ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 1579|ئىنكاس: 34

[دەرسلىك] روت ئېلىش ۋە روم ئۆزگەرتىش سامسۇڭ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

254

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
115
توردا
14 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 19:57:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جەسۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-10 21:30  

بۇيەردە مەن ئاساسلىق روت ئېلىشنڭ ئىككى خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن :
بىرىنچى خىل ئۇسۇل رېمونتىغا كېپىللىك قىلش بۇزۇلغان ئاساستا روت ھوقوقىغا ئېرشىش
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل رېمونتىغا كېپىللىك قىلمىغان ئاساستا روت ھوقوقىغا ئېرشىش

سامسۇڭ يانفونىىنىڭ زاۋۇت رومىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى :
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بىز روت ھوقوقىغا ئېرىشىشتىن ئاۋۋال بىزدە چوقۇم بىر روم بولۇشى كېرەك .شۇڭا مەيلى سىز بىر ئاددىدىي رېمونىتچى دوست بولۇڭ ياكى بىر ئاندىروئىد ھەۋەسكارى بولۇڭ ،زاۋۇت رومىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن موھىم.بىرىنچى قەدەم يانفوننى كومپىيوتېرىڭىزغا ئۇلىغاندىن كىيىن kies قا ئۇلاپ 检查更新 بارمۇ يوق بۇنىڭغا قاراڭ (ئادەتتە يېىڭى سېتىۋالغان يانفونلارنىڭ %90دە kies ئارقىلىق زاۋۇت رومىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ) يانفوننى  kiesقا ئۇلاپ يېىڭى رومنى چۈشۇرۇشنى جەزىمىلەشتۈرگەندىن كىيىن ،كومپىيوتېرىڭىزنىڭ Windows كونۇپكىسى بىلەن Rكونۇپكىسىنى بېسىپ 运行 غا %temp% بۇيرۇقىنى كىرگۈزۇپ جەزىملەشتۇرۈڭ مىسال  (C:\Documents and Settings\Administrator\Local Settings\Temp)  بۇ يەر ئېچىلغاندىن كىيىن بۇ رايوندىكى يۇيۇش مومكىن بولغان ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىنى يۇيۇپ تاشلايمىز . ئاندىن  kies  ئارقىلىق يېىڭى زاۋۇت رومنى چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ temp رايونىنى توختىماي يېڭلاپ كۆزۈتۈپ تۇرىمىز ،ئالاھىزەل %70ئەتىراپىدا بۇيەردە  tmp5F40.tmp.zip(ئوخشمىغان تىپلىق يانفوننىڭ ئوخشاش بولمايدۇ)  قا ئوخشىشپ كېتىدىغان بىر پىرىسلانغان ھۆججەت پەيدا بولىدۇ .تىز سۈرئەتتە بۇ پىرىسلانغان ھۆججەتنى باشقا رايونغا كۆچۈرۈمىز (ئەڭ ياخشىسى تىز سۈرئەتتە ctrl+cنى بېسىپ بۇ ھۆججەتنى كىلونلاپ ئۈستەل يۈزىگە چاپلاڭ ).بۇ ھۆججەتنىڭ  پىرسىنى يەشسىڭىزلا بۇنىڭ ئىچىدە بىر xxx.tar.md5 نىڭ بارلىقىنى بايقايسىز مانا بۇ سىز ئېرىشمەكچى بولغان زاۋۇت رومى .زاۋۇت رومى بولغاندىلا سىز خاتىرجەم ئالدا بۇ رومنى تەتقىق قىلسىڭىز ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ .(زاۋۇت رومى يانفوننى كېسەك ھالەتتىن قايتۇرۇشتا كوپ ئىشىلتىلىدۇ ،شۇڭا مەن بولۇپمۇ رېمۇنتچى قىرىنداشلارنىڭ زاۋۇت رومى ئېىلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن)

بىرىنچى خىل ئۇسۇلدا boot.imgھۆججەتنى روت قىلىش ۋە قايتىدىن پىرىسلاپ odinئارقىلق  PDAشەكلى بىلەن سېستىمىغا قايتىدىن BOOTيېزىش كۆرسىتىلىدۇ.(يانفون قوزغالغاندىن كىيىن دەسلەپBOOTقوشۇلىدۇ ،BOOTدا ئاساسلىق يانفون قوزغىتىلغاندىكى ھەركەتچان سۈرەت،سېستىمىنىڭ رايونلارغا بۆلۈنۈشى ،ھەرقايسى رايونلارنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ،رايونلارنىڭ خاسلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلار يېزىلغان )

بىرنىچى BOOTنى يېشىش(بۇيەردە مەن ئاساسلىقى لىنۇكىس ubuntu  32 لىك سېستىما موھىتى ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بىرىشنى سۆزلەپ ئۆتەي)
1.بۇيەردە دەسلەپ بىز perl تىلى ئارقىلىق img پىرىس نى يېشىدىغان بىر كىچىك قورالغا ئېھتىياجلىق .لىنۇكىس ئاساسى بىرقەدەر كۈچلۈك ھەۋەسكارلار بۇنى گۇگۇل دىن ئىزدەپ بېقىشىنى سورايمەن .split_bootimg.pl ھۆججەتىنى مەن بەيدۇ دېسكىسىغا يوللاپ قويدۇم.بەيدۇدا split_bootimg.pl دەپ ئىزدىگەندىن كىيىن سىز ئۇنى ubuntu سېسىتىمىڭىزنىڭ home غا قويۇپ قويسىڭىزلا كۇپايە.
2.boot.imgھۆججەتنى بىر نۇسخا نۇسخىلىغاندىن كىيىن  homeغا قويۇپ Terminalنى ئېچىپ بۇيرۇق بېىرىمىز .
su$
باشقۇرغۇچى سالاھىيەت شىفىرىڭىزنى كىرگۈزۇڭ
perl split_bootimg.pl boot.img$
بۇ ۋاقىتتا  home دا boot.img-kernel (لىنۇكىس يادىرو ھۆججەت) ۋە boot.img-ramdisk.gz (پىرىسلانغان بوت ئۇچۇر ئامبىرى ھۆججىت پەيدا بولىدۇ )
gunzip boot.img-ramdisk.gz$ (پىرىسنى يېشىش بۇيرۇقى ،ناۋادا سىز نىڭ ubuntu سېسىتىمىڭىىزدەgunzip بولمىغان بولساsudo apt-gte install gunzip$  ئارقىلىق gunzipنى ئورناتقاندىن كىيىن يۇقۇرقى باسقۇچىنى تاماملاڭ  )
mkdir ./boot$ (بىرboot  نامىلق ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇش )
cd boot/$
cpio -i -F ../boot.img-ramdisk$
بۇ ۋاقىتتا boot دىكى بارىلىق ھۆججەتلەر boot دىگەن ھۆججەت قىسقۇچقا يېشىلىدۇ .بۇ يەردە بىز ئاساسلىقى default.prop نى ئۆزگەرتىمىز (ro.secure=1نىro.secure=1دەپ ئۆزگەرتىمىز .ro.debuggable=0نى  ro.debuggable=1دەپ ئۆزگەرتىمىز )بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىتىگە كەلسەك adb ئارقلىق سېستىىغا ھۆججەت يېزىش ھوقوقىنى ئېچىۋىتىش
يېڭى boot نى پىرىسلاش :بۇ يەرىدە بىز بىر mkbootimg قورالغا ئېھتىياجلىق بۇنى خالىغانچە بەيدۇ ياكى گۇگۇلدىن ئىزەپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.چۈشۈرگەندىن كىيىن usr/local/bin بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلايمىز .Terminal دا بۇيرۇق:
mkbootimg --kernel boot.img-kernel --ramdisk boot.img-ramdisk_new.gz -o newboot.img$

بۇنىڭ بىلەن newboot.imgدىن ئىبارەت يېڭى boot.img غا ئېرىشىمىز .بۇ نى بىز adb ئارقىلىق ياكى odinئارقىلىق سېستىمىغا يېزىپ كىر گۈزگەندىن كىيىن  adb ئارقىلق روت ھوقوقىغا ئېرشىمىز
بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭى ھاسىل قىلىنغان boot نى سېستىمىغا يازغاندىن كىيىن بىز بىۋاستە Adb بۇيرۇقى ئارقىلق روت ھوقوقىغا ئېرىشەلەيمىز (مەسلەن بىز adb نىwindows سېسىتىمىسىدا مەلۇم بىر رايونغا قويغاندىن كىيىن cmd دا تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى كىرگۈزۈمىز مىسالadbنىDپەندە دەپ قارايلى   cmd بۇيرۇق     ئاندىن
adb root    ئاندىن  adb remount     ئاندىن  adb shell mkdir /system/xbin   ئاندىن adb shell chmod 755 /system/xbin   ئاندىن adb push su /system/xbin/su  بۇ يەردە بىز suۋە Superuser.apk قاتارلىق ھۆججەتنى چوقوم Dپەنگە ئالدىن تەييارلاپ قويغان بولۇشىمىز شەرىت    ئاندىن adb shell chmod 06755 /system/xbin/su     ئاندىن
adb push Superuser.apk /system/app/Superuser.apkئاندىن    adb shell chmod 644 /system/app/Superuser.apk   ئاخىرىدا   بىز سېستىمىنى قايتا قوزغىتىمىزadb reboot   )
يەنە بىرخىل ئۇسۇل :بىۋاستە روت ھوقوقىنى ئېچىۋىتىش ئۇسۇلى .
يۇقاردا كۆرستۈلگەندەك بىز   boot.img نىڭ پىرسىنى يەشكەندىن كىين default.prop ۋە Init.rc نى ئۆزگەرتىپ چىقىمىز (default.propنى ئۆزگەرتىش يۇقارىدا بايان قىلىنغىنى بىلەن ئوخشاش ،  Init.rc بىز پەقەت mount yaffs2 mtd@system /system ro remount بۇ بۆلەك كود دىكى  roنى rw غا ئۆزگەرتسەكلا يەنى mount yaffs2 mtd@system /system rw remount
كۇپايە .لىكىن بىز كۆپىنچى ھاللاردا init.trace.rc   ۋە lpm.rc ۋە init.rc قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ يۇقۇرىدا ئېيتىلغان كود رايونىنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىمىز.)
mkbootimg --kernel boot.img-kernel --ramdisk boot.img-ramdisk_new.gz -o newboot.img$
بۇيرۇقى ئارقىلق يېڭى boot ھاسىل قىلىپ سېستىمىغا يېزىپ كىرگۈزسىڭىزلا كۇپايە.(روت ھوقوقى ئېچىۋىتىلگەن ھالەتتە بولۇپ پەقەتRE ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلق سېستىمغا خالىغانچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارسىڭىزلا بولىدۇ )
ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغنى شۇكى يۇقارىقى ئۇسۇل پەقەت samsung يانفونىغا ماس كېلىپ قالماي HTC قاتارلىق كۆپ خىل يانفونلارغىمۇ ماس كېلىدۇ.ناۋادا سىز boot.img غا بىر قەدەر تونۇش بولسىڭىز بۇيەرىدە سىز يۇقارىقى يېىڭىbootياساش ئۇسۇلى ئارقىلق كۆپ خىل يانفونلارغا روت ئالالايسىز .ۋە يانغون ئېچىلغاندىكى ھەركەتچان سۈرىئەتنى خلىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز.

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل رېمونتىغا كېپىللىك قىلغان ئاساستا روت ھوقوقىغا ئېرىشش (سامسۇڭ مەن پەقەت سامسۇڭدىلا كۆپ قېتىم تەجىرىبە ئېلىپ بېرىپ مۇۋاپىقىيەت قازاندىم ،باشقا خىل يانفونلارغا ماس كېلەمدۇ يوق سىناپ باقمىدىم)
ئەسكەرتىپ ئۆتەي يۇقارىقى بىرىنچى خىل ئۇسۇلدا روت ھوقوقىغا ئېرىشكەندىن كىيىن سامسۇڭ يانفونىغا رېمونىت كېپىلگە قىلىش رەت قىلىنىدۇ.سەۋەبى سامسۇڭ يېقىندىن بۇيان يانفۇن ئېلىكتىرون تاختىسىغا binarry ئارقىلق سېستىما bootھالىتىنى سانىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ (بىز يانفوننڭ ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كونۇپكىس +homeكونۇپكىسى ۋە توك مەنبەسى كونۇپكىسنى بېسىپ downloadھالەتتكە كىرگەندىن كىيىن0: HW REWنى كۆرۈمىز بۇ يانفوننڭ تېخى روت ھوقوقىغا ئېرىشمىدى ۋە ياكى رېمىنوت كاپالەتكە ئىگە دىگەن مەنىدە ناۋادا يۇقارىقى بىرىنچى ئۇسۇلدا روت ھوقوقىغا ئېرىشكەندە 1: HW REWبولۇپ ئۆزگىرىدۇ دە ئالاقىدار سامسۇڭ رېمونىتچلار سىزگە ھەقسىز رېمونىت قىلىشنى رەت قىلىدۇ .)ئادەتتە كۆپ قوللىنىدىغان تېڭشۈن بىر كونۇپكا روت ، روت شەيتىنى بىر كونۇپكا روت ....قاتارىلق كوپ خىل روت ئۇسۇلىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك 1: HW REW گە ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ ھەقسىز رېمۇنىت كاپالەتى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ .

رېمونىت كاپالىتى بۇزۇلمايدىغان روت ئېلىشتىكى تەدبىر System.img.ext4نى ئۆزگەرتىش.
بۇيەرىدە بىز make_ext4fs,mkuserimg.sh,simg2img دىن ئىبارەت ئۈچ قورالغا ئېھتىياجلىق .يۇقارقى قوراللارنى بىز بەيدۇ ياكى گۇگۇلدىن ئىزدەپ تاپالايمىز . بۇ ئۈچ قورالنى بىز ubuntu نىڭ home غا كۆچۈرۇگەندىن كىيىنSystem.img.ext4 نى   home غا كۆچۈرۈمىز.Terminalنى ئېچىپ بۇيرۇق بېىرىمىز .
simg2img system.img.ext4 system.img/.$
بىر ئاز ساقلىغاندىن كىيىن System.img.ext4 ھۆججەت System.img غا پىرسى يېشىلىدۇ.
sudo mkdir system$   (بۇيەردە system ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇلىدۇ)
sudo mount -o loop system.img system$(بۇيەرىدە  system.img ھۆججەت systemقىسقۇچقا ئېسىلىدۇ)
sudo chmod -R 777 * system  $(بۇ يەرىدە  system نىڭ ھوقوقىنى ئۆزگەرتىمىز )
ئەمدى بىز System غا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىمىز .بىز su ھۆججەتنى ubuntu نىڭ home غا كۆچۈرۇگەندىن كىيىن Terminalدا
sudo cp su system/xbin $
sudo chown root.2000 system/xbin/su$
sudo chmod 06755 system/xbin/su$
ئاندىن بىز superuser.apkنى system/app قا قوشۇمىز
sudo cp superuser.apk system/app
ناۋادا سىز بۇ يەرىدىلا systemغا  ئۇيغۇرچە فونىت قوشماقچى بولسىڭىز
sudo cp DroidNaskh-Regular.ttf system/fonts (مىسال)
بۇيرۇقىنى ئىشلەتسىڭىزلا كۇپايە.ئەگەر سىز لىنۇكىس ھۆججەت ۋە ھۆججەتلەرنىڭ ھوقوقىنى تەڭشەشتە بىر قەدەر يېڭى چۈشەنمەيدىغان بولسىڭىز مىسال :
ls -l system/xbin$
ئارقىلىق  system/xbin دىكى ھەرقايسى ھۆججەتلەرنىڭ ھۆقوقىنى تەپسىلىي كۆرەلەيسىز .ياكى (gksudo nautilus$ بۇيرۇقى ئارقىلق ئۇنىكس ئەڭ يۇقرى ھوقوقلۇق باشقۇرغۇچى ھالەتتە خالىغانچە مائۇس ئارقىلق ھۆججەت ياكى ھۆججەتلەرنىڭ بۇيرۇقىنى ئۇزگەرتەلەيسىز)
system نى ئۆزگەرتىش ئاسان تاماملاپ بولغاندىن كىيىن يېىڭى System.img.ext4 نى پىرىسلاپ ياساپ چىقىمىز .Terminal بۇيرۇق
mkuserimg.sh -s system systest.img.ext4 ext4 new 1258291200b/.$
(مەن ئۆزگەرىتكەن روم نىڭ چوڭ كىچىكىلى 1200mb بولۇپ مەن بۇنى يۇقرى ئېنىقلىقتا پىرىسلاش ئۈچۈن bنى بىرلىك قىلدىم.ناۋادا سىزSystem نىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى بىلمەكچى بولىسىڭىز پەقەت بايا قۇرۇلغان System ھۆججەت قىسقۇچنىڭ خاسلىقىنى كۆرسۇڭىزلا كۇپايە )
شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزگەرىتىپ چىققان يىڭى systest.img.ext4 ھاسىل بولىدۇ .سىز بۇنى  odinئارقىلق  PDAشەكلى بىلەن سېستىمىغا قايتىدىن يېزىپ چىقسىڭىزلا رېمونىت كاپەلىتى بۇزۇلمىغان ھالەتە روت ھوقوقىغا ئېرىشىلگەن سېستىمغا ئېرىشەلەيسىز (بىز يانفوننڭ ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كونۇپكىس +homeكونۇپكىسى ۋە توك مەنبەسى كونۇپكىسنى بېسىپ downloadھالەتتكە كىرگەندىن كىيىن  odinئارقىلق  PDAشەكلى بىلەن سېستىمىغا  بايام يېڭىدىن ياسالغان systest.img.ext4 نى يېزىپ چىقىمىز .ئەلۋەتتە سىز systest.img.ext4 نى .tar ھالەتتە پىرىسلىغاندىن كىيىن ئاندىن ئىشىلىتىسىز )
روت ھوقوقىغا ئېرىشىش مۇشۇنىڭ بىلەن تامام.تۆۋەندە مەن روت ھوقوقىغا مۇناسىۋەتسىز بىرقانچە نوقتىلارنى سۆزلەپ ئۆتەي.
1.     recoveryنى قايتا ياساش ئارقىلق روت ھوقوقىغا ئېرىشىش (بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسلقى كارىتا ئارقىلىق سېستىما يازغاندا ئىشىلتىلدىغان بولۇپ recoveryنى قايتا ياساش boot.imgنى قايتا ياساش ئۇسۇلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش)بۇنىڭدا ئاساسلىقى lpm.rc ۋە recovery.fstab قا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىمىز .بۇنى سىز تامامەن  boot.img نىڭ پىرىستىن يېشىپ قايتا ياساشنى ئۈلگە قىلسىڭىز بولىدۇ.لىكىن recoveryنى قايتا ياساش كارىتا ئارقىلق سېستما يېزىشنى ئاساس قىلغان بولغاچقا سىزدە چوقوم كارىتا سېستما پىرسى بولۇشى كېرەك(update.zip) سىز recovery نى قايتا ياساپ بولغاندىن كىيىن قايتىدىن update.zip نى ياساپ كارىتا ئارقىلق سېستىما يازىسز.
2.      cache.img.ext4 نى قايتا ياساش .
cache.img.ext4نى پىرىستىن يېشىش ۋە قايتا پىرىسلاش system.img.ext4 نى پىرىستىن يېشىش بىلەن تامامەن ئوخشاش بولۇپ ،بۇيەردە ئاساسلىقى META-INF  ، recover،system قاتارلىق سېستىمغا ئائىت موھىم ئۇچۇرلا ساقلانغان . بولۇپمۇ بۇيەردىكى CSC ھۆججەت رايونى تولىمۇ موھىم .مىسال :default_application_order.xml دا سېستىمدىكى بارىلق زاۋۇت ھالىتىدىكى ئەپلەرنىڭ ئۇچۇرى ساقلانغان.مىسال 189 ئېلخەت دىگەن ئەپ

                  launcher:packageName="com.corp21cn.mail189"
        launcher:className="com.corp21cn.mailapp.activity.ClientIntroducePage"
        launcher:screen="1" />
ناۋادا بىز بۇنى ئۆزگەرتىپ نۇر تورى دىگەن ئەپنى سىېستىما زاۋۇت ھالەتتە قوشۇلغان ئەپكە ئايلاندۇرماقچى بولساق،يۇقارقى كودلارنىڭ مەلۇم جايلىرىنىلا ئۆزگەرىتكەندىن كىيىن contents.dbدا ھەرقايسى ھۆججەتلەرنىڭ چۆڭ كىچىكلى قاتارلىق مەزمۇنلار تەپسىلىي ئەنگە ئېلىنغان ،بىز چوقوم بۇنىمۇ ئۆزگەرىتىشىمىز كېرەك.(بۇنى ئۆزگەرتىشتە windowsموھىتىدا ultraedit نى لىنۇكىس دا UEXنى قوللانسىڭىز بولىدۇ )ياكى mySQL دىگەندەك قورللارنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىشى مومىكىن .مەن ئادەتتە ubuntu  دا UEXنى ۋە utf-8نىڭ ئۆلچىمىگە ماس كەلمەسلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن JEditنى كۆپرەك قوللىنىمەن.
3.      .img.ext4نى ئۆزگەرتىش. hidden.img.ext4ئاساسلىق پىرىستىن يېشىش ۋە پىرىسلاش system.img.ext4بىلەن تامامەن ئوخشاش.hidden ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەت Common_appۋە INTERNAL_SDCARDدىن ئىبارەت بولۇپ ئاساسلىقى جوڭگو تېلگىرافى ۋە ياكى كۆچمە خەۋەرلىشىشى ۋەياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ بىر قىسىم ئەخلەت ئەپلىرى قاچىلانغان .ناۋادا سىزمۇ بىر قانچە ئەپنى بۇيەرگە قاچىلاپ ئوزىڭىزنىڭ خالىغىنىچە بىر روم تۈزمەكچى بولسىڭىز ئەپلىرىڭىزنى بۇيەرگە قوشقاندىن كىيىن cacheئىچىدىكى CSC دىكى مۇناسىۋەتلىكxml ھۆججەتتە نوپۇسقا ئوتتۇرغۇزۇپ قويسڭىزلا كۇپايە.(ئەسكەرتىشhidden دىكى ئەپلەر يانفون ئىشلەتكۈچىلەر خالىغانچە يۇيغۇلى بولىدىغان لىكىن زاۋۇت ھالەتكە قايتۇرۇلغاندا يېڭىدىن ئورنۇتىلىدىغان ئەپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ) ناۋادا سىز ئاندىروئىد دا يېڭىدىن رايون بۆلۈشكە ئۇستا بولسىڭىز .hiddenرايونىدىكى كېرەكسىز ئەپلەرنى يۇيۇپ تاشلىغاندىن كىيىن hiddenرايونىنى acheكە بۆلۈپ بەرسىڭىز يانفونىڭىزنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر تىزلىشىدۇ ئىچكى ساقلىغۇچىمۇ زورىيدۇ ئەلۋەتتە.


ئاخىرىدا سىز يۇقارقى ئۇسۇللار ئارقىلق ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بىر روم ياساپ چىقماقچى بولسىڭىز .
cache.img.ext4،    hidden.img.ext4  ،recovery.img،    system.img.ext4    boot.img  fat.bin قاتارلىق بارلىق ھۆججەتلەرنى تەييار قىلغاندىن كىيىن(زاۋۇت رومى دا قايسىللىرى بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە سىز ئۆزگەرتكەندىن كىيىنكىللىرىنى)
sudo mkdir ROM$  ھۆججەت خالتىسى قۇرۇش
يۇقارقى cache.img.ext4 ، fat.bin    hidden.img.ext4  ،recovery.img،    system.img.ext4    boot.img   .......ۋاھاكازالارنى ROM ھۆججەت خالتىسىغا قاچىلاڭ ئاندىن :
cd ROM$
tar -cf NEWROM.tar  boot.img cache.img.ext4 fat.bin hidden.img.ext4 recovery.img system.img.ext4 $
بۇ ۋاقىتتا ROM ھۆججەت خالتىسىدا NEWROM.tarدىگەن پىرىسلانغان ھۆججەت پەيدا بولىدۇ.
ئەمدى بۇ يېىڭى ROMغا قارىتا md5ئىمزا قويىمىز(ناۋادا بۇ يەردە بىزmd5ئىمزا قويمىساق يانفون ئېچىلىغاندا ئۈندەش بەلگىسى چىقىۋىلىپ كاشىلا مەلۇم قىلىدۇ.سەۋەبى سامسۇڭ 4.1.2رومى دىن بۇيانsystem/lib قاmd5sum.soدىن ئىبارەت 动态链接库نى قوشقان بولغاچقا  md5ئىمزا قويۇلمىسا كاشلا مەلۇم قىلىدۇ )
md5sum -t NEWROM.tar >> NEWROM.tar $
md5sum -t NEWROM.tar >> NEWROM.tar $
بۇيەرىدە بىز ئىككى قېتىم  md5ئىمزا قويۇمىز .(ئادەتتىكى ھاللاردا بىر قېتىم  md5ئىمزا قويۇلسىلا كۇپايە ئىدى لىكىن سامسۇڭ بۇيەردىمۇ بىر ئاز نەيرەڭ ئىشلەتكەن بولۇپ بىر قېتىملىق ئىمزا odinنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمەيدۇ،ھا ھا ھا سامسۇڭ ھەقىقەتەن ھىيلىگەركەن جۇما...) ئەڭ ئاخىرىقى باسقۇچ
mv NEWROM.tar NEWROM.tar.md5 $
شۇنىڭ بىلەن بۇ روم ئۆزگەرتىپ ياساش ئاخىرلاشتى.ئەمدى سىز بۇ  NEWROM.tar.md5 ھۆججەتنى odin ئارقىلىق PDAدە يانفونىڭىزغا بىمالال يازسىڭىز بولىدۇ.

دوستلارغا تەۋسىيە :مەيلى سىز تەجرىبە قىلىڭ ياكى يانفونىڭىزغا سىستما يېزىڭ USB调试نى دائىم تاللانغان ھالەتتە قويۇشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.شۇنداق بولغاندىلا يانفونىڭىز مەيلى قانداق كېسەك بولۇشىدىن قەتئيى نەزەر adb بۇيرۇقى ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ قالالايسىز.adb دائىم ئىشلىتىلىدىغان بۇيرۇقلار.
adb reboot bootloader
adb reboot download
adb reboot recovery
adb sideload update.zip
ئالاقىدار قورال جابدۇقلار

قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز musapr@126.com
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
جەسۇر + 100 ياخشى يازما

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 100   باھا خاتىرىسى

0

تېما

0

دوست

627

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
165
توردا
225 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 20:28:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تېمىنى قانداقمۇ يېزىپ بۇلىدىغانسىلە
مەن ھىچنىمىنى چۈشەنمىدىم روم دىگەن نىمە؟

0

تېما

1

دوست

73

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
26
توردا
17 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 20:50:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ئۇخمام سېز

40

تېما

22

دوست

2671

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

LG,NEUXۋەSONYرايون باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
1
جۇغلانما
457
توردا
1244 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 20:50:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىۋايەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-10 20:52  
غەمكىن يوللىغان ۋاقتى  2013-5-10 20:28
مۇشۇنداق تېمىنى قانداقمۇ يېزىپ بۇلىدىغانسىلە
مەن ھىچ ...


ۋاي خۇدايىم سىز شۇنداق ياخشى چىققان تېمىنى چۈشەنمىدىم دەپ؟؟؟؟؟؟؟؟ ،روم دېگەن تېلفوننىڭ ئاساسى سېستىمىسى شۇ .
سىز گە تەكلىپ ئازىراق ۋاقىت چىقىرىپ ماتېريال كۆرۈڭ
ئۇيغۇر تىلىم ئانا تىلىم ، جان تىلىم !  ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى!
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

0

دوست

254

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
115
توردا
14 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 20:59:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇڭلوم يوللىغان ۋاقتى  2013-5-10 20:55
ئاللا  مەن مۇشۇ Windows كۇنۇپكىسى دىگەننى   تازا چۇشەنمىدى ...

Altبىلەن Fn ئوتتۇرسىدىكى windowsنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كونۇپكا

0

تېما

0

دوست

627

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
165
توردا
225 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 21:03:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىۋايەت يوللىغان ۋاقتى  2013-5-10 20:50
ۋاي خۇدايىم سىز شۇنداق ياخشى چىققان تېمىنى چۈشەنمىدى ...

ھە رەخمەت سىزگە
تىلفۇنۇمنىڭ سۈرئىتى تۇيۇقسىزلا ئاستىلاپ كەتتى قانداق قىلسام بۇلا بەك ئاستا

0

تېما

5

دوست

288

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
52
توردا
102 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 21:08:08 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرلايدىغان تېمىكەن بۇ ،مۇشۇ سەۋىيەرىمدە كومپىيوتېر ئالدىدا ئوننەچچە كۈن ئولتۇرسام ھەيتاڭەي جۇمۇ يەنە ھا ھا

18

تېما

11

دوست

2948

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
26
جۇغلانما
855
توردا
718 سائەت
نادىر
1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 21:14:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىسلىك تەپسىلى بوپتۇ، ئەمما ئانىدروئىدتا يېڭىدىن رايۇنغا بۈلۈش توغرىلىق تەپسىلى سۆزلەپ بىرەمسىز؟؟؟ مەن بۇ ئۇسۇلنى  رېكوۋېر بىلەن تاماملايدىغان ياماق تەييارلاۋاتقان ھازىرغىچە غەلبە قىلالمىدىم. بۇلۇپمۇ  mmcdblk0 دىگەندەك كۆدلار لازىم ئىدى. يەنە بىر مەسلە رېكوۋېرنى تەھرىرلەشنىمۇ تەپسىلىيرەك سۆزلىسىڭىز بوپتىكەن.
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى _ رويىڭ سامان بولماس.

0

تېما

0

دوست

116

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
32
توردا
33 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 21:17:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خە  كوپ  رەخمەت سىز گە   مۇشۇ كىس  دىگەننى بېر چۇشەندۇرۇپ قۇسىڭىز  بۇپتىكەن   كۇپ ئاڭلىدىم  لىكىن مەن پەقەت رۇمنى چۇشۇرەلمىدىم غۇ مەن   مۇشۇ تىلفۇننى چېتىپ بۇلغىچە چۇشەمدۇ يا   بىز بۇيروق بېردىغان يىرى بامۇ   رۇم چۇشۇرۇشكە  مۇشۇنىڭغا بېر ياردەم قىلىڭ    پەقەت ئوقالمىدىم مۇشۇ كىس دىتالىنى    ئاۋارە قىلدىغان بۇلدوم   كەچۇرۇڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-13 09:36 , Processed in 0.130409 second(s), 40 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش