ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تورداشلار! مەن كومپىيوتېر ئۇيۇنلىرىغا ئامىراق،لىكىن باشقىلارنىمۇ مەندەك ئۇيۇن قېپى بولسىكەن دەپ ئويلىمايمەن.لىكىن مىنىڭ بۇ كچىككىنە ئەمگىكىمدىن ئىلھام ئېلىپ كەلگۈسىدە ئۇيۇن شىركەتلىرىدە ئېنژېنىر بۇلىدىغانلار يوق دەپ كىسىپ ئېيتالمايمەن. بۇ ئۇيۇننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشمىدىكى سەۋەپ بولسا بىرىنچىدىن ئۈزۈمنىڭ كومپىيوتېر ئۇيۇنىغا ئامىراق بولغانلىقىم،ئىككىنچىدىن بۇ ئۇيۇننىڭ خەتلىرى رەسىم ھالىتىدە بولغاچقا فوتۇشۇپتىن پايدىلىنالىغىنىم،ئۈچىنچىدىن ...سەۋەپ بەك كۆپ. ئۇيۇننىڭ1000پارچىدىن ئارتۇق رەسىم ھۆججىتى بىردىن-بىردىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.بىرقىسىم مۇزىكىلىرىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.دوسىتلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە ئاساسەن كىيىنكى قېتىملىق تۈزۈتۈشتە مۇزىكىلىرى تۇلۇق ئۆزگەرتىلىدۇ. ئۇيۇننىڭ ئىسمى:بېلىق تۇتۇش(چوڭ بېلىقنىڭ كىچىك بېلىقنى يىيىش ئەمەس!) ئۇيۇننىڭ سىغىمى:70مىگا بايىت چوڭلار،بالىلار،ئۇغۇللار،قىزلارنىڭ ئوينىشىغا ماس كىلىۋېرىدۇ!!!سىز ئالدى بىلەن بىر ئەسكى قۇلۋاقتا بېلىق تۇتۇشنى باشلاپ،ئاز-ئازدىن پۇل تاپقاندىن كىيىن ھەرخىل كاتىر ۋە قارماق قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالالايسىز،بۇ جەريانلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولغاچقا ساۋادى بار ئادەم بولسىلا بۇ ئۇيۇننى ئويناپ كىتەلەيدۇ. ئۇيۇن رەسىمى:
ئۇيۇننى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشكەندىن كىيىن بېلىقنىڭ رەسىمىنى قوش چىكىپ ئۇيۇننى باشلىسىڭىز بۇلىدۇ.ئۇيۇندا ۋېرۇس يوق.بۇ ھەقلىق ئۇيۇن بۇلۇپ يىشىۋىتىلگەن بولغاچقا بەزى ۋېرۇسخورلار ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى چىقىرىشى مۆمكىن،لىكىن خاتىرجەم ھالدا ۋېرۇسخورنى تاقاپ قۇيۇپ تۇرۇپ پىرىستىن يەشسىڭىز بۇلىدۇ. خاتالىقلارنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈشۈم ئۈچۈن تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە مۇھتاجمەن.
|