ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 3733|ئىنكاس: 39

سۈنئى ھەمرا ئانتىنا ئورنىتىش دەرىسلىكى(رەسىملىك)يېڭىلاندى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

2

دوست

1892

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
4
جۇغلانما
768
توردا
195 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 16:19:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەن ئالدىنقى تىمامدا سۈنئىى ھەمرا تىلىۋېزىيە ئانتىناسى توغرىسىدا بىر دەرىسلىك يوللاشنى تەكلىپ بەرگەن ئىدىم  بۇھەقتە ئىنكاسلار خېلى كۆپ بولدى مىنىڭ ۋاختىم بۈگۈن يەتتى ھازىر دەرىسلىكنى سۆزلىمەكچى
مەن ئالدى بىلەن چوڭ قازان توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئاندىن كىچىك قازان توغرىسىدا يازىمەن  
ھازىر چوڭ قازان ئىشلىتىدىغانلار ناھايتى ئازقالغان ئوخشايدۇ نەچچە پارچە رەسىم يوللاپ بىرىڭلار دىسەم ھېچ سادا يوق
شۇڭا چوڭ قازان توغرىسىدا يوللىماي دىگەن لېكىن ئۈيدە بارلار پايدىلىنىپ قالار دەپ ئويلاپ بۇتوغرىسىدا يازاي دەپ ئويلىدىم  
دوسلار بۇچوڭ قازان ياكى كىچىك قازان ئېلىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن ئەگەر ئېلىشقا توغرا كەلسە كىچىكىنى ئالاسىلەر چۇڭى قۇلاي ئەمەس ھەم تەڭشەش مۇرەككەپ   ئەمىسە باشلايلى   
ئىھتىمال ئۈيىدە چوڭ قازان بارلارنىڭ تور قازانغۇ دەيمەن چۈنكى بۇ ئەرزان    مەن بۇيەردە پەقەت كۈرۈش دا.ىرسى ئاساسلىقى ئۇيغۇرچەقاناللارنى ئاساس قىلغان ھالدا يازىمەن   سۈنئى ھەمرا تىلىۋېزىيە ئانتىناسى توغرىسىدا ئازراق توختىلايلى پۇتۇن دۇنيادىكى 200 نەچچە دۆلەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا قۇيۇپ بەرگەن سۈنئى ھەمرا تىلىۋېزىيە سى بار  مەسىلەن  بىزلەر كۆرىۋاتقان  تۈركىيە نىڭ فىلىملىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە توردىن ئىزلىسىڭىز نۇرغۇنلىغان تۇركىيەنىڭ قاناللىرىنى تور ئارقىلىق كۆرگىلى بولسىمۇ لېكىن بەزى كىنو قاناللىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ بۇنى دەل مۇشۇ سۈنئى ھەمرا  ئارقىلىق قۇبۇللاپ ئاندىن بىزگە تەرجىمە قىلىپ تارقىتىپ بىرىدۇ  دىمەكچى بولغىنىم  مۇشۇنىڭۈا ئوخشاش نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۈزىنىڭ پىروگىراممىلىرى بولغاندەك بىزنىڭمۇ ئۆزئالدىمىزغا ئۇيغۇرچە قاناللارنى كۆرىدىغان قاناللىرىمىز بار  بۇ  سۈنئى ھەمرالارنى ئورنىتىش ئۈچۈن ھەممىسىنىڭ ئۆزئالدىغا گىرادۇس بەلگىلەپ قۇيۇلغان  مۇشۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى دانە دولقۇندا ئۇيغيرچە كۆرگىلى بۇلىدۇ   بىرى   125.0  گىرادۇسلۇق دولقۇن بۇلۇپ بۇنى مەخسۇس چوڭ قازاندا كۆرۈمىز  يەنە بىرى  92.2  گىرادۇسلۇق دولقۇن بۇلۇپ بۇ دول مەملىكىتىمىز بۇيىنچە ھازىر كۆرۈش نىسپىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەڭشىمەك ئاسان قۇلايلىق بولغان كىچىكىى 25 سانتىمىتىر  چوڭى  45 سانتىمىتىرغىچە بولغان كىچىك قازانلاردا كۆرىمىز   ئەمدى بۇ توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولساڭلار تۆۋەندە تەڭشەش دەرىسىنى باشلىساق بۇنىڭ دىن باشقا تەپسىلاتلارنى سۆزلىمىسەكمۇ بۇلىدۇ  
بۇ ئانتىنا ئورنىتىش ئۈچۈن سىز چۇقۇم  ئورنىڭىزنى توغرا بىكىتىشىڭىز كىرەك مەسىلەن كومپاس  دىن پايدىلىنىپ بۇنى رايۇنىمىزدا تاپماق تەس شۇڭا ھازىر بىزدە نۇرغۇنلىغان دوسلاردا     ئاندرويد  سىستىمىلىق يانفۇنلار بار شۇنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلانساق بۇلىدۇ
ئانتىنا ئورنىتىش  3 باسقۇچنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ مۇشۇ 3 باسقۇچنى توغرا قىلالىسىڭىز 5 مىنۇتتا  پۇتتۇرەلەيسىز   يەنى  بىرىنچىسى   ئانتىنانىڭ  ئايلانما  بۇلۇڭ گىرادۇس   ئىككىنجىسى   ئانتىنانىڭ ئىگىزلىك بۇلۇڭى  ئۈچىنجىسى  گاۋپىنتۇ  نىڭ ئايلانما گىرادۇسى بۇنى تەرجىمە قىلالمىدىم  ئەمدى رەسىمدىن بۇنىڭ ئونىنى كۈرۈپ باقايلى  تۆۋەند مەن بىرقىسىم رايۇنلارنىڭ ئوخشىمىغان تەڭشەك لىرىنى رەسىم قىلىپ يوللاپ قويدۇم  كۈرۈپ بېقىڭلار   چوڭ قازان
0991.png

بۇ ئۇرۇمچىنىڭ
atush.png

بۇئاتۇشنىڭ

0903.png

بۇ خوتەننىڭ
0997.png


بۇ ئاقسۇنىڭ   بۇيەر دە مۇشۇ بىرنەچچە رايۇننىڭ كۆرسىتىلدى  ئاساسى جەھەتتىن كۆپ پەرىق يوق  مەن دىگەن 3 دانە بۇلۇڭ مۇشۇ  رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بۇلىدۇ   ئەمدى بۇرەسىمنۇ كۈرۈڭ
11111111111.png


2222222222222.png


بۇرەسىملەر  ئاندرويد يانفۇنىدىكى ئۇرۇن بەلگىلەش سىستىمىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەيدىغان كومپاس دىتالى مەن ئاخردا چۇشۇرۇش ئادرىسىنى قالدۇرىمەن  ئەمدى رەسىملەرنى كۈرۈپ بولدۇق ئەمدى بۇرەسىملەردىن پايدىلىنىپ ئانتىنانى تەڭشەشنى باشلايمىز
بىرىنچى قەدەمدە سىز قازاننى بوشلۇق بىلەن ئۇچىرشاليدىغان جايغا يەنى (ئۆگزە  ياخشى بولمىسا ھويلا بولسىمۇ بۇلىدۇ)   
مۇشۇنداق جايغا قۇيۇڭ  قۇبۇللاش ئۈسكىنىسىگە سىمنى توغرا چېتىپ بولغاندىن كىيىن  تېلىۋۇزۇرنى ئاچسىڭىز سىىگىنال يوق دەپ چىقىدۇ ئاندىن كىيىن سىز تىزگىنەكتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىككىنجى يۈرۈش قانىلىنى تېپىڭ ئاندىن كىيىن تىزگىنەكنىڭ تۈۋەن تەرەپتە 信息  مۇشۇنداققۇ دەيمەن بىر كۇنۇپكا بار شۇنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقىدۇ
  
مۇشۇنداق بۇنىڭغا قارىسىڭىز ئاستىدا ئىككى خىل سىگىنال نۇمۇرى بارلىقىنى كۆرىسىز ئۈستىدىكى 50 پىرسەن دىگىنى سىزنىڭ قۇبۇللىغۇچ بىلەن قازاننىڭ نۇرمال ئۇلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ ئاستىدىكى بولسا ھازىر 4 پىرسەن بولسا دەل بىزگە لازىملىق بولغان سىگىنال نۇمۇرى شۇ بۇيەر دە 4 ئىكەن بەلكىم سىزنىڭ 0 ياكى 5  بۇلۇشى مۇمكىن  شۇنداق بولسا ئوخشاش تېخى سىگىنال يوق دىگەن گەپ ئەمدى بۇنى قانداق تەڭشىسەك ئاسان بۇلىدۇ ئەمدى ئۈستىدە يوللانغان  رەسىملەردىن پايدىلىنىش كېرەك  ئالدىبىلەن سىز يانفۇنىڭىزغا ئۈستىدىكى دىتالنى قاچىلاڭ ئاندىن يانفۇننىڭ gps  ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىڭ  بىز بۇيەردە 0991  نىڭ رەسىمىدىن پايدىلىنىپ  تەڭشەپ باقايلى  رەسىمدىكىدەك   


بۇرەسىمدىكىدەك   132.2   دىگىنى  ئايلانما  بۇلۇڭى   ئەمدى بىز مۇشۇ بىر خىل بۇلۇڭنى بىلىۋالساقلام قالغان ئىككى خىل بۇلۇڭ نى كىيىن  ئاسانلام تاپىمىز بۇنى قانداق تاپىمىز  ئالدىبىلەن يانفۇندىكى دىتالنى قوزغۇتۇڭ چۇقۇم gps  بولسۇن  ئاندىن دىتالدىن 指南针 دىگەننى بېسىڭ  باسسىڭىز  بەلكىم توغرا بولماي قالىدۇ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك

ئەمدى بۇنى تېپىش ئۈچۈن يانفۇننى تۈز بىر جايغا قۇيۇپ يانفۇننى ئايلاندۇرسىڭىز تاپالايسىز تۆۋەندىكىدەك بولسا تاپقان بۇلىسىز

مانا مۇشۇنداق  ئەمدى بۇنىڭدىن    قازاننىڭ ئايلانما بۇلۇڭىنى قانداق تاپىمىز دىسىڭز مۇنداق تاپىمىز

يانفۇننى رەسىمدىكىدەك  دىتال بەلگىلىگەن  ھالەتتە قۇيۇپ  مۇشۇ جاي دىگەندەك  قازاننىڭ  گاۋپىنتۇ نىڭ يۈنىلىشىنى 132  قىلىپ قۇيىسىز  ئەلۋەتتە شۇنىڭغا يېقىن  يەنە 120  بىلەن  140  نىڭ ئارىسىدا تۇرسا بۇلىدۇ  ئەمدى سىز ئىگىزلىك بۇلۇڭىنى تەڭشىگەچ قازاننى ئاستا  ئايلاندۇرسىز  120  ىلەن 140 ئارىسىدا  چوڭ قازاننى ئادەتتە ئىگىزلىك بۇلۇڭى 22  دىن باشلاپ  27  غىچە ئىكەن  شۇڭا مەن تۇرۇۋاتقان مۇشۇ يەرنى  مىسالغا ئالسام تۇز يەردە قازاننى قويسام  ئادەتتە قازاننىڭ ئالدى ئاستى تەرەپ  يەرگە تىگىشىپ تۇرىدۇ   بۇيەردە  26  گىرادۇس   مەسىلەن  ئاتۇشنىڭ 22  كەن بۇنى يەرگە تاقاپ قويسىڭىزما چىقمايدۇ قانداق قىلىمىز قازاننڭ ئاستىغا 1 قەۋەت  خىش قۇيۇپ چىقساق بۇلىدۇ ئاندىن تەڭشەشنى باشلىساق بۇلىدۇ    قازاننى قۇيىدىغان جاينىڭ ئالدى تەرەپ ئازراق پاكارراق بولسا ياخشى راق بۇلىدۇ     ئەمدى تەڭشەش ئۇسۇلى مۇنداق  قازاننىڭ يۈنلىشىنى قايسىتەرەپكە نبۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ بۇلۇپ ئىگىزلىكىنى يەر بىلەن تىگىشتۇرۇپ راق قۇيۇپ ئاستا ئاستا ئوڭ سولغا ئايلاندۇرىسىز بۇۋاقىتتا بىر ئادەم تىلىۋوزورغا قاراپ تۇرۇپ ھېلىقى 4 دىگەن سىگىنالنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ قاراپ تۇرسۇن  ئوڭ سول ئايلاندۇرۇپ پەقەت ئۆزگەرمىسە ئىگىزلىكىنى كۆپ ئەمەس 1 سانتىمىتىر چۇشۇرۇپ  يەنە شۇنداق ئايلاندۇرسىز چۈشۈرۈۋېرىپ بولمىسا دەسلەپ چۈشۈرگەن تەرەپتىن باشلاپ ئۈستىگە 1 سانتىر دىن ئىگىزلىتىپ يەنە ئوڭ سولغا ئايلاندۇرسىڭىز مەلۇم جايغا كەلگەندە 4 دىگەن سان مەيلى نەچچە بولسا 10 دىن يۇقۇرلىغان ھامان جايىغا يېقىنلىغان بۇلىسىز مەسىلەن ئۈستىدىكى50  دىگىنى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن  ئاستىدىكى  12 گە چىققان بولسا سىز ئالدىرماي ئوڭغا ئايلاندۇرۇڭ چۇشۇپ كەتسە سولغا ئايلاندۇرۇڭ شۇنداق قىلىپ ئەڭ يۇقىرى بولغىنى نەچچە  بولسا غۇنىڭغا توختىتىپ قازاننىڭ ئورنىنى مۇقىملىۋېتىڭ  خشتەك بىرنەرسىلەربىلان باستۇرۇپ قۇيۇڭ ئاندىن بۇ مەسىلەن ھە دوسلار سىلەرنى قانچەچىقىشىنى مەن بىلمەيمەن بۇيەردە 12 دەپلدم ئالاي ئاندىن كىيىن سىز ئىگزگە ياكى تۇۋەنگە قىلىپ 12نى  ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە ئەپچىقىپ بۇنىمۇ مۇقىملاڭ  نەچچىگە چىقتى مەسىلەن 28  دەيلى يەنە چىقمايدۇ  ئەمدى 3 باسقۇچ  گاۋپىنتۇ  نى ئوڭ  سولغا 1 سانتىردىن چۆرۈپ كۈرۈڭ ئەڭ يۇقىرى سان نەچچە 33 بولدىمۇ مەسىلەن مۇشۇنداق بولسا چىقتى دىگەن گەپ دوسلار  مانا مۇشۇنداق يەڭشەيمىز مەن كۈرۈپ باقتىم شىنجاڭنىڭ بارلىق رايۇنلىرىدا ئاساسى  ئايلانما بۇلۇڭى 130 بىلەن 140 ئارىسىدا ئىكەن  ئىگىزلىك بۇلۇڭى  22  دىن 27  ئىكەن شۇڭا مۇشۇ ئاساستا قىلساڭلار بۇلىدۇ.
ئەمدى قۇلىمىزدا ھېچقانداق ئەسۋاپ يوق  بولسا قانداق قىلىپ تەڭشەيمىز بۇنىڭدا مۇنداق قىلىمىز  كۆرگىنىمىزدەك 132 دىگەن جاي  شەرىق بىلەن جەنۇپ تەرەپنىڭ ئوتتۇرىغا توغرا كىلىدۇ   ئەمدى بىز بۇنى كۇن  شەرىقتىن چىىقىپ غەرىپكە پاتىدۇ دىگەن قاراشتىن تاپىمىز كۇن چىقىش تەرەپ بىلەن كۇن تىك چۈش بۇلىدىغان جاينىڭ ئوتتۇرسىغا توغرا كىلىدۇ  قالغان ئىشلارنى بايامقى سۆزلىگەندەك قىلسىڭىز بۇلىدۇ   يەنە بىر گەپ ئالدى بىلەن گاۋپىنتۇنىڭ  4 بۇرجەك يىرىنى ئۈستىگە قارىتىپ قۇيۇپ ئاندىن تەڭشەڭ ئامال بولسا تېلۋېزۇرنى قازاننىڭ قېشىغا قۇيۇپ ئۈزۈڭىز كۈرۈپ تەڭشەڭ  بولمىسا پەتلام قۇبۇللىغۇچنىلام ئېلىپ چىقسىڭىزمۇ بۇلىدۇ بۇنىڭ ئۇچۇن ئالدى بىلەن ئۆيدە تېلۋېزوردا بىر كۇرۇپ قايسى قاناللىقىنى بىلىۋېلىڭ ئاندىن شۇ قانالغا ئۇدۇللاپ ئۈچۈرۈپ ئۆگزىگە ئېلېپ چىقىپ سىمنىڭ بىر ئۇچچىنى قۇبۇللىغۇچقا يەنەبىر ئۇچىچىنى قازانغا ئۇلاڭ ياخشى ئۇلاڭ ئاندىن سىز تىزگىنەكتىن 信息  دىگەن نى بېسىڭ      قانال مەسىلەن  60  ئىنجى قانال بولسا   060  دەپ  چىقىدۇ   سىز  信息 كۇنۇپكىنى باسسىڭز   ئالدىغا  p04   
مۇشۇنداق چىقىدۇ بۇيەردىكى 4 سىگىنالغا ۋەكىللىك قىلىدۇ  قالغان ئىشلارنى سىز بايا سۆزلىگەن گە ئوخشاش قىلىسىڭىز بۇلىدۇ ئاخىردا سىگىنالنى ئەڭ يۇقىرغا يەتكۇزۇپ  يېنېپ چۇشۇپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ  مىنىڭ 29  دىن ئاشسىلام كورگىلى بۇلىدۇن   يۇقىرى 35 كە چىققان  قايسى كۇنى بىرنىڭكىنى تەڭشىسەم 39    دىن ئاشسا چىقىدىكەن  ئىشقىلىپ مۇشۇنداق قازانلارنىڭ نۇمۇر چىقىدىغان يىرىدە بىردانە يېشىل چىراق بار شۇ يانسىلام بولدى دىگەن گەپ     ئەمدى ئاخىردا مۇشۇنداق تەڭشەپ بۇلۇپ قىلىدىغان ئىشتىن بىرسى بار ئۇ بولسىمۇ  قۇبۇللىغۇچىڭىزنىڭ ئاپتۇماتتىك ئىزدەش ئىقتىدارى بولسا بەك ياخشى   سىگىنالنى پەيدا قىلىپ بۇلۇپ ئاندىن ئىزلەتسىڭىز ھەممىنى تاپالايدۇ جەمئى 29  دانە قانال بار     
ئەمدى ئاپتۇماتتىك ئىزدەش ئىقتىدارى بولمىسا قانداق قىلىمىز  چۈنكى شۇپېتى كۈرەي دىسىڭىز بەزى قاناللار يوق ئەمدى سىز ئۈزىڭىز نۇمۇر سېلىپ قۇشۇشقا توغرا كىلىدۇ مەن بۇ 125.0  گىرادۇسلۇق نىڭ نۇمۇرلىرىنى قالدۇرۇپ قۇياي مۇشۇ ئارقىلىق قېتىڭ
125.png

مانا مۇشۇ لار شۇ  قانداق كىرگۈزىمىز دىسىڭىز تەرتىپ بۇيىنچە 菜单  نى بېسىپ

كىيىن

كىيىن


مانا مۇشۇنداق كىرگۈزىسىز  بۇ ئەھۋالدا سىز سىگىنالنى تېپېپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى ئەلۋەتتە 4  بولماي   34  ياكى 44  ياكى باشقا بۇلىدۇ رەڭگى سېرىق بۇلىدۇ ئاندىن كىيىن    جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز قانالنى قاتىدۇ ئۈستى تەرەپتىكى رەسىمدە مەسىلەن   4120   H  27500    دەپ تۇردۇ بۇ   H  دىگىنى 水平   دىگىنى بۇلىدۇ دوسلار ئەمدى چوڭ قازان توغرىسىدا دەرىسلىك مۇشۇنچىلىك بولسۇن
كىچىك قازان توغرىسىدا
كىچىك قازان ئادەتتە چوڭ قازانغا قارىغاندا بەك ئاسان  پەقەت ئۇرۇننى توغرا بەلگىلىيەلىسىڭىزلام بۇلىدۇ
ئەمدى  مەن بۇ كىچىك قازان چوڭ قازانغا ئوخشاش گىرادۇسلىرى بىرخىل ئەمەسكەن گاھى 160   گاھى 190  شۇنداقكەن شۇڭا مەن سىلەرگە بىر دىتال سوغا قىلاي  ئورنىڭىزنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ
k atush.png

ئاتۇش
k0997.png

ئاقسۇ
k0994.png

سانجى
k0991.png

ئۈرۈمچى
k0903.png


kiqik0991.png

خوتەن
مانا مۇشۇ چۈشۈرۈش ئورنىنى ئاخىردا    مۇشۇ دىتالدىن پايدىلىنىپ تۇرۇشلۇق ئورنىڭىز نىڭ گىرادۇس بۇلۇڭلىرىنى تېپىڭ
بۇدىتال ئالدىنقى دىتالغا ئوخشىمايدۇ ئۇدىتالنى يوللىسام بولمايدۇ چۈشۈنەر سىلە مىنى

بۇ ئىككى دىتال ئوخشىمايدۇ لېكىن كورسىتىپ بىرىشى ئاساسەن ئخشاش
تەڭشەش باسقۇچى يەنىلام ئوخشاش 3 باسقۇچ  ئالدى بىلەن قۇبۇللىغۇچنى تېلىۋېزورغا نۇرمال ئۇلۇغاندىن كىيىن 菜单  دىن

بۇ چىققاندىن كىيىن 系统设置  نى بېسىڭ ئاندىن مەخپى نۇمۇر سورسا 0000 نى كىرگۈزۈپ جەزىملەڭ
   
مانا مۇشۇنداق ئەلۋەتتە بۇ نۇرمال چىقىۋاتقان ھالەتتە  لېكىن سىز نىڭ نۇرمال بولمىغاندا  نۇرمال ئۇلانسىلام بۇ ئىككى خىل سىگىنال نۇمۇرىنىڭ ئۈستىدىكى 80 ئەتراپىدا بۇلىدۇ    ئاستىدىكى 41   بولسا   0  بۇلىدۇ   سىز يەنە 3 باسقۇچ بۇيىنچە تەڭشەش ئارقىلىق بۇنىمۇ نۇرمال چىقىرالايسىز سىزنىڭ كىدە 系统设置   غا كىرسىڭىز بۇ سىگىناللار ئىككىلىسى 0  بولسا   كىرىپلام باشقىنى باسمايلام  جەزىملەشنى باسسىڭىز كۈرۈنۈدۇ پەقەت كۈرۈنمىسە سىملارنى تەكشۈرۈڭ كۈرۈنگەندىن كىيىن تەڭشەڭ
تەڭشەش چوڭ قازاندەك ئۇنداق تەس ئەمەس ئىشقىلىپ بۇقازانمۇ يۇقىردا تەڭشىگەنگە ئوخشاش ئۇسۇلدا تەڭشەيمىز لېكىن ئاسمانغا قارىتىۋالماڭ ئۇدۇلغا قارىتىپ قۇيۇڭ قالغىنىنى دىتال ئارقىلىق ئورنىڭىزنى مۇقىمداپ ئاندىن كىيىن تەڭشەڭ  بىزنىڭ بۇ يەردە  كىچىك قازانلار بەك كۆپ بولغاچقا باشقىلارنىڭكىگە قارتا ئوخشاش قويساق ئاسانلام چىقىدۇ ئۈستىگە قارىتىۋالمىسىڭىزلام ئاسان تەڭشىيەلەيسىز  بۇ ئادەتتە چوڭ قازانغا ئوخشاش سىگىنالى ئاستا ئاستا يۇقىرلىمايدۇ ئەگەر قېشىغا كەلسە بىراقلام يۇقىرلايدۇ   لېكىن شۇندا بولسىمۇ 3 باسقۇچ بۇيىنچە ھەممىنى قىلىڭ  ئاخردا   سىگىنال نۇرماللاشقاندىن كىيىن ئاپتۇماتىك ئىزدەتسىڭىز 46 قانال چىقىدۇ
  
ئىزلەۋاتقان كۈرۈنۈش   
ئەمىسە دەرىسلىك تۈگىدى  3  سائەتتە ئاران يېزىپ بوپتىمەن بۇنى  ئاخىردا  كىچىك قازانغا ئادەتتە نۇمۇر سالمىساقمۇ بۇلىدۇ لېكىن مەن نۇمۇرلىرىنى يوللاپ قۇياي كۈرۈپ بېقەڭلار
92.2.png

ئەمدى دوسلار  دەرىسلىك تۈگىدى  
دىتاللارنى چۈشۈرۈش ئادرىسى------ http://115.com/file/e7lr3lxb
يەنە بۇبوشلۇققا بىر ئاز پايدىلىنىش ماتىريالى يوللاپ قويدۇم.  چۈشۈرۈڭ--http://115.com/file/c2emj20p
مەن بۇرۇن پايدىلانغان بۇ سىن دەرىسلىكلىرىنىمۇ يوللاپ قويدۇم   http://115.com/file/dpkliosc


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurlan55400 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-27 16:40  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
alip + 40 ئىجادىي ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 40   باھا خاتىرىسى

ئاقچا
46
جۇغلانما
460
توردا
112 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 17:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى دەرسلىك بوپتۇ. رەھمەت سىزگە

34

تېما

19

دوست

1071

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
46
جۇغلانما
215
توردا
359 سائەت
نادىر
1

Medal No.1

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 21:51:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز بۇ يازمىغا ... ... ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن . مەن ئادەتتە قازان تەڭشىسەم كومپاسنىمۇ ياكى ئاندىرويت تېلفۇننىمۇ ئىشلەتمەيلا بىۋاستىلا تەڭشەۋېرىدىكەنمەن . قازاننى شەرقى جەنۇپقا قارىتىپلا ئاستا-ئاستا تەڭشەپ چىقاتتىم .
    مېنىڭ بەكرەك قىزىقىدىغىنىم مۇشۇ قازاننىڭ نۇسخسىنى قانداق ئۆرلىتىش ، تۈركىيەنىڭ كىنولىرىنى قانداق بىۋاستە قوبۇللاپ كۆرۈش دېگەندەكلەر ئىدى . بۇلاردىنمۇ تەلىم بېرەرسىز ھە كېيىن ۋاقتىڭىز چىقسا ..
   قايسى كۈنى بازاردا بىر قازان كۆرۈپ قالدىم . كىچىك قازانكەن . cctv-5 , 凤凰卫视 دېگەندەك قاناللارنى قوبۇل قىلالايدۇ دەيدۇ . ئەپسۇس باھاسى 270 خەلق پۇلى ئىكەن . كېيىنلەردىن بىرنى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yarghol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-21 08:54  

پەخىرلەن دۇنياغا مەھموت ۋەتىنى....

17

تېما

2

دوست

1892

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
4
جۇغلانما
768
توردا
195 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 22:54:24 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دىگەن cctv5 دىگەنلەرنى كۈرۈش ئۈچۈن چۇقۇم قۇبۇللىغۇچنى ئالماشتۇرسىز بۇ قازانغا ئۇنچە مۇناسىۋەتسىز 60 سانتىمىتىر كىلىدىغان قازاندا نۇرمال كۆرگىلى بۇلىدۇ بۇلارنى بۇ توغرىسىدا يازىمەن دەپ تىما بەك ئۇزۇن بوپ كەتمىسۇن دەپ يازمىغان بۇلارنى ئورتاقلىشىشنى مەنمۇ ئويلىغان لېكىن چەتئەلنىڭ قانىلى دەپ خاتا چۈشەنمىسۇن دەپ شۇڭا يازمىدىم توغرا چۈشۈنەرسىلەر ئەگەر مۇمكىن بولغان بولسا قانداق قازان قانداق قۇبۇللىغۇچ ئېلىش توغرىسىدا تەپسىلى يازاي دىگەن لېكىن بۇلارنى يازسام بولمايدىغانلىقىنى  بىلدىم  بەك قىزىقسىڭىز بىلەن ئالاقىلقشىڭ    qq   275409219

ئاقچا
70
جۇغلانما
318
توردا
38 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 23:02:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسىم  بىلەن   بىر  ساقلىۋالاي   مۇشۇ  دەرىسلىكنى   
رەھمەت  سىزگە   !!

11

تېما

1

دوست

1663

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
758
توردا
77 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 23:29:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدىغان تىمىكەن بۇ مەن تاپامماي يۈرىتىم سىزگە رەخمەت جۇما بوسا چوڭ قازان بىلەن كىچىك قازاننىڭ پەرقىنې دەپ بەگەن بوسىڭىز بوپتىكەن توردا دىيىش بىئەپ بۇلاپ قاغان بوسا بۇ چ چنى قۇشېۋېلىڭە 1320189812

1

تېما

0

دوست

740

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
8
جۇغلانما
292
توردا
142 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 23:45:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتكۈچ

0

تېما

0

دوست

422

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
130
توردا
32 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 23:53:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي...كىيىنچە چوقۇم لازىم بۇلىدىغاندەك تۇرىدۇ.

17

تېما

2

دوست

1892

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
4
جۇغلانما
768
توردا
195 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 00:56:23 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلام دوسلار بۇ تىمىنى ئەسلى ئىنتىل سەيناسىدا بىرسىنىڭ ياردەم سۇراپ يازغىانلىقىنى كۆرۈپ يېزىش مەقسەت قىلغان شۇ سەيناغا يازاي دىسەم ھېچبىر ئىنكاسنىڭ تايىنى يوق شۇڭا مەن ئەڭ كۆپ كىرىدىغان بۇ مۇنبەتگە يازاي دەپ ئويلاپ ئاخىرى يېزىپ چىقتىم بۇرۇندىنلام يېزىش نىيىيىم باتتى لېكىنشۇ تېلىۋېزورنى كۆرېۋېرىپ  ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلىەر ئىسىدىن چىقىپ قالسا گۇناھى ماڭا بۇلامىكى دەپ يازمىغان لېكىن ھازىر قارىسام نۇرغۇن دوسلار بىلەلمەي بىكار پۇل خەجلەپ كەتمىسۇن دەپ يوللاۋېرېي  كاللىسى بار ئادەم ئۈزىنىڭ نىمىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەر دەپ ئويلىدىم  مەن بىر دىھقان كەسپىم بۇ ئەمەس پەقەت بىر قىىزىقىش بىلەن ئۈگۈنۈپ قالغان  تىما كۆڭلۈڭلاردىكىدىك بولغاندەك قىلىدۇ پايدىلىنپ بۇلۇپ ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭلار يازغان تىمىغا ئىنكاس كەلمىسە ئادەم بۇتىمىنى بىكار يوللاپتىمەن دەپ ئويلاپ قالىدىكەن مىىنىڭمۇ ھەممىنى بىلىپ كىتىشىم ناتايىن لېكىن قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن باشقا ھەر قاندا گەپ بولسا ئىنكاس يېزىپ قۇيۇڭ

11

تېما

3

دوست

1815

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
770
توردا
99 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:38:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتكۈچ

1

تېما

0

دوست

126

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
49
توردا
18 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 08:25:04 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭ قازان بىلەن كېچىك قازاننىڭ نومىرىنى قانداق پەرىق ئېتىمىز؟
نومۇرنى كىرگۈزۈپ توغىرلىساق بىزنىڭ ھاۋا بوشلېقىمىزدا ئۇ سۈنئى ھەمرا بارمۇ مەسلەن تۈركىيەنىڭ؟
مەن ھازىر ھەرەمنىكىنى كۆرىۋاتىمەن قىررىق نەچچە قانال بار. تۈركىيەنىكىنى بىر كۆرۈپباقسام دەيمەن
چوڭ قازانغا توغرا كېلىدىغان نومۇرنى تېپىپ كىرگەزسەك سىگىنال يوق بولسىمۇ قانال قۇشۇلامدۇ؟ قۇشۇلغان قانالنىڭ سىگىنالىنى ئۇياق بۇياققا بۇراپ تېپىۋالىمىزمۇ؟

17

تېما

2

دوست

1892

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
4
جۇغلانما
768
توردا
195 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 10:24:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭ قازان بىلەن كىچىك قازاننىڭ پەرقىنى نۇمۇرغا قارىماي دولقۇنغا قاراپ ئايرىساق ئاسان يەنى چوڭ قازان  c دولقۇنلۇق بۇلىدۇ كىچىك قازان ku دولقۇنلۇق بۇلىدۇ
سىزكۆرىۋاتقان ھەرەمنىڭ پىروگىراممىلىرىنى دۆلىتىمىز ئۇلاپ تارقاتقان پىروگىراممىلار بۇلۇپ ئەسلى ئەرەپچە قاناللار بولسا ku دولقۇنلۇق قازانلاردا چىقىدۇ 200 نەچچە قاناللار بار ئىكەن تۈركىيە بەلەن ئەرەپ خەلىقلىرىنىڭ قاناللىرى ئەڭ كۆپ ئىكەن بۇلارنى سىناشقا مىنىڭ ۋاختىم يەتمىدى  كىيىنچە پۇرسەت بوپقالسا سىنامەن ئەسلى قازاننى ئالغاندا بىرنەرسىنى بىلمىگەندىن كىيىن نۇمۇرنى تېپىپ كىرگۈزسەم ھەممىسى نى كۈرەلەيمەنغۇ دەپ ئويلاپ ئېلىۋېرىپتىكەنمەن كىيىن نۇمۇرلارنى تاپقان ۋاقىتتا بۇلارنىڭ ئۆز دولقۇندا چىقىدىغانلىقىنى بىلدىم كىيىن ھىندىستاننىڭ  يەنە زكۆرىۋاتقان ھ.ەرەمنىڭ يەنە بىر سى بار ھەممىسى ئارلاش كۆپ خىل تىلچىقىدىغان ئىشقىلى كىيىنچە ھەممىسىنى كۆرمىدىم چۈنكى ۋاختىم يومق ھەم بۇيەرلەر بەك قالايمىقان شۇڭا ئۇيغۇرچىنى كۈرۈۋاتمەن  سىز ماسكىلىدىغان نۇمۇرنى تېپىپ كىرگۈزسىڭىز ئېلۋېتتە ئۈزى چىقمايدۇ سىز قازاننى ئوۇ سولغا بۇراپ تاپىسىز

3

تېما

1

دوست

667

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
8
جۇغلانما
256
توردا
66 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 10:30:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
155807hn7eoqzzq85jtz9z.png



ماۋۇ دېتالنىڭمۇ چۈشۈرۈش ئاددىرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

17

تېما

2

دوست

1892

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
4
جۇغلانما
768
توردا
195 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 10:39:25 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ بۇنى يوللاشقا بولمايدۇ بۇنىڭ ئقتىدارى بەك كۆپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىرگۈزىدىغان نۇمۇرلىرى بار يەنەباشقا ئقتىدارلىرىمۇ بەك كۆپ يوللاشقا بۇلىدىغان بولسا يەنە بىرسى باتتى ئۇ دۇنيا بۇيچە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ نۇمۇرى بار شۇنىلام يوللايتتىم لېكىن كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئۇچۇق بوپ قالمىسۇن دەپ يوللىمىدىم بۇنى مەن بىلگەن بىلەن ئۈزۈممۇ پايدىلىلىنالمىدىم ئەمەسمۇ مۇشۇنىڭغا ئىچىم قايناپ تۇرىدۇ توغرا چۈشۈنۈڭلار

9

تېما

4

دوست

1020

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
15
جۇغلانما
406
توردا
98 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 11:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تېلىۋېزىيە قوبۇل قىلىدىغان قازان بىلەن سۈنئىي ھەمرادىن تورغىمۇ چىققىلى بولامدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-16 17:26 , Processed in 0.141137 second(s), 40 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش