ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 1679|ئىنكاس: 53

ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقارغۇڭىز بارمۇ ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

1093

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
390
توردا
239 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 23:29:15 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئانا تىلغا كۈچ چىقارغىڭىز بارمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەيكۇم قېرىنداشلار!   
يېقىندىن بىرى ئانا تىل ھەققىدىكى يازمىلار مۇنبەر يۈزىدە ئاۋۇپ قالدى. نۇرغۇن تورداشلار ئانا تىلىنى كۈيلەپ شىئېرلار يازدى. بەزىلەر (ئانا تىل خەتەر ئىچىدە ئەمەس) دەپ. ئانا تىل ئۈچۈن قايغۇرغانلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى. ئەمەلىيەتتە ئاناتىلىمىز ئاللىبۇرۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرىدا چەتكە قېقىلىپ سىقىپ چىقىرىلىدى. يېقىندىن بىرى يەنە ئاتالمىش ( قوش تىل) نامىدا مارىپىمىزدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا! . قورۇ ئىچىگە قارايدىغان. بولساق ئۆز باللىرىمىز خەنزۇچە پاراڭلىشىۋاتقان. دىمەك ئانا تىلىمىز مائارىپىمىزدىن سىقىپ چىقىرىلسا تىزلام تۈگىشىدۇ! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئانا تىلنى قوغداش،  ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كىلىشىچە ھەركەت قىلىشىمىز لازىم. مەسىلەن : ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، قانۇن ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنى قوغداش جەھەتتتە كۈچ چىقىرىشىمىز كىرەك!  ئانا تىلدىكى ئەقلىفون، كومپىيوتېرلارنى ئىشلىتىپ ئانا تىلىمىز ئىشىلىتىلىشىنى ئاشۇرۇشىمىز كىرەك!  ئانا تىلنىڭ ھۆرمىتىنى بىز قىلمىساق باشقىلار ھەرگىز قىلمايدۇ قېرىنداشلار!  
            
. ئۆزىنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان ھەربىر ئۇيغۇر،  ئاناتىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىرىسلىرىغا قارشى تۇرۇپ ئۇيغۇرتىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئويلىماي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە!  '
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراپ باقساق زاڭزۇلارغا قوش تىل يوق، يەنە قوش تىل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا خىرىس قىلىۋاتقان ئىش يوق، زاڭزۇلارغا پىلانلىق تۇغۇت يوق، زاڭزۇلارغا دىننى سۇسسلاشتۇرۇش، دىننى چەكلەش، ھەمدە ساقال بۇرۇت قويۇشنى چەكلەش، رومال ئاتىشنى چەكلەش، دىگەندەك ئىش يوق! پەقەت بۇنداق سىياسەتلەر بىزدەك ياۋاش مىللەتكىلا يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ بىزنىڭ ئوت يۈرەك زىيالىرىمىزدىن ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام، ئالىم ئەھەت،  ئۆتكۈر ئەركىن..............قاتارلىق ئانا تىل ئۈچۈن تۆھپە قوشقان شەخىسلىرىمىزنىڭ ئەجرى مىھنىتى،   ئىرپان، بىلكان، قارلۇق، قۇتلان، مۇئەللىم ...........قاتارلىق شىركەتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل تەرەققىياتى شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنىڭ كومپىيوتېر، تېلفون.......قاتارلىقلاردا تونۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇجەھەتتە يەنى كومپىيوتېر، تېلفون قاتارلىقلارغا تونۇتۇلۇشتا، بولۇپمۇ. wndwos 8 ئۇيغۇرچە تىل بۇلۇقىنىڭ ئېچىلىشى جەھەتلەردە. جۇڭگۇدا" خەنزۇتىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، تۈرىك تىللىرى جەھەتتە تۈركىيە تىلىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، ئەرەپ يېزىقىغا مەنسۇپ يېزىقلارغا نىسبەتەنمۇ بۇ جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.!
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىغا قارىغاندا ئۆزىنى ياخشى قوغدىغان. مەسىلەن : يېقىنقى بىر ھۆكۈمەت سىتاستىكىسىدا ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ  ئەھۋالى مۇنداق. :
(1) مۇڭغۇللارنىڭ 30٪مۇڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 40٪مۇڭغۇلچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 70٪مۇڭغۇل مۇڭغۇليېزىقىنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(2) 95٪مانجۇ، مانجۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، مانجۇچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(3)25٪تىبەت تىبەتچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 70٪تىبەتچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(4)65٪جۇاڭزۇ، جۇاڭزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 85٪جۇاڭزۇچە خەتنى ئوقىيالمايدىكەن.
(5)10٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 20٪ئۇيغۇرچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 30٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇشتا ساۋاتسىز ئىكەن.
بىرمىللەتنى ئاسىمىلاتسىيە بولۇپ كىتىشتىن ساقلاپ تۇرىدىغان ئۈچ نەرسە بار.(1)تىل يېزىق.(2) دىنى ئىتىقاد.(3) مىللى ئۆرۈپ ئادەت ۋە مىللى مەدەنىيەت. شۇڭا بىزنىڭ دىنىمىز، تىل يېزىقلىرىمىز ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بۇلىشى مۈمكىن......قالغىننى بىلگۈچى بىر ئاللا...
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمى ئۇلۇغ خانلىقلارنى قۇرغان، قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئىنىرگىيەسىگە ئىگە ئۇلۇغ مىللەت. ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمز چېچۋودنىڭ 50 يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان ( مۇ قۇرۇقلۇقى) ھەققىدىكى بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 20 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇنى بىلگەن جاللات سىتالىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كىلىشىدىن قورقۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قىرىپ يوقىتىۋەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى غەربى تۇركىستاندا خېلى كۆپ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەكلەردەك ئاپتونومىيە بەرمىگەن. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كىتىشىگە تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان. ھەمدە غەربى تۇركىستاننى سوراشتا،"  قازاق، قىرغىز قاتارلىقلار ياشلىرىنى تەربىيلەپ شۇلاردىن پايدىلانغان. ئۇيغۇرلارنى ئاساسەن ھاكىمىيىتىگە ئىشلەتمىگەن.
دىمەك سىتالىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق ئىچكى ئىنىرگىيەگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىدىن قورۇققان.  
بىزنىڭ ئانا تىلىمىز مەكتەپلىرىمىزدە چەتكە قېقىلىپ، تەپمە تاياققا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا قۇياشتەك نۇرچاچماقتا.. ... يېقىندا توردا ئىلان قىلىنغان : ئامرىكا قاتارلىق نۇغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى ئالى مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلغانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالى...مەن ئوت يۈرەك ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىزنىڭ توختىماي ئىزدىنىشى بىلەن ئانا تىلىمىز يوقالمايدۇ!  دەپ قارايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز تەڭ،  قولىمىزدىن كىلىشىچە ئانا تىلىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كىرەك!
قانداق كۈچ چىقىرىمىز؟ مىنىڭچە ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئوت يۈرەكلەرنى قوللاشمۇ ئانا تىل مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىق بولىدۇ. ھېچ بولمىسا بىلكان، قۇتلان ......قاتارلىق ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان شىركەتلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەكمۇ ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بولىمىز. مەن ھازىر بىلكان ئەقلىفونىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. يېڭىدىن بازاغا سېلىنغاندىلام سېتىۋالغان ئىدىم مەسىلە كۆرۈلمىدى. بۇيازمىنىمۇ مۇشۇ تېلفوندا يېزىۋاتىمەن،  تېلفوندا ئەسەر يوللاۋاتىمەن. قەيەردە ئىلھام كەلسە شۇيەردىلا تېلفون ئارقىلىق خەت يازىمەن. خالىغان يازمىلارنى ماقالىلارنى ئىلكىتاپلارنى ساقلىۋىلىپ ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن. شۇنداق قولاي. سەككىز يۆنىلىشلىك لۈغەت، بىر بىرىدىن ئىسىل ئانا تىلدىكى ئەپلىرىنىڭ ھەددى ھىساۋى يوق. ئىھتىياجغا قاراپ ئىشلەتسەك بولىدىكەن. شۇنداق راھەت!
قېرىنداشلىرىم! ئانا تىلنى قوغداش بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىمىز ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان، خاسىيەتلىك ئىشلارنى قىلايلى!  
قولىمىزدىن كىلىشىچە ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى!
ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان بولساق ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلايلى! . ئىش قىلىپ قانچىلىك قىلالىساق، شۇنچىلىك كۈچ چىقىرايلى!  بۇئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ بەختى، تەختى شۇنداقلا مەۋجۇتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كاتتا ئىش!

تۆۋەندىكى شىئېر مىنىڭ ئانا تىلىمغا بولغان سوغۇتۇم.

           ئاناتىل

تەپەككۇرۇم سەندە ياشنار ئاناتىل.
تەسەۋۋۇرۇم سەندىن چاپارئانا تىل،
قانات قېقىپ تەسەۋۋۇرۇم سەن بىلەن،
ھەق نۇرىدا ھىكمەت تاپار ئانا تىل.
مىڭ يىل بۇرۇن شاھ ئەسەرلەريېزىلغاچ،
ئىتىقادىم ساڭا ئاشار ئانا تىل.
خاقانىيە تىلى دىيلىپ قۇياشتەك،
مىڭ يىل بۇرۇن بەرگەن باھار ئاناتىل.
بۇرۇن ئەرەپ تىل بىلەن تەڭ چاپقىنىڭ،
ۋۇجۇدۇمغا غۇرۇر قاتار ئانا تىل.
كىرگەچ ئەمدى كومپىيوتېر بېشىغا،
خىسلىتىڭ تېخىمۇ چاقنار ئاناتىل.
خۇشخەت بىلەن جۇلالىساڭ ئىلاندا،
گۈزەللىكىڭ قايناپ تاشار ئاناتىل.
سىنى كۆرسەم تىنىم يايراپ شادلىنىپ،
سەنسىز دائىم ئىشىم ئاقسار ئاناتىل.
      


     بىلكانغا مەدھىيە
زامانىۋى بار بىلىمنىڭ كانىسەن بىلكان،
بىلىمگە تەشنا قەلىبنىڭ جانىسەن بىلكان.
گۈللىتىشكە تەشنا ئىدى خەلقىم تىلىنى،
خەلقىم تىلى پاسىبانى شانىسەن بىلكان.

ئىسمى ھەم جىسمىڭغا لايىق ئىكەنسەن بىلكان،
بىلىم گۈلزارىدا خۇشبۇي چىمەنسەن بىلكان.
ئانا تىلنى تونۇتقانسەن ئەقلى يانفونغا،
قەلبىمىز تۆرىدە ئۇلۇغ چىچەنسەن بىلكان.

ئىچىگە لۇغەت تاغ كىتاپ جەملىگەن بىلكان،
شۇڭا سىنى تاللاشنى مەن پەملىگەن بىلكان.
ئايرىلالماس بولدۇم سەندىن ھەركۈن ھەرۋاقىت،
ئايرىلالماس قىپ ئۆزىگە يەملىگەن بىلكان.

(ئانا تىل) دەپ جاپالارنى چىشلىگەن بىلكان،
خەلقى ئۈچۈن  دۇلدۇل بولۇپ كىشنىگەن بىلكان.
سەن بولغاچقا نەدە بولسام كۆرىمەن بىلىم،
ياشنا ! خەلقىم بەختى ئۈچۈن ئىشلىگەن بىلكان.


' بىلكان ئەقلىفونى، بىلىمىنىڭ موللىقى، ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن ئاناتىلدىكى ئەقلىفونلارنىڭ سەركىسى بولۇپ، خەنزۇچە بىلمەيدىغان ئەمما بىلىمگە تەشنا، ئانا تىل ئىشقىدا كۆيىدىغان مەندەك بىلىمخۇمارلارنىڭ ئايرىلماس ھەمراھىغا ئايلانماقتا.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
为理想加油 + 50 مەن قوللايمەن
alip + 100 مەن قوللايمەن

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 150   باھا خاتىرىسى

3

تېما

1

دوست

637

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
193
توردا
141 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 10:55:37 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ،ئانا تىلمىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىش،ئانا تىلمىزنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىش ھەربىر  ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغا مەسئۇليىتى،بۇتوغىرسىدكى تېما  ۋە يازمىلارغا ئۆزىنى ئۇيغۇر ھېسابلىغان ھەربىر كىشىنڭ دىققەت قىلشى ۋە ئەھمىيەت بېرشى زۈرۈر دەپ قارايمەن.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

4

تېما

4

دوست

1484

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
514
توردا
387 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 11:12:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالى تېما  

3

تېما

2

دوست

577

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
137
توردا
215 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 11:17:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما بوپتۇ  رەھمەت سىزگە ھەممىز بىرلىكتە ئانا تىلنى قۇغدايلى.

9

تېما

1

دوست

966

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
6
جۇغلانما
323
توردا
189 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 11:23:12 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى نادىرلاشقا ئەرزىيدىكەن ھەقىقەتەن

46

تېما

17

دوست

3599

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
1
جۇغلانما
1145
توردا
618 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 11:24:37 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللاھ بۇنىمۇ قۇشۇۋىتەي دىتالغا

4

تېما

2

دوست

1576

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
223
توردا
1024 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 11:27:50 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزىنى ئۇيغۇر دەپ تۇنۇيدىغان ھەر بىر كىشى  بۇ  تېمىدا  دىيىلگىندەك ئويلىنشى ۋە  بىر كىشلىك ھەسسىسنى قۇشۇشى كېرەك

8

تېما

4

دوست

1063

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
40
جۇغلانما
201
توردا
477 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 11:28:14 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۇئال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-5 14:36  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،ئىنتايىن ياخشى تېما يوللاپسىز،قېرىنداشلار بىزمۇ ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بىز تاۋۇشنىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا دېيىشىمىز كىرەك.

46

تېما

17

دوست

3599

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
1
جۇغلانما
1145
توردا
618 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 11:40:43 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن...
مانا مۇشۇنداق ھەممە ئادەم دىلىدا بولسىمۇ نارازى بولغان، رەزىل مەقسەتلەرنى چۈشەنگەن يەردە بەزىلەرنىڭ ئانا تىلىمىزنى ۋە ئىتىقادىمىزنى يۇقىتىمەن دىيىشى پەقەتلا بىر ئەخمەقلىق خالاس
بۇ مۇمكىن ئەمەس!!!!!!!!!!!!!!!!!!
سىلەر پەقەت نادانلارنىلا تىلىنى شالغۇتلاشتۇرۇپ، ئىتىقادىنى  يۇقىتىپ ئۆز سېپىڭلارغا قۇشۇۋالالايسىلەر....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-13 09:07 , Processed in 0.135956 second(s), 41 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش