بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Shahdiyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-14 15:09

سىزنىڭ ھەقسىز ئوقۇپ ئۆز ئارزۇيىڭىزغا يەتكىڭىز بارمۇ؟ شىنجاڭ ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى سىزنىڭ بۇ ئارزۇيىڭىزغا يېتىشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز. مەكتەپ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللا ھەقسىز مەكتەپ ئېچىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتىل مەكتىپىنىڭ يىللىق سىنىپلىرىنى 2013- يىل 5- ئايدىن باشلاپ كەڭ بىلىمخۇمار قېرىنداشلار ئۈچۈن ھەقسىز ئېچىۋەتتى. پۇرسەت غەنىيمەت! ھەممىمىز ئىلىم - مەرىپەتكە بىرلىكتە ئىنتىلەيلى!
ھەقسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش شەرتلىرى: مەكتىپىمىز جەمئىيەتتە ئوقۇشسىز قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھەر يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىن 100 نەپەردىن 150 نەپەرگىچە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلرنى ھەقسىز تەربىيىلەۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەكتىپىمىز 4- قېتىملىق پۈتۈن شىنجاڭدىن ھەقسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى. 1. قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرەلمىگەنلەر. 2. يېشى 15 ياشتىن يۇقىرى بولغانلار. 3. كۈندە 6 سائەتتىن 1 يىل تولۇق ئوقۇيالايدىغان ئوقۇغۇچىلار. 4. خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورگان ياكى رايوننىڭ قىيىنچىلىق ئىسپاتى بولۇشى كېرەك. 5. ئۆزى تۇرۇشلۇق ساخچىخانىنىڭ «جىنايى قىلمىشى يوق» دەيدىغان ئىسپاتى بولۇشى كېرەك.
ھەقسىز قۇبۇل قىلىدىغان كەسپلەر: خەنزۇ تىلى - كومپيۇتېر ئېنگلىز تىلى - كومپيۇتېر
ئوقۇش ۋاقتى: ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 6 سائەت، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 دىن 11:00 گىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دىن 5:00 كىچە بولىدۇ. يېرىم كۈن تىل دەرسى، يېرىم كۈن كومپيۇتېر دەرسى ئۆتۈلىدۇ. قايسى ۋاقىتتا قايسى دەرسنى ئوقۇشىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تاللىۋالسا بولىدۇ. يۇقارقى دەرسلەر چۈشتىن بۇرۇن ھەم چۈشتىن كېيىنلىك ۋاقىتلاردىمۇ بار.
مەكتىپىمىز بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1 يىللىق ئوقۇش ھەققى 5800 يۈەن (بەش مىڭ سەككىز يۈز يۈەن) نى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىدۇ. پەقەت ياتاق پۇ بىلەن ماتېرىيال پۇلىنىلا تاپشۇرسا بولىدۇ. ياتاقنىڭ ھەر ئايلىقى 150 يۈەن، كىتاب - ماتېرىيال پۇلىغا جىق كەتمەيدۇ. بىر كىتابنى ئېلىپ قويسڭىز كىتاب تۈگىگىچە ئوقۇيسىز.
مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچىلار ياتىقى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. مەكتىپىمىز قارمىقىدىكى مۇھىتى ئازادە، ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئورنى ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ئىجارىگە بېرىلىدۇ. ياتاق 2 كىشىلىك، 4 كىشىلىك، 6 كىشىلىك، 8 كىشىلىك ياتاق بىۋاستە ئىجارىگە بېرىلىدۇ. ياتاق ئىچىدە تېلېۋېزور، كارىۋات ۋە سىز ئېھتىياجلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بار. جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتىن ئەۋزەللىككە ئېگە ئورنى مۇۋاپىق. مۇھىتى ساپ. ھەر كۈنى ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سىزنى ئەڭ تېنچ، ئەڭ بىخەتەر مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ياتاق ئادېرىسى: جەنۇبى باغچا (南公园) بىلەن ئۈچتاش ئاپتۇبۇس بېكىتى ئارىلىقىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ كەينىدە. ياتاق ئىشلىرى ئاقىلاشقۇچى: ئابدۇمىجىت تېلېفون: 2888344-0991 13999416474
ئىشخانا تېلېفونى: 2888344-0991 تور بەت: www.xjintil.com شىنجاڭ ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى |