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئىجادىيتىگە شۇنچە يىقىنلىشالايمىز. ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنالايمىز. ئەكىسچە بولسا ياقتۇرماسلىقىمىز ياكى ياراتماسلىقىمىز مۇمكىن. پۈچەك ئىجادىيەت پۈچەك كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشىدۇ ۋە ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئىجادىيەتنىڭ مىغىزىنى تېتىش ئۈچۈن، ئاشۇ مېغىزنى ئاجرىتىپ ئالغىدەك دەرمان بىزدە بولۇشى كېرەك.

    مەن دادامنىڭ تۈرۈتكىسىدە «زىيارەت قىلغىنى كەلدىم» دىگەن ناخشىنى ئاڭلىغان چىغىمدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيتۇم. بۇ ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ناخشىسنى تۇنجى ئاڭلىشىم ئىدى. ئەمدى ئويلىسام دادام دىھقانچىلقتىن ئېشىنغان ئازغىنە پۇلغا 5 تۈپ تېرەكنىڭ پۇلىنى قوشۇپ، ئاساسلىقى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۈنئالغۇدىن بىرنى سېتىۋالغان ئىكەن. ئۇ ۋاقىتتا دادام ۋە  مەھەلىدىكى قوشنا-قۇلۇملار ئۇ ناخشىنى ئاڭلاپ زىرىكمەيتى. 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەزىز سەنئەتكارنىڭ ناخشىللىرى ئۇدۇل يۈرىكىمگە كىردىغان بولدى. ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ «كارۋان ساداسى»، «نەسلىم»، «ئانا تىل»، «ئاتىلار»، «زىيارەت قىلغىنى كەلدىم»، «بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر»، «ئىز»، «ۋىجدان سورىقى»، «ھەي ئۇيغۇرۇم»، «چىللاڭ خورۇزۇم»، «ۋەتەن»، «ۋەتەن قەدرى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس»، «بىلىم ئىشقىدا»، «چىن مۇھەببەت»، «جان ئانا»، «ئاچىل»، «ئەينەك»، «خەجلە خائىنلار»، «مىراس»، «قىزلار»، «گۈزەللىك سەندە»، «مازارىم»، «ۋىسال ئىشقىدا»، «يىپەك» قاتارلىق ناخشىللىرىنى «ئۈمىد»، «ئانا ئەللىيى» قاتارلىق مۇزىكىللىرىنى ئاڭلاپ-ئاڭلاپ ھارمايمەن. ھەر ئاڭلىغىنىمدا قەھرىمان ئەجدادلارنىڭ سىماسى، مەرت-مەردانە قىياپىتى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىدۇ. بۇ ئىجادىيەتلەر ئىچىدىن ئەجدادلارنىڭ ئۈنلۈك ختابىنى ئاڭلايمەن. بۇلارنى ئابدۇرېھىم ھېيىت تېكىست بىلەن بىر روھ-بىرتەنگە ئايلاندۇرۇپ، يىقىشلىق بىرھالدا ئورۇنداپ خەلقىمىز ئارسىدا يىگانە ئوبراز ياراتتى. ئابدۇرېھىم ھېيىتا ئۆزگىچە بىر روھ بولمىغان بولسا، ئۆزگىچە ئىجادىيەتلەرنى روياپقا چىقارمىغان بولاتتى. شۇڭا ئويلانمەنكى، بىز ئۈچۈن تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى ئابدۇرېھىم ھېيىت روھىدۇر.

    بۇ ئەزىز ئۇستازنىڭ 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29—30-كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كىچىكىگە كىرگەن، قەشقەردىن كەلگەن ئىشلەمچى بالىنى، ئۈرۈمچىلىك تازلىق ئىشچىسى ئايالنى كۆرۈپ ۋە پاراڭلىشىپ كۆزلىرىمگە ياش ئالغان بولسام، ئامىركا، ياپۇنيە ۋە باشقا چەتئەللىكلەرنىڭ ئالقىشلىرىنى، بولۇپمۇ ياپۇنيەلىك ئايالنىڭ مىڭبىر جاپادا گۈل تەقدىم قىلىشى، كۆزلىردىن ياشلىرىنى توختىتالماي يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىغان «باركاللا»لىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالمىدىم. لېكىن بۇ يەردە بىزگە تونۇلغان باشقا سەنئەتكار، يازغۇچى ۋە شائىرلىرىمزدىن بىرنىڭمۇ قارسىنى كۆرمەي كۆڭلىم چۈشنىكسىز بىر غەشلىككە ھەيرانلىققا تولدى.
ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ تەۋرەنمەس روھى، ئېنىق ئىجادىيەت يونلىشى، ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتى ۋە ساداقىتى ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگسىنى قايىل قىلماي قالمايدۇ. بىز بۇنداق كىشىنى ئۆلگەندىن كېيىن ئەمەس ھازىردىن باشلاپ قەدىرلىسەك، قوللاپ مەدەت بەرسەك ئىجادىيەتچىگە روھىي ئوزۇق بولىدۇ. مەن ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ھازىرغىچە بىزگە تەقدىم قىلغان ئىجادىيەتلىرىگە، يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغان خەلق ناخشىللىرغا رەھمەت ئىيتىمەن. ئا شۇنداق ئىجادىيەتلەرنىڭ تېكىستىنى يازغان ئۇلۇغلىرىمىزغىمۇ ھەم كاتتا رەھمەت ئىيتىمەن. ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق مەردانە ھالدا ئىجادىيەتلىرنى داۋام ئىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئابدۇرېھىم ھېيىت روھىنىڭ ئىزباسارلىرى ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى تىلەيمەن.


2011-يىل سەپەر ئېيىدا يىزىلدى.

250

تېما

39

دوست

1 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2855
جۇغلانما
756
توردا
6098 سائەت
نادىر
25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 19:52:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك ياقتۇرمەن.
ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە ئىزدەپ بارغانلار، كۆرۈشكەنلەر بەك ماختايدىكەن. كىچىك پىئېل، بىلىملىك؛ ئادەمدە تەبئىي ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغايدۇ دەپ.

ئابدۇرېھىم ھېيىت ئاكىمىزنىڭ ئېسىل ناخشلىرىدىن:

ئانا تىل


ۋىجدان


ئاتىلار



ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

0

تېما

0

دوست

70

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
2
جۇغلانما
22
توردا
4 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 00:00:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ھېيىتىنىڭ ناخشىلىرىنى مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن.  سىزدە ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ «مەن ئاق بايراق ئەمەس» «خەجلە خائىنلار» دىگەن ناخشىلىرى بولسا  ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇ. مېنىڭ چ چ رام:694647325   

0

تېما

0

دوست

70

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
2
جۇغلانما
22
توردا
4 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 00:01:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەنكەن.

ئاقچا
7
جۇغلانما
182
توردا
24 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 11:04:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
atlankurax يوللانغان ۋاقتى  2011-6-20 00:00
ئابدۇرېھىم ھېيىتىنىڭ ناخشىلىرىنى مەنمۇ بەك ياخشى كۆرى ...

بۇ ناخشىلارنى مەن ئاڭلىغان.لىكىن ئۇچاغلاردا ئۈنئالغۇ لىنتىسى بار ئىدى.ھازىر ئېنتىرنىتتىن بۇ ناخشىلارنى تاپماق تەسمكىن؟!

2

تېما

2

دوست

193

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
4
جۇغلانما
82
توردا
12 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-23 18:56:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ بۇ ئېسىل سەنئەتكارىمىزنىڭ ئۆمرىنى زىيادە قىلسۇن!!ئانا تىل ناملىق ناخشىسىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن!!
كىتابخانا-ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ بارىدىغان جاي!

0

تېما

1

دوست

497

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
14
جۇغلانما
148
توردا
53 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-23 23:54:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشىدىگەن مۇنداق بولمامدا
بۇ دۇنيا

0

تېما

1

دوست

497

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
14
جۇغلانما
148
توردا
53 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-23 23:55:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشا دىگەن مۇنداق بولمامدا
بۇ دۇنيا

0

تېما

0

دوست

11

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئاقچا
0
جۇغلانما
5
توردا
0 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 22:25:13 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدىرىم ھېيىت ئاكىمىز نىڭ ناخشىللىرىنى ئاڭلىسام ناخشائاڭلىغاندەك ئەمەس بەلكى چبش كۈرۋۋاتقاندەك ناخشا مەزمۇنىغا كىرىپلام كىتىمەن ..راس گەپ ..بەزىدە ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ يېتىپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كىتىدۇ..باشقىلار قېرى ئادەم ئاڭلايدىغان ناخشىنى ئاڭلايدىكەنسەن دىيىشىدۇ..ناخشا دىگەن ياش ئاڭلىمايدۇ يۈرەك قەلىپ ئاڭلايدۇ..
ئابدىرىيىم ھېيىتكامنىڭ ناخشىللىدىنى مەنىسىنى چۈشۈنىپ ئاڭلىيالايدىغان..ئۇيغۇر.ئاڭلايدۇ..
مازىرىنى كۆيدۈم..ئۆلدۈم دەيدىغان تېتىقسىز ناخشىلار پەقەت ياقمايدۇ.
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-13 10:51 , Processed in 0.147252 second(s), 35 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش