ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 1589|ئىنكاس: 39

Lumia 620 ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىرات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

463

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
159
توردا
63 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 17:19:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Go_on تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-31 19:35  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار، مەن يېقىندا win8 سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەندىن كېيىن، win8 كە بولغان ئىشتىياقىم بەك يۇقىرلاپ كەتتىمۇ قانداق، تېلېفونغىمۇ win8 ئىشلەتكۈم كەپ كەتتى. Lumia 920 , Lumia 820 دىگەنلەرنى ئالاي دىسەم پۇل ئاياپ قېلىپ يۈرگەن كۈنلەردە، Nokia دىكىلەر مېنىڭدەك نامراتلارنى كۆزدە تۇتۇپ يېقىندىلا تېخى Lumia 620 نامىدىكى تېلېفونلىرىنى بازارغا ساپتۇ، مەشغۇلات سىستېمىسى ئوخشاشلا WP8، باھاسى 820 ۋە 920 لەردىن كۆپ ئەرزان. ئەلۋەتتە ئەرزان بولغاچقا ئەرزانغا لايىق يەرلىرىمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن كامېراسى ئاۋۇلاردەك قاتىللاردىن ئەمەس، ھەر ھالدا بولىدۇ 5 مىليۇنلۇق ئارقا كامېرا، ئالدى كامېرانىڭ ئېنىق سان سىفىرىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. 1G لىق قوش يادرولۇق CPU, ئىچكى ساقلىغۇچى 512MB ۋە 8GB لىق ھۆججەت بوشلۇقى دىگەندەك. ئەلۋەتتە SD كارتا سېلىپ سىغىم كېڭەيتىشكە بولىدىكەن، مەنمۇ يەنە 8GB لىق كارتا سېلىپ قويدۇم. مەشغۇلات سۈرئىتى مېنى رازى قىلدى، ئەلۋەتتە بۇمۇ ئەمەسلا بىر دۇنياكەن، بۇرۇن كۆنگەن Android تېلېفونلارغا ئوخشىمايىكەن. ئالما تېلېفونىغا ئوخشاش ئەپلەرنى دۇكاندىن چۈشۈرۈپ قاچىلايدىكەنمىز، ئوبدان ئەپلەر پۇللۇق، پۇلسىزلىرىمۇ خېلى كۆپكەن. بۇ تېلېفون دۇنياغا كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ دۇكاندىكى ئەپلەرنىڭ سانىنى ئاز دىگىلى بولمايدۇ، ھاجەتتىن چىققۇدەك نۇرغۇن قوراللار باركەن. تېلېفوننىڭ كۆرۈنمە يۈزى windows 8 نىڭ مېترو يۈزىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ، ئېكران ئىككىلا بۆلەككە بۆلۈنگەن، بىرىنچىسى ئېكران يۈزى ھەرقايسى ئەپلەرنىڭ تىزلەتمە سىنبەلگىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، خالىغانچە قوشۇشقا ۋە ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ، ئالاھىدىلىكى سىنبەلگىنىڭ چوڭلۇقىنى تەڭشەشكە بولىدىكەن، كىچىك، چوڭ، زىيادە چوڭ دىگەندەك. تېلېفوننىڭ سىرىتقى شەكلى بوپ قۇيىدۇ، بولۇپمۇ مەندەك بەك چوڭ تېلېفونلار بىلەن خوشى يوقلار ئۈچۈن تازا مۇۋاپىقكەن، ئېكران چوڭلۇقى 3.8. باتارىيەسىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ، ھازىرچە توكى ئوبدان يىتىۋاتىدۇ، نورمال ئىشلەتسەم ئىككىنچى كۈنىگىمۇ بەرداشلىق بېرىدۇ. ھەم قوراشتۇرۇلىشى بىرخىل پۇختا تەسىر بېرىدۇ، كەينى قاپقىقىنى ئاچسىمۇ ئۇنچە پۈۋلەپ قويسا سۇنۇپ كېتىدىغانلاردىن ئەمەس، ياڭاق چېقىپ يىسىمۇ بولىدىغاندەك سېزىم بېرىدۇ. يامان يېرى كارتىنى كېسىپ سالدىم. باھاسى 1999 يۈئەن ئىكەن، تالىشىپ يۈرۈپ 1800 گە ئالغان بولدۇم.

ھە راس ھەممىىمز قىزىقىدىغان مۇھىم بىر تەرىپى ئۇيغۇرچە قوللاش ئەھۋالى ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرچە قوللاشتا قىلچە مەسىلە يوق. خەت فونتى windows8 نىڭ خاتاسى يوقلا ئۆزى شۇ بولسا كېرەك، win8 نى  يېڭى قاچىلىغاندا كۆرۈنگەن قوليازمىدەك خەت شەكلى نەقلا شۇكەن. بارلىق ئورۇنلاردا ئۇيغۇرچە خەتلەر راۋان ئۇلىشىدىكەن، ھە راس SkyDrive بىلەن ئورتاقلىشىدىكەن، win8 كە ئوخشاشلا Microsoft ھېساۋاتى كېرەك بولىدىكەن مەن كومپيۇتېرىم بىلەن ئوخشاش ھېساۋاتتا ئىشلىتىۋاتىمەن، بۇ ھېساۋات ئارقىلىق www.windowsphone.com غا كىرىپ، تېلېفوندىكى بىز قاچلىىغان ئەپ تارىخنى كۆرگىلى، ئۆچۈرگىلى ۋە قايتا قاچىلىغىلى بولدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تېلېفون يۈتۈپ كەتسە تور يۈزىدە تۇرۇپ، تېلېفوندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرگىلى، تېلېفوننى قۇلۇپلاق قويغىلى، GPS ئارقىلىق ئىز قوغلىغىلى ۋە تېلېفوننى سايراتقىلى بولىدىكەن. ئېكراندىن رەسىم تۇتۇش ئىقتىدارى بار ئىكەنتۇق بىرنەچچە پارچە رەسىم تۇتۇپ ساقلىۋالغان تۆۋەندە يوللايمەن، جەمى 19 پارچە رەسىم ئىدى، ئالىپقا بۇرۇن رەسىم يوللاپ باقمىغان ئىكەنمەن، قانچىلىك يوللىغىلى بولىدۇ بىلمىدىم قېنى ئەمىسە بەھىر ئالغايسىزلەر. يەنە بىرسى مەن تېلېفوننى بۇرۇنتىن ئېنگلىزچە ئىشلەتكەچە بۇ رەسىملەرمۇ شۇ ھالەتتە تۇتۇلغان شۇڭا توغرا چۈشەنگيسىلەر.


wp_ss_20130131_0002.jpg

wp_ss_20130131_0003.jpg

wp_ss_20130131_0004.jpg

wp_ss_20130131_0005.jpg

wp_ss_20130131_0006.jpg

wp_ss_20130131_0007.jpg

wp_ss_20130131_0008.jpg

wp_ss_20130131_0009.jpg

wp_ss_20130131_0010.jpg

wp_ss_20130131_0011.jpg

wp_ss_20130131_0012.jpg

wp_ss_20130131_0013.jpg

wp_ss_20130131_0014.jpg

wp_ss_20130131_0015.jpg

wp_ss_20130131_0016.jpg

wp_ss_20130131_0017.jpg

wp_ss_20130131_0018.jpg

wp_ss_20130131_0019.jpg

wp_ss_20130131_0020.jpg

7

تېما

1

دوست

713

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
8
جۇغلانما
120
توردا
288 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 17:51:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ شۇنداق بىر ئىشلەتكۈم بار ئىدى ، ئەمما شۇ پۇل يوق ``` قاچانمۇ پۇل تاپار بولارمىز ...

5

تېما

2

دوست

997

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
349
توردا
209 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 18:00:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★、Majnun يوللىغان ۋاقتى  2013-1-31 17:51
مىنىڭ شۇنداق بىر ئىشلەتكۈم بار ئىدى ، ئەمما شۇ پۇل يوق ` ...

ماۋۇ گىپىڭىزگە كۈلۈپ كەتتىم

باھا سۆز

★、Majnun  شۇ شۇ ، ھەي ، ئىشلىرىم ئالغا باسماي ۋاتىدۇ ``  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 18:40

15

تېما

0

دوست

2337

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
520
توردا
663 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 18:29:49 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە نوكىيانىڭ 5 مىليۇنلۇق ئاپپاراتى دۆلىتىمىزنىڭ 8 مىليۇنلۇقتىن ياخشىراقمىكىن.

5

تېما

9

دوست

1212

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
340
توردا
287 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 18:59:01 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز  نوكىيا . سونى دىگەندەكلەر سەپلىمىسىنى تۆۋەن چىقىرىدۇ لىكىن ھەقىقى يۈز كىلەلىگۈدەك دەرىجىدە ھەقىقى چىقىدۇ
لىكىن دۆلىتىمىزنىڭ بەزى يانفۇنلىرى سەپلىمىسى خىلى يۇقرى چىقىدۇ لىكىن ئەمەلىيەتتىچۇ؟
ئىشقىلىپ مەنچە نوكىيانىڭ قاتتىق دىتاللىرىنىڭ سۈپىتى رەسمى بولاپ قويىدۇ

7

تېما

1

دوست

1272

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
6
جۇغلانما
500
توردا
226 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 19:10:24 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفۇنىڭىزدىكى قۇرئان ئۇيغۇرچىما؟ ئەگەر ئۇيغۇرچە بولسا ئەپ نامىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن

7

تېما

0

دوست

463

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
159
توردا
63 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 19:27:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★、Majnun يوللىغان ۋاقتى  2013-1-31 17:51
مىنىڭ شۇنداق بىر ئىشلەتكۈم بار ئىدى ، ئەمما شۇ پۇل يوق ` ...

مەنمىغۇ باي ئەمەستىم بولمىسا، نىمە ھەۋەس قوزغالدى بىلمىدىم پوككىدە ئېلىۋەتتىمغۇ.

7

تېما

0

دوست

463

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
159
توردا
63 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 19:34:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
diyarimiz يوللىغان ۋاقتى  2013-1-31 19:10
يانفۇنىڭىزدىكى قۇرئان ئۇيغۇرچىما؟ ئەگەر ئۇيغۇرچە بول ...

شۇنداق ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى باركەن، ئەپ دۇكىنىدىن چۈشۈرگەن. Quran دەپ ئىزدىسىڭىز ئەپ دۇكىنىدىن، خېلى كۆپ قۇرئان چىقىدۇ. Al Quran دىگىنى مەن چۈشۈرگىنى شۇ. تەرجىمە تېكستىنى تاللاپ چۈشۈرىدىغان يەردە ئۇيغۇر دەپمۇ باركەن، كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم.

11

تېما

10

دوست

1597

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
74
جۇغلانما
277
توردا
716 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 21:21:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MPTFE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-31 21:22  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستۇم مۇبارەك بولسۇن.مىنىڭ بىرمەسلەھەتىم بار ئىدى.سىز مەن دىگەن ئۇسۇل بىلەن سىناپ باقاندىن كىيىن ئىنكاس شەكىلدە بىر جاۋاب يېزۋەتسىڭىز.سىز تىل تاللاش تۈرنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇر تىلىنى تاللىماي تۇرۇپ بر تورغا چىقىپ سىناپ باققان بولسىڭىز.خەتلىرى بۇرۇنقىدەك ئۇلۇشۇپ چىقامدۇ ياى ئۇنداق بولمامدۇ.چۈنكى مەن ئالدىنقى قېتىم سىز دىگەن 920 ۋە 820 لەرنى كۆرۈپ سىناپ بىقىش ئۈچۈن بازارغا چىقىپ سىنغان ئىدىم.بىرىجى دۇكاندا ئاۋال تىل تاللاش رايۇنىغا كىرىپ ئۇيغۇر تىلىنى تاللاپ تورغا چىقىپ باقسام سىزنىڭ تېلېفونىڭىزدا كۆرۈنگىنىدەك چىققان ئىدى.لىكىن ئىككىنىجى دۇكانغا چىقىپ سىناپ باقسام كاساپەت خەتلىرى شۇنداق چىرايلىق چىقىپ كەتتى.خۇددى ئالىپ تورمىزنىڭ كومپىيوتىر نۇسقىسىدىكىدەكلا.ئەينى چاغدا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەپتىمەن.قايتىپ كىلىپ ئويلاپ قالدىم.ئىككىسى ئوخشاش تېلېفون نىمە ئۈچۈن خەتلىرى ئوخشاش چىقمايدىغاندۇ؟بىرسىنىڭ يەنى مەن تىلنى ئۇغۇرچىغا تەڭشەپ ئىشلەتكىنىم بىزە كۆركەمسىز،سىزنىڭكىدەك،لىكىن مەن تەڭشىمەيلا چىققىنىم بەكلا چىرايلىق،شۇڭا سىز تەڭشىگەن ھالەتتە بىر قېتىم،تەڭشىمەي تۇرۇپ بىر قېتىم تورغا چىققىپ سىناپ باققان بولسىڭىز.رەھمەت.بەك كۆپ سۆلەپ قويدۇم ھە،خاپا بولماڭ.

7

تېما

5

دوست

2654

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
691
توردا
889 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 22:30:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھاسى نىمىشقا قىممەت چىقىدىغاندۇ مۇشۇ ئوخشاش سەپلىمىلىك ئاندىروئىد بىلەن ۋىندوۋىس تىلفۇنلار باھا پەرقى خىلى كۆپ پەرىقلىنىپ قالىدىكەن. باياتتىن كۆرگىنىمگە قارىسام مىنىڭمۇ بىرنى ئىلىپ (خۇاۋىنىڭ ۋىن 8لىك تىلفۇنى بۇنىڭدىن خىل ئەرزاندەك قىلغان)ئىشلەتكۇم كىلىۋاتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-13 09:09 , Processed in 0.125698 second(s), 40 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش