ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 700|ئىنكاس: 4

windows phone ئىشلىتىش قوللانمىسى(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

8

دوست

1102

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
413
توردا
133 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 23:44:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز يىڭىلىنىشى ،ئىھتىياجنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئىشىشى شۇنداقلا رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن نۇرغۇن يىڭىلىقلار بارلىققا كەلدى . بولۇپمۇ كۆچمە ئۈسكۈنلەر بازىرى قاينام تاشقىنلىققا چۈمگەن بىر جەڭگاھقا ئايلاندى . قاتتىق دىاللارنى دىمەيلا قويايلى ، يۇمشاق دىتاللارمۇ ئاشۇ جەڭگاھتىكى يارقىن نوقتىلارنىڭ بىرى ,بولۇپمۇ كۆچمە مەشخۇلات سىستىمىلىرى كىشىلەر نەزەر سىلىۋاتقان يارقىن نوقتا ،  windows phone مۇ دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ، بۇنداق سىستىمىنىڭ بارلىقىنى كۆپىنىچە قىرىنداشلىرىمىز بىلمەمدۇ ياكى ئانچە بەك چۈشىنىپ كەتمەمدۇ   بارلىققا كەلگىلى بىر قانچە يىل بولغان سىستىما بىلەن ئۇچراشقانلارمۇ  ناھايتى ئاز . بەلكىم IOS ياكى  ئاندىرويىتقا كۆنۈپ كەتكەندىمىز ، ياكى mitro ئۇسلۇبقا كۆنەلمىگندىمىز ياكى ۋەھاكازالار.
تۈۋەندە  قىرىنداشلارغا windows phone نىڭ نىمىلىكى ۋە ئىشلىتىش ھەققىدە تەجىربىلىرىم ۋە باشقا ماتىرياللار ئاساسىدا چۈشەنچە بىرىشنى لايىق كۆردۈم ئاز تولا پايدىسى تىگىپ قالسا دىگەن ئۈمىدتە  !
                                                 windows phone ھەققىدە
windows phone بولسا داڭلىق يۇمشا دىتال ماگىناتى مىكروسوفت تەرىپىدىن 2010-يىلى ئىلان قىلىنغان يىپىق كودلۇق ،چەكمە كونتىرول قىلىنىدىغان  ،win ce  يادروسىدىكى ، mitro كۆرۈنمە يۈزنى ئاساس قىلغان يانفۇن مەشخۇلات سۇپىسى.
ھازىر ئۇنىڭ windows phone7.5 . windows phone7.8ۋە windows phone8 دىن ئىبارەت ئۈچ خىل نۇسقىسى بار.
بولارنى قىسقارىپ ئايرىم-ئايرىم wp7,wp7.8,wp8 دەپ ئاتايمىز .
wp7نىڭ نەشىر نۇمىرى 7.1.7740 تىن 7.10.8779 غىچە ئۈزلۈكسىز يىڭىلنىپ كەلگەن .
wp7.8 نىڭ نەشىر نۇمىرى7.10.8835ۋە 7.10.8858 ئىككى خىل ،
wp8 نىڭ نەشىر نۇمىرى 8.0.9666 دىن باشلاندى.
windows phone ئالدىنقى بىر ئەۋلات windows mobile(ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى) مەشخۇلات سىستىمىسى بىلەن يادروسى بىر بولسىمۇ ئىككىسى ئارىسىدا ئاسمان زىمىن پەرق مەۋجۇت .
windows mobile غا قاچىلايدىغان ئەپلەر cab شەكىلدە بولغان بولسا windows phone دا xap شەكىلىگە ئالماشتى ۋە   مەخسۇس بازارلاشىتى ،سىز پەقەت تىزىملاتسىڭىزلا بۇنداق مۇلازىمەتتىن بەھىرلىنەلەيسىزباشقا ئۇسۇلدا قاچىلاشقا بولمايدۇ(يەشسىڭىز خالىغان ئۇسۇلدا قاچىلىيالايسىز) .
wp7,wp7.8 نىڭ روملىرى (بولۇپمۇ ئۈچىنجى تەرەپ) سىستىما يادرو نومىرى بىلەن ئاتىلىدۇ .مەسىلەن hd7 نىڭ 8779 رومى .
بىر قىرىندىشىمىز قايسى بىر تىمىدا htc نىڭ wp تىلفۇنىنىڭ رومى كۆپ سىتىۋالغاندا  htc نى تاللايمەن دىگەنكەن.
wp يان تىلفۇنلىرىنىڭ رومىنىڭ كۆپ بولىشى ھەرگىز ئارتۇقچىلىق ئەمەس بەلكى ئەڭ ئاجىز تەرىپى ھىسابلىنىدۇ .
يەنى مىكروسوفت تەرەپنىڭ تىخنىكا قوللىشىغا ئىرىشمگەن تىلفۇنلارنىڭ ئۈچىنجى تەرەپ رومى كۆپرەك بولىدۇ ،htc نىڭ mozart ,hd7 سامسوڭنىڭ focus قاتارلىقلار 7.10.8701 دىن كىيىن دەرىجە كۆتۈرۈلمىدى(升级包 تەمىنلەنمىدى) ياكى  جۇڭگودىكى ئابونتلارغا تەمىنلەنمىدى ،پەقەت nokia نىڭ lumia تىلفۇنلىرى بۇ مۇلازىمەتتىن بەھىرلەندى.چەتئەل خاككىرلىرى nokia lumia 900 دىن يادرو ھۆججىتىنى كۆچۈرۈپ mozart ,hd2 titan,focus قاتارلىقلارنىڭ ئۈچىنجى تەرەپ رومىنى ياساپ تەمىنلىدى .
تۆۋەندىكى windows phone مەشخۇلات سىستىمىسىدىكى تىلفۇنلار .
نۆۋەتتىكى windows phone7 تىلفۇنلىرى :
nokia نىڭ lumia 900, lumia 800,lumia710,lumia 610 قاتارلىقلار
htc نىڭhtc hd7pro, htc hd7,htc mozart،htc titan,htc radar,htc titan2 قاتارلىقلىقلار
samsung نىڭ focus,focus  s ,focus flash ,omnia ,omnia w قاتارلىقلار
LG نىڭ LG Optimus 7،LG Quantum،LG Jill Sander قاتارلىقلار
acer نىڭ Acer W4
Fujitsu نىڭ 富士通IS12T تىلفۇنى
DELL نىڭ Dell Venue Pro،Dell Lighting تىلفۇنى
جوڭشىڭنىڭ  Tania تىلفۇنى
نۆۋەتتىكى wp8 تىلفۇنلىرى:
nokia نىڭ  lumia 920,lumia 820,lumia 822,lumia 810,lumia 620 قاتارلىقلار
htc نىڭ HTC 8X،HTC 8S تىلفۇنى
samsung نىڭ Ativ S تىلفۇنى
LG نىڭ LG Fantasy تىلفۇنى
huawei نىڭ 华为Ascend W1 تىلفۇنى

يۇقارقى تىلفۇنلارنىڭ شەكلى ھەر خىل بولسىمۇ ئەمما مىكروسوفت تەرەپ كونوپكا ،ساقلىغۇچ، ئىكران  دىگەندەكلەرگە قاتتىق تەلەپ قويغان . يەنى ساقلىغۇچ ئەڭ تۆۋىنى 8 گىگابايت ،كونوپكىدىن ئالدى تەرەپتە ئۈچ تاللا(ئىزدەش، ئۆي،قايتىش) بار ،يان تەرەپتە ئىككى ئاۋاز كونوپكىسى ۋە كامىرا كونوپكىسىلا بار . ھەممىسى بىردەكلىكنى ساقلىغان .
  ئىكران ئىنىقلىقى wp7 تىلفۇنلىرىنىڭ ھەممىسنىڭ 800*480،   wp8 تىلفۇنلىرىنىڭ 800*480  ،1280*720   ،1280*768
سىز مەيلى قايسىسىنى ئىشلەتمەڭ ناھايتى تىزلا كۆنەلەيسىز .
   

                                                     داۋامى بار


بۈگۈن ئەتىگەندە Facebook قا تىزىملىتىۋالدىم ھا ھا ھا....

1

تېما

0

دوست

379

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
138
توردا
43 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 11:37:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە samsung omnia wدىن بىرسى بار ئىدى،ئورگان رومىنى قەيەردىن تاپقىلى بولا. بولسا بىر ياردەم قىلسىڭىز بولاپتىكەن.
158913696 QQ

8

تېما

6

دوست

1650

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
406
توردا
424 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 11:41:06 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ..

3

تېما

0

دوست

1997

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
96
توردا
1766 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 12:40:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېقىندا لۇمىيا 800س  دىن بىرنى سېتىۋالغان . تېلگىراف نۇسخىسى . مەن بۇرۇن ئاندىروئىد يانفۇنلىرىغا كۆنۈپ قالغان ئىدىم ، شوڭا بۇ تېلفۇننى دەسلەپتە ئىشلەتكەندە بەك ياقتۇرمىغان ، پۇشايمانمۇ قىلغانتىم . لىكىن ھازىر ئىشلىتىۋەرگەنسىرى شۇنداق ياقتۇرۇپ قالدىم . 1500 كويغا تېلگىراف شىركىتىدىن ئالغان . تېلفۇننىڭ سەپلىمىسى ، ئاپاراتى ، سۈپىتى ،  پۇختىلىقى  تەڭ باھادىكى ئاندىروئىد تىلفۇنلاردىن خېلىلا ياخشىكەن... ۋىندوۋىس تېلاۇنلىرىنىمىۇ شۇنداق ياقتۇردۇم...
مۇشۇ  تېلفۇنلارنىمۇ ئالما تېلفۇنلىرىغا ئوخشاش تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئاندىن ئىشلىتىدىكەن . بولسا مۇشۇ توغۇرلۇقمۇ بېرەر تېما يازغان بولسىڭىز...

3

تېما

0

دوست

251

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
84
توردا
46 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 21:54:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
C.RONALDO يوللىغان ۋاقتى  2013-2-5 12:40
مەن يېقىندا لۇمىيا 800س  دىن بىرنى سېتىۋالغان . تېلگىراف  ...

بىر ئورتاقلاشساق مەنمۇ لۇمىيا 610 ئىشلتۋاتقان تۈرمىدىن قاچۇردىغان گەپ چىقىپ قالدى شۇڭا ھىچ قانداق نەرسە قاچىليالمىغان ئوخىشايمەن مەسلىھەت بەرسىڭز چچ 1970292454
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-13 09:23 , Processed in 0.099458 second(s), 33 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش