ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 926|ئىنكاس: 12

قىززىق يۇمۇرلار كۈلۈۋېلىڭ كۈلۈۋېلىڭ !!!!!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

22

دوست

2671

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

LG,NEUXۋەSONYرايون باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
1
جۇغلانما
457
توردا
1244 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 12:28:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىۋايەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-11 12:34  

ئالىپتىكىلەر سېستىما ،تېلفون كومپىيوتېر دەپلا يۈرۈپ چارچاپ قالغاندۇ ،ماندا يۇمۇر ئوقۇپ  ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىڭ
دەششەت قىززىق يۇمۇرلار كەتتى ئەمىسە
قانغۇچە كۈلۈۋېلىڭ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
5836pf688s8w.jpg

***********************************************************************************************

ئەسكەرتىش :بۇيۇمۇرلار مىسرانىم تور مۇنبىرنىڭ يۇمۇر سەھىپىسىدىن ھەمبەھىرلەندى!
ئەسلى مەنبەئادىرسى:http://bbs.misranim.com/forum-40-1.html

*************************************************************************************************      "ئوغرى"

يولدىشى:   "ۋەي،سۈيۈملۈكۈم،  كەچتە جىددى يىغىن بار ئىكەن، مىنى ساقلىماڭ"دەپتۇ.
ئايالى:     "ئۇقتۇم"دەپ تېلېفوننى قويۇۋېتىپتۇ ھەم جاپا تارتىپ تەييارلىغان بىر ئۈستەل تامىقىغا قارىغىنىچە  كۈن بويى يىغىن، يىغىن.....دەپلا يۈرگەن،ھەتتا مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم بىلەنمۇ كارى يوق دەپ ئاغرىنىپتۇ. ئالاھەزەل 15مىنوتلاردىن كىيىن ئىشىك چىكىلىپتۇ،كىرگىنى ئامانلىق ساقلىغۇچى ئىكەن.ئۇ خانىمغا قاراپ:
-خانىم،ھېلىراقتا بىر ئوغرى ئۆيىڭىزنىڭ بالكونىدىن يامىشىپ چىقىپ كەتتى،-دەپتۇ ھەم بالكوننى تەكشۈرۈشكە باشلاپتۇ.ئۇزاق ئۆتمەيلا ئايالى ئېرىنىڭ"ھەي-ھەي،نىمىش قىلىۋاتىسەن،ئېھتىيات قىل،تورتنى بۇزۇۋەتمە بىكا" دىگەن تونۇش ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ.
*************************************************************************************************     

                                              ئوغلۇمنى كۆردىڭىزمۇ
بىر دادا ئوغلىنىڭ ساۋاقدىشىدىن ئوغلىنى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىنى سوراپتۇ.
ھېلىقى بالا جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ: ئوغلىڭىزنىڭ پۇلى بار بولسا چوقۇم ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇق ئويناۋاتىدۇ، ئەگەر پۇلى يوق بولسا چوقۇم باشقىلارنىڭ ئوينىغان ئۇيۇنىنى كۆرۈۋاتىدۇ.
*************************************************************************************************     

                                               يىڭى ئەسكەر
بىر باشلىقنىڭ بالىسى ئەسكەرلىككە تىزىملىتىپتۇ. سالامەتلىك  تەكشۈرۈشتە ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىككى قولىنى بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرەلمەپتۇ ھەم بەك ئۈمۈتسىزلىنىپتۇ.
دوختۇر بىلەن ئەسكەر قوبۇل قىلغىلى كەلگەن كادىر بۇ بالىنى قوبۇل قىلمايلى دىسە تېخى،قوبۇل قىلايلى دىسە قولىنى كۆتۈرەلمىگەن.ئاخىرى ھەربىي كادىر يەنىلا ئەقىللىق چىقىپتۇ ھەم دوختۇرغا قاراپ :
ئۇنى قۇبۇل قىلىۋېرەيلى،قولىنى كۆتۈرەلمىسە تېخى ياخشى،كىيىن قۇرالىنى كۆتۈرۈپ تەسلىم بولۇشتىن غەم قىلمىساقمۇ بولغۇدەك،- دەپتۇ.
*************************************************************************************************     

                                               ئوپىراتسىيە ھەققى
ئوپىراتسىيە قىلىنغان بىر بىمار دوختۇردىن چىققۇچە ھىسابات قىلىپتۇ ۋە ھىسابات تالونىدىكى تورغا چىقىش ھەققى دىگەن مەزموننى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ دوختۇردىن :مەن كىسەل ۋاقتىمدا يا تورغا چىقمىسام، تورغا چىقىش ھەققى دىگىنىڭلا قانداق گەپ،-دەپ سوراپتۇ.
-ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن،-دەپتۇ دوختۇر ۋە تەمكىنلىك بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ:سىزنى ئوپىراتسىيە قىلغان ۋاقتىمىزدا قۇرسىقىڭىزنىڭ ئىچىدە غەلىتە بىر نەرسىنى بايقىدۇق،ئۇنداق نەرسىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاچقا دەرھاللا بەيدۇ تورىدىن ئىزدىگەن ئىدۇق،-دەپتۇ.
***********************************************************************************************

    سەۋەنلىك

       كونا مەھبۇس يېڭى مەھبۇستىن سوراپتۇ:
  -سەن نىمە سەۋەپتىن كىرىپ قالدىڭ؟
-ئىچىم سىقىلىپ ، دەرىزىنى ئېچىۋەتكەنىدىم.
-دەرىزىنى ئېچىۋىتىشمۇ قانۇنغا خىلاپ بۇلامدىكەن!سەن زادى نىمە ئىش قىلاتتىڭ؟
-سۇ ئاستى پاراخۇتىدا ئىشلەيتتىم.
***********************************************************************************************

                                       بۆلجۈرگەن

ئەزەلدىن بۆلجۈرگەننى كۆرۈپ باقمىغان بىرسى باشقا يۇرتقا بېرىپ، تۇنجى قېتىم بۆلجۈرگەننى يەپ كۆرگەندىن كىيىن كۆرەڭلىك بىلەن دەپتۇ:
      -تەمى بەتتامكەن ، ھەتتا دانىسىمۇ بىزنىڭ يۇرتنىڭكىدىن كىچىككەن.
      -سىلەرنىڭ يۇرتتا بۆلجۈرگەن بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق!
     -بار،بار!بۆلجۈرگەن مەي بۇلۇپ پىشقاندا بالىلاردەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋىلىپ تازا مەززە قىلىپ يەيدۇ-دەڭا!
***********************************************************************************************

                                  پۇتبولنىڭ تۆھپىسى
بىر مۇخپىر پۇتبول چولپىنىدىن سوراپتۇ!
     -پۇتبول كىشىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرىشىغا قانداق تۆھپا قوشتى؟
     -ھېچقانداق تۆھپە قوشمىدى:
     -نىمە ئۈچۈن مۇنداق دەيسىز؟-دەپ سوراپتۇ مۇخبىر ھەيران بۇلۇپ.
     - چۈنكى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئارام ئېلىشقا تىگىشلىك 22 ئادەم، كۈچىنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ، چېنىقىشقا تىگىشلىك 40-50 مىڭ ئادەم ئولتۇرۇپ تاماشا كۆرۈدۇ.
***********************************************************************************************

                         جىنايەتچىنى تۇتۇش
     
   ساقچى باشلىقى تۆت ساقچىنى ئالدىغا چاقىرىپ كايىپتۇ.
    -ھەممىڭ نان قېپى،تۆت ئادەم بىر جىنايەتچىنى تۇتالماي.....
    -دوكلات باشلىق،بىز ئۇنى تۇتالمىغىنىمىز بىلەن،بارماق ئىزىنى ئېلىۋالدۇق.
   -قېنى بارماق ئىزى؟
   -ھەمىمىزنىڭ يۈزىدە.....
***********************************************************************************************

                              ئۆزگەرتىش
ئىككى ئايال پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ:
   ئا:يېقىندىن بۇيان ئېرىڭ بەكلا مۇلايىملىشىپ كىتىپتۇ، ئۇنىڭ يېرىم كىچىگىچە ئۆيگە قايتماي قىممار ئوينايدىغان ئادىتىنى قانداق ئۆزگەرتتىڭ؟
  ب:بىر كۈنى ئۇ يېرىم كىچىدە ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئىدى،ئىشىكتىن كىرىشىگىلا ئۇيقۇچىلىققا سېلىپ[ئەخمەت قايتىپ كەلدىڭىزمۇ دەپ سورىغانىدىم، شۇنىڭدىن كىيىن ئىشتىن قايتىپ كىلىپ سىرتقا چىقمايدىغان بولدى.
  ئا: بىراق ئېرىڭنىڭ ئىسمى سەمەت ئىدىغۇ.........
***********************************************************************************************

                                  پۇتنىڭ رولى
   ئايالىنى ھەر كۈنى ماشىنىغا سېلىپ ئىشقا ئاپىرىپ-ئەكىلىپ زىرىككەن ئەر، بىر كۈنى ئايالىدىن سوراپتۇ:
      قەدىرلىكىم ئادەمنىڭ ئىككى پۇتى نىمىگە يارالغان؟
  - بىر پۇت تۇرمۇزنى، يەنە بىر پۇت ماي تۇرمۇزىنى دەسسەشكە.
***********************************************************************************************

                                ساراڭنىڭ خوشلۇقى
ساراڭ ئا قوپۇپلا ماڭماقچى بولۇۋىدى، ساراڭ ب ئۇنىڭدىن سورىدى:
- نەگە ماڭدىڭ؟
- سۇ ئىچكىلى ،-دىدى ساراڭ ئا.
- مەن ئۈچۈنمۇ سۇ ئىچىپ كەلگىنە.
- ماقۇل.
بىردەمدىن كېيىن ساراڭ ئا خوشال ئىسقىرتقىنىچە قايتىپ كەلدى.
-نېمىگە بۇنچە خۇشال بولۇپ كەتتىڭ؟-سورىدى ساراڭ ب ئاڭقىرالماي.
- ئۆزۈم ئۈچۈن پاكىز سۇ، سەن ئۈچۈن يۇندا سۇ ئىچىپ كەلدىم،- دىدى ساراڭ ئا ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولغان ھالدا.
***********************************************************************************************

                              رەددىيە
ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ پۇتى يارىلانغان بىرەيلەن سوتتا شوپۇرنىڭ 50 مىڭ يۈئەن تۆلەم بېرىشىنى تەلەپ قىپتۇ.
شوپۇر ئاچچىقىدا:
- مېنى مىليۇنىرمىكىن دەپ قالدىڭمۇ؟- دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ.
- ئۇنداقتا، سەن مېنى سەكسەنپۇتمىكىن دەپ قاپسەندە؟- دەپتۇ يارىلانغۇچىمۇ بوش كەلمەي.  
***********************************************************************************************

ئەسكەرتىش :بۇيۇمۇرلار مىسرانىم تور مۇنبىرنىڭ يۇمۇر سەھىپىسىدىن ھەمبەھىرلەندى!
ئەسلى مەنبەئادىرسى:http://bbs.misranim.com/forum-40-1.html

*************************************************************************************************  

ئۇيغۇر تىلىم ئانا تىلىم ، جان تىلىم !  ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى!

1

تېما

2

دوست

144

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
38
توردا
22 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 12:36:28 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە...  داۋاملىق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز...

4

تېما

4

دوست

981

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
276
توردا
235 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 13:11:06 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ha ha ha.......

0

تېما

0

دوست

182

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
60
توردا
33 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 13:29:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
;P;P;P

12

تېما

5

دوست

1812

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
94
توردا
1270 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 13:35:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا................................................

1

تېما

3

دوست

607

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
163
توردا
199 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 13:49:48 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمۇر لارنى تۆكمە قىلىۋىتىپسىز

0

تېما

0

دوست

103

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
36
توردا
26 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 14:57:21 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتو

1

تېما

0

دوست

81

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
13
توردا
14 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 17:23:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چارچىغاندا ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ.

0

تېما

1

دوست

66

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
31
توردا
0 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 17:32:59 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

5

دوست

288

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
52
توردا
102 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 17:47:17 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ بىرىنجىسىنى چۈشەندۈرۈپ قۇيۇڭلارچۇ ماڭا قەيەرىگە كۈلۈدۇ ئۇيۇمۇرنىڭ؟
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-13 09:33 , Processed in 0.100590 second(s), 37 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش