دەرسلىك بىرقەدەر تەپسىلىي يېزىلدى ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېھتىياجى بار دوستلارغا چوقۇم پايدىسى تېگىدۇ دەپ قارايمەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا بازارغا سېلىنغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. شەخسەن مەن ئۆزۈم بۇ دىسكىنىڭ داڭقىنى خېلى كۆپ ئاڭلىغانمەن. ئەمما بۇ دىسكا خېلىلا قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن دەماللىققا سېتىۋېلىپ ئالماشتۇرالمىغان ئىدىم. مانا بۈگۈن بۇ دىسكىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ تورداشلار بىلەن بۇ توغرىسىدا ئورتاقلىشىپ بېقىشنى توغرا تاپتىم. ئالدى بىلەن بۇ دىسكىغا ئېنىقلىما بېرىپ ئۆتەيلى.
ئېنىقلىما ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا يەنى (固态硬盘 ) (Solid State Drive) كونتىروللىغۇچ ۋە ساقلىغۇچتىن تەركىپ تاپىدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، ساقلىغۇچ ئۆزەكلەرنى(FLASH芯片) تىزىپ رەتلەپ ياسالغان قاتتىق دىسكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزەكلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزى، ئىقتىدارى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئادەتتىكى قاتتىق دىسكا بىلەن ئوخشاش. قىسقارتىپ ssd دەپمۇ ئاتايمىز.
قالغان تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى تورداشلار ئۆزى ئىزدەپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ، دەرسلىكتە بۇ دىسكا توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلەپ ئولتۇرماي، ئۇدۇللا دىسكىنى ئورنىتىش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي.
نىشان ئالدى بىلەن مەن كومپىيوتېرىمنىڭ تىپىنى ھەمدە كومپىيوتېرنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئاخىرىدا مەن يەتمەكچى بولغان نىشاننى تورداشلارغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
سىناق قىلىنغان كومپىيوتېر : TOSHIBA M600-01B
ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئورۇنلار :
(1) ئەسلىدىكى قاتتىق دىسكىنى چىقىرۋېلىپ، ئورنىغا ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا سېلىش.
(2) ئەسلىدە بار بولغان ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئۈستىگە يەنە ئوخشاش چاستوتىدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ سېلىش. بۇ ئارقىلىق ئىچكى ساقلىغۇچنى كېڭەيتىش مەقسىتىگە يېتىمىز.
(3) ئەسلىدە كومپىيوتېردا بار بولغان ئوپتىك قوزغاتقۇچنى چىقىرۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قاتتىق دىسكا كۆتۈرۈش جازىسى (硬盘托架) ئورنىتىش. بۇ ئارقىلىق ئەسلىدىكى قاتتىق دىسكىنى يەنە ئىشلىتەلەيمىز، بۇ چاغدا كومپىيوتېرىمىزدا جەمئىي ئىككى دانە قاتتىق دىسكا بار بولىدۇ. چۈنكى قاتتىق دىسكا كۆتۈرۈش جازىسىنىڭ ئىچىگە ئەسلىدىكى قاتتىق دىسكىنى ئورنىتىمىز.
بەزى تورداشلار ئۇنداق بولسا ئوپتىك قوزغاتقۇچنى قانداق قىلىمىز؟ دېيىشى مۇمكىن. شەخسەن مەن ئۆزۈم ئوپتىك قوزغاتقۇچنى ئادەتتە ئىشلەتمەيمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىراقلا ئېلىۋەتتىم. ئەگەردە زادى مەن ئىشلىتەتمىسەم بولمايدۇ دېسەڭلار، سىرتتىن ئۇلايدىغان ئوپتىك قوزغاتقۇچتىن (外接光驱) بىرنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئادەتتە USB لىق بولىدۇ.
دەرسلىك ئۇنداقتا قېنى ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا ئالماشتۇرۇش سەپىرىنى باشلايلى…
1. ئالدى بىلەن مەن تورداشلارغا سېتىۋالغان نەرسىلىرىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:
2. ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىدىن شەخسەن مەن ocz نىڭكىنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن سېتىۋالساڭلار بولىدۇ. قېپىنى ئاچقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك نەرسىلەرنى كۆرىسىز.
3. قوراللارنى تولۇق تەييارلىغاندىن كېيىن، كومپىيوتېرنىڭ ئارقىنى ئاچىمىز. بۇ يەردە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بۇ بەك نازۇك نەرسە، ئاۋايلىمىساڭلار سۇنۇپ كېتىشى مۇمكىن.
4. ئاۋۋال ئەسلى قاتتىق دىسكىنى چىقىرۋېلىپ، ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنى ئورنىغا سالىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك: 5. ئەگەردە سىز ئىچكى ساقلىغۇچنى قوشمايمەن دېسىڭىز، ئىش مۇشۇ يەردىلا تۈگەيدۇ، ئەمما مەن ئەسلىدىكى 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئۈستىدىن يەنە 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچتىن بىرنى قوشتۇم. بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغىنىمىز ئىككى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چاستوتىسى (频率) ئوخشاش بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ماركىسى ئوخشاش بولسا تېخىمۇ ياخشى. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك: 6. ئەگەردە سىز ئەسلى قاتتىق دىسكىنى ئىشلەتمەيمەن دېسىڭىز، بارلىق ئىشلار مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ، ئەمما مەندەك ئوپتىك قوزغاتقۇچنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قاتتىق دىسكا كۆتۈرۈش جازىسىنى (硬盘托架) قويىمەن دېسەڭلار دەرسلىكنىڭ داۋامىغا نەزەر سالغايسىلەر. 7. ئاۋۋال ئوپتىك قوزغاتقۇچنى كومپىيوتېردىن چىقىرىۋالىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك: 8. ئوپتىك قوزغاتقۇچ بىلەن قاتتىق دىسكا كۆتۈرۈش جازىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىسا بولمايدۇ، شۇڭا سېتىۋالغان كومپىيوتېرنىڭ تىپىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، بولمىسا قاتتىق دىسكا كۆتۈرۈش جازىسىغا ئورناتقان ئەسلى قاتتىق دىسكىنى كومپىيوتېر تونۇمايدۇ. 9. قاتتىق دىسكا كۆتۈرۈش جازىسىغا ئەسلى قاتتىق دىسكىنى ئورناتقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك ھالەتكە كېلىدۇ. 10. ئەمدى قىلىدىغان ئىشىمىز بۇنى ئالدىراپ كومپىيوتېرغا ئورناتمايمىز، ئاۋۋال يېڭىدىن سالغان ئۆزەكلىك دىسكىغا سېستىما قاچىلايمىز. مەن 128GB لىق دىسكىنىڭ ھەممىسىنى C دىسكا قىلىپ بۆلدۈم. سىلەرگىمۇ شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەردە ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىڭىز بەك چوڭ بولمىسا ھەممىنى سېستىما دىسكىسى قىلىپ بۆلسىڭىز مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغىنىمىز، ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنى چوقۇم 4K قىلىپ توغۇرلاش ھەمدە BIOS تىن قاتتىق دىسكىنىڭ قوزغىلىش تىپىنى AHCI قىلىپ تەڭشىشىمىز شەرت. بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. 4K قىلىپ توغۇرلىغاندا DiskGenius قورالىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك: 11. ئەمدى بۇ مەشغۇلاتلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ، سېستىما قاچىلاشقا باشلىساق بولىدۇ. بۇ باسقۇچ ھەممىمىزگە تونۇش بولۇپ كەتكەن، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مەن يەنە قايتا تەپسىلىي يېزىپ ئولتۇرمىدىم.
مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئو ۋە باشقا تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرگەيسىلەر. . .
يازما مەنبەسى : ئۇيغۇر ھەقسىز مەنبەلەر تورى |