ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 890|ئىنكاس: 11

[قاتتىق دېتال بىلىملىرى] ھازىرقىLED ئىكران بىلەن LCD ئىكراننى چۈشىنىۋىلىڭ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

9

دوست

1212

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
340
توردا
287 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 14:32:47 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ھازىرقى تەرەققىيات دەۋرىدە ھەممە ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن تىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ!   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق بولغان ئىكرانمۇ شۇنىڭ ئىچىدە
ئىكران بولسا ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتنى ئىشلەتكۈچى ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىدىغان ئەڭ ئاساسلىق قىسىملارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ،  ئۇ بىۋاستە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ،
شۇڭا مەيلى كومپىيۇتىر بولسۇن مەيلى تىلفۇن بولسۇن ۋە ياكى، تىلۋىزور بولسۇن  ئالدى بىلەن ئىكراننى چۈشەنمىسىڭىز بولمايدۇ!

مىنىڭ بىلىشىمچە ھازىرقى زاماندىكى ئىكرانلار ئاساسلىق LED ئىكران ۋە LCD  ئىكران دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .  (كىنىسكوپ ئىكرانمۇ بار دىمەڭ جۇمۇ!  مىنىڭچە ئۇ ھازىرقى زاماننىڭ ئەمەس)

1. LED ئىكران
بۇ يەردىكى LED دىگەن گەپ بولسا ئىنگىلىز تىلىدىكى Light Emitting Diode  نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ   پارقىراق دىئود لامپا  يەنى نۇر چىقىرىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنى كۆرسىتىدۇ ، نۇر چىقىرالايدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بولسا يىرىم ئۆتكۈزگۈچكە تەۋە بولۇپ ئىچكى تۈزۈلۈش پىرىنسىپىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن
بىز دەۋاتقان LED يەنى نۇر چىقىررالايدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا  ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولغان،  مەسىلەن تىلفۇنىڭىزنىڭ توك قاچىلىغۇچىنىڭ كىچىك قىزىل چىرىغى ،  تىلفۇنىڭىزنىڭ يۇمشاق كۇنۇپكىسىنى يورۇتىۋاتقان كىچىك لامپا ، تىلىۋىزورنىڭ توك مەنبە چىرىغى ،  تىلفۇنىڭىزنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى يورۇپ ئۆچۈپ تۇرىدىغان سىگنال چىرىغى ھەتتا كىنوخانىلاردىكى چوڭ ئىكرانلار...  ئىشقىلىپ ساناپ بولالمايمىز  سىز پەقەت توك قاچىلىغۇچنىڭ كىچىك قىزىل چىرىغىنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەكەلسىڭىزلا بولدى!
ئەمدى LED بىلەن تونۇشۇپ بولدۇق ،  كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرەلىدىڭىزمۇ؟؟؟
ئەمدى LED ئىكرانغا كەلدۇق،
ئەمدى LED ئىكران ئەڭ ئاساسلىقى ئالدىنقى ئەينەك قاپ كىيىنكى ئەينەك قاپ ، ئالدىنقى كىيىنكى ئەينەك قاپ ئوتتۇرىسىغا ئىلىنغان  LED  لامپىلار گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلىدۇ
ھەممىمىزگە مەلۇم، تەبىئەت دۇنياسىدىكى خىلمۇخىل رەڭلەرنىڭ تەسۋىرىنى -- قىزىل، كۆك، يىشىل  قاتارلىق مۇشۇ ئۈچ ئاساسى رەڭ  يەنى ئانا رەڭ ئارقىلىق ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ!  مەسىلەن قىزىل ، كۆك ، يىشىل  رەڭلەرنى ئاشۇ خىلدىكى ماس بولغان يەككە رەڭلەر بىلەن ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ ،    لىكىن مەسىلەن سىرىق رەڭنى  قىزىل رەڭ بىلەن يىشىل رەڭنىڭ مەلۇم نىسبەتتە ئارلىشىشى ئارقىلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ، ئاق رەڭنى ئۈچ ئاساسى رەڭلەرنى يەنى قىزىل، كۆك، يىشىل ھەممە رەڭلەرنى ئارلاشتۇرۇپ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ،
دىمەك بىزدە مۇشۇ ئۈچ ئاساسى رەڭ  يەنى قىزىل كۆك يىشىل  مۇشۇ رەڭلەر بولسىلا ھەر قانداق بىر رەڭنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ
مەيلى كىنىسكوپ ئىكران بولسۇن مەيلى LED ياكى LCD ئىكران بولسۇن ھەممىسىدە مۇشۇ خىل ئارلاشما رەڭ شەكلى ئارقىلىق ھەر خىل رەڭلەر ھاسىل قىلىنىدۇ
ئەمەلىيەتتە LED  لامپىمۇ ھەر خىل ھەر ياڭزا رەڭگارەڭ رەڭلەردە بولىدۇ مەسىلەن قىزىل ، كۆك، يىشىل، سىرىق، ئاق... دىگەندەك
بىز دەۋاتقان LED ئىكران ئالدىنقى قاپ ئەينەك ئوتتۇرا قىسمىدىكى  تەرتىپلىك بولغان قىزىل، كۆك، يىشىل LED گۇرۇپپىسى ۋە كەينى قىسىمدىكى قاپ ئەينەكتىن تەركىپ تاپىدۇ يەنە LED لامپىلار ئارىسىدا LED لامپىلارنىڭ ئەينەك ئۈستىگە سىزىلغان يىرىم ئۆتكۈچگۈچ ھالەتتىكى توك يوللىرى بولىدۇ ،      
تىلفۇننىڭ 4 سۇڭ LED ئىكرانىدىمۇ  نەچچە مىلىيون LED  لامپىلار گۇرۇپپىسى بولىدۇ   يەنى كىچىككىنە بىر ئىكرانمۇ نەچچە مىليون دانە مىكرو دەرىجىدىكى LED لامپىلاردىن تۈزۈلىدۇ  بۇنىڭغا ئىشلەتكەن LED لامپىنى كۆز بىلەن كۈزەتكىلى بولمايدۇ  بۇ دەل بىز كۆرەلەيدىغان توك قاچىلىغۇچنىڭ كىچىك قىزىل چىرىغىنىڭ مىكرو دەرىجىدىكى  ھالىتىدۇر
يەنە LED ئىكرانلارنىڭ  ئىچكى قىسمىدىكى LED لامپىلار گۇرۇپپىسىنىڭ زىچلىقى ئوخشىمايدۇ  بۇ زىچلىق ئىكراننىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ   زىچلىقى قانچە يۇقىرى بولسا  كىچىككىنە دائىرىدىكى كۆرسىتەلەيدىغان ئىنىقلىق شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ

7

تېما

4

دوست

829

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
189
توردا
164 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 15:14:50 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،بىلىپ قويغۇلۇق بىلىمكەن،بىر چاغدا ئىزدىنىش تورىغا مۇشۇ توغۇرلۇق بىر ماقالە يازغانتىم،ئۇ بېكەت رەھمەتلىك بوپ كەتتىمۇ نېمە?

5

تېما

9

دوست

1212

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
340
توردا
287 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 15:16:45 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىكراننىڭ رەڭ سۈپىتى بەكلا ياخشى ،  ئىكراننى باسسىڭىز ئىكراندا رەڭ ئۆزگىرىشى بولمايدۇ   

ئادەتتە بىر تال كىچىك تىپتىكى LED لامپىغا نەچچە مىكرو ئامپىر توك ئىقىمى ۋە نەچچە ۋولىت ئىلىكتىر بىسىمى بىرىلسىلا ئۇ نۇرمال ھالەتتە ئىشلىيەلەيدۇ شۇڭا بۇ خىل ئىكراننىڭ توك سەرپىياتىمۇ ئالاھىدە تۆۋەن بولىدۇ
ئىكرانغا مەيلى قانچىلىك يانتۇ قارىسىڭىزمۇ ئىكراندىكى تەسۋىرلەردە ئۆزگىرىش بولغاندەك كۆرۈنمەيدۇ  سىز تىلفۇندا كىنو كۆرگەندە ياكى ئويۇن ئوينىغاندا يانتۇ تۇتقاندا سۈرەتنى كۆرگىلى بولمايدىغىنى بايقىغانمۇ؟؟؟   بۇ ئىكراندا ئۇنداق ئىش بولمايدۇ
ئىكران قىلىنلىقى 1 بىر نەچچە مىللىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ
رەڭ سۈپىتى بەكلا ياخشى ئىكران بەكلا سۈزۈك، بۇ ياقتىن قارىسىڭىز ئۇ تەرەپنى كۆرگىلى بولغۇدەك دەرىجىدە سۈزۈك،  ئادەتتە بۇ ئىكراننى ئىشلەتكەندە ئىكراندىن چىققان يورۇقلۇقنىڭ تىلفۇننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يورۇقلۇق سىنزورلىرىغا تەسىر قىلماسلىقى ئۈچۈن ئىكراننىڭ كەينى تەرىپىدىن يورۇقلۇق ئۆتمەيدىغان ھالەتتە قىلىپ قويىلىدۇ
ئىكراندىن چىققان يورۇقلۇق ئىكراننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن يەنى LED گۇرۇپپىسىدىن بىۋاستە تارقىلىدۇ  بىۋاستە يورۇقلۇق چىقارغاچقا رەڭ سۈپىتىمۇ بەك ياخشى

12

تېما

6

دوست

970

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
15
جۇغلانما
220
توردا
145 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 15:22:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى قايسىسى ياخشى؟

5

تېما

9

دوست

1212

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
340
توردا
287 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 15:26:12 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدىكىسى LCD ئىكران
بۇ LCD   دىگىنىمىز Liquid Crystal Dsplay نىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى بولۇپ سۇيۇق كىرىستاللىق ئىكران دىگەن مەنىدە .
بۇ ئىكراننىڭ پىرىنسىپى تۈزۈلۈشى LED ئىكرانغا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ!  
لىكىن بۇ ئىكرانمۇ قىزىل كۆك يىشىل رەڭ پىرىنسىپى يەنى RGB رەڭ پىرىنسىپ شەكلىنى قوللىنىدۇ
ئىكراننىڭ تۈزۈلۈشى مۇنداق:
ئىكراننى نۇرلاندۇرغۇچى لامپا، نۇر ئاغدۇرغۇچى سۇلياۋ پەردە ئىكران كەينى ئەينەك قاپ مەركىزى قىسمىدىكى رەڭ كاتەكچىسى، سۇيۇق كىرىستال رايۇنى، ئالدى ئەينەك قاپ ، رەڭ ئايرىغۇچى سۇلياۋ پەردە قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ.
(داۋامى تولۇقلىنىدۇ)

9

تېما

1

دوست

2657

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
625
توردا
868 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 15:35:48 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە LCD ياخشىراقىمىكىن دەيمەن LED كۆزگە سەل تەسىر قىلدىكەن ماڭا شۇنداق بىلىندىمۇ يا

5

تېما

9

دوست

1212

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
340
توردا
287 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 15:58:25 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىكراندا نۇر ئىكراندىن بىۋاستە تارقىتىلمايدۇ
ئىكراننىڭ كەينى قىسمىدا ئىنتايىن يورۇق يورۇيدىغان 4~8 گىچە چاقماق لامپا بار بولۇپ نۇر ئاغدۇرغۇچى ۋە نۇر تەكشىلەيدىغان سۇلياۋ پىلاستىنكىلارنىڭ ئاستىدا بولىدۇ

ئىكراننىڭ ئىچكى قىسمىدا قىزىل كۆك يىشىل رەڭ كاتەكچىلىرى، بار بولۇپ ھەر بىر رەڭ كاتەكچىسىنىڭ ئۈستىدە بىر دانە سۇيۇق كىرىستال تولدۇرۇلغان كاتەكچىلەر بولىدۇ
سۇيۇق كىرىستالنىڭ مۇنداق بىر ئالاھىدىلىكى بار :
سۇيۇق كىرىستالغا ئىنتايىن ئاز مىقداردا ئىلىكتىر بىسىمى بىرىلسە سۇيۇق كىرىستاللارنىڭ تىزىلىش تەرتىپى ئۆزگۈرىدۇ ئەگەر بۇ ياپىلاق ھالەتتىكى مىكرۇ سۇيۇق كىرىستاللار ئەينەك قاپ ئىچىگە ئىلىنسا سۇيۇق كىرىستالغا توك بەرگەندە كىرىستاللارنىڭ تىزىلىش تەرتىپى ئۆزگىرىپ  ئەينەك قاپتىن ئۆتىدىغان يورۇقلۇقنى توسۇۋالىدۇ دە قارا رەڭلىك رايۇن ھاسىل، قىلىدۇ
3 يۈئەنلىك ھىساپلىغۇچنىڭ ئىكرانىدىكى قارا رەڭلىك خەتلەر دەل مۇشۇ پىرىنسىپتا بولىدۇ

ئىكراننىڭ ئاساسلىق ئىش پىرىنسىپى مۇنداق بولىدۇ :
ئىكراننىڭ كەينىدىكى ئىنتايىن يورۇق نۇر چىقىرىدىغان لامپىدىن، چىققان نۇر تەكشىلىنىپ ئىكراننىڭ كەينى قىسمىدىن ئىكراننىڭ ئىچىگە كىرىدۇ  ئاندىن ھەر خىل رەڭلىك رەڭ كاتەكچىلىرىدىن ئۆتىدۇ ئاندىن ھەر بىر رەڭ كاتەكچىسى ئۈستىدىكى ھەر بىر سۇيۇق كىرىستال رايۇنىغا كىرىدۇ ھازىرچە توك بىرىلمىگەندە سۇيۇق كىرىستال رايۇنى نۇرنى ئۆتكۈزىۋىتىدۇ دە نۇر ئىكراننىڭ ئالدى قىسمىدىن چىقىپ بىزگە كۆرىنىدۇ
كۆزىمىز بىلەن ئىكراننىڭ رەڭ كاتەكچىسى رايۇنى ئارلىقى يىراق ھەمدە رەڭ كاتەكچىلىرىنىڭ ھەجىمى ئىنتايىن مىكرو دەرىجىدە بولغانلىقتىن كۆزىمىزگە ئاق رەڭلىك بولۇپ كۆرىنىدۇ

ئەمەلىيەتتە چاقماق لامپىنىڭ ئاق يورۇقلۇقى قىزىل رەڭلىك رەڭ كاتەكچىسىدىن ئۆتكەندە ئۆتكەن نۇرنىڭ رەڭگى قىزىل رەڭدە كۆك رەڭ كاتەكچىسىدىن ئۆتكىنى كۆك يىشىل رەڭ كاتەكچىسىدىن ئۆتكەن نۇرنىڭ رەڭگى يىشىل ھالەتتە بولىدۇ  ئەمما بۇ رەڭ كاتەكچىلەر بەك يىقىن بولغاچقا رەڭ كاتەكچىسىدىن چىققان نۇرلار يەنە ئارلىشىپ كىتىپ ئاق رەڭدە بولۇپ كىتىدۇ
مەسىلەن ئىكرانىمىز قىزىل رەڭدە بولغاندا مۇنداق بولىدۇ:
چاقماق لامپا نۇرى ئىكرانغا كىرىدۇ رەڭ كاتەكچىسىدىن ئۆتۈپ سۇيۇق كىرىستال كاتەكچىسىگە كىرىدۇ  بۇ ۋاقىتتا كۆك ۋە يىشىل رەڭ كاتەكچىسىنىڭ ئۈستىدىكى سۇيۇق كىرىستال رايۇنىغا توك بىرىلىپ سۈزۈك ھالەتتىن قارا تۇمانسىمان ھالەتكە ئۆتۈپ كۆك ۋە يىشىل رەڭلەرنى ئىكراندىن ئۆتكۈزمەي تۇتۇپ قالىدۇ قىزىل رەڭ كاتەكچىسى ئۈستىدىكى سۇيۇق كىرىستالغا توك بىرىلمەيدۇ  شۇڭا بۇ كىرىستال رايۇنى سۈزۈك ھالەتتە تۇرغاچقا ئىكراندىن پەقەت قىزىل رەڭلا چىقالايدۇ شۇڭا قىزىل كۆرۈنىدۇ

ئىكران سىرىق بولغان ئەھۋالدا مۇنداق بولىدۇ:
كۈچلۈك چاقماق لامپا نۇرى ئىكرانغا كىرىپ رەڭ كاتەكچىسىدىن ئۆتىدۇ بۇ ۋاقىتتا پەقەت كۆك رەڭ كاتەكچىسى ئۈستىدىكى سۇيۇق كىرىستالغىلا توك بىرىلىپ كۆك رەڭلىك نۇرنى ئۆتكۈزمەيدۇ لىكىن يىشىل ۋە قىزىل رەڭلىك نۇرلار ئىكراندىن چىقىپ كىتىدۇ بۇ نۇرلار كۆزىمىزگە كىرگۈچە بەك زىچ، بولغاچقا ئارلىشىپ سىرىق رەڭ بولۇپ كۆرىنىدۇ
4 سۇڭلۇق بىر ئىكرانمۇ نەچچە مىلىيون دانە رەڭ كاتەكچىسى ۋە سۇيۇق كىرىستال كاتەكچىسى بولىدۇ ھەم بەك زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ
ئىكراننىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىملىرىدا مۇشۇنداق رەڭ ھاسىل قىلىنىپ بىر پۈتۈن تەسۋىر ھاسىل قىلىنىدۇ

5

تېما

9

دوست

1212

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
340
توردا
287 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 16:12:57 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خىل ئىكراننىڭ رەڭ سۈپىتى سەل تۆۋەنرەك ، قارا رەڭنى بەك ئەينەن ھاسىل قىلالمايدۇ  لىكىن تەننەرخى تۆۋەن  ،  نەچچە قەۋەت ماتىرىياللاردىن ياسالغاچقا سەل قىلىنراق بولىدۇ  ئەگەر ئىكرانغا سۇ كىرىپ كەتسە چاقماق لامپىنىڭ نۇرىنى تەكشىلەيدىغان سۇلياۋ پەردىنىڭ يۈزىدىكى ئاق رەڭلىك ماددا بۇزۇلۇپ كىتىدۇ دە ئىكراننىڭ رەڭ سۈپىتى زىيادە تۆۋەنلەپ كىتىدۇ ھەم ئىكراندا دۇغ پەيدا بولىدۇ
نۇر تەكشىلەيدىغان سۇلياۋ پىلاستىكا ھۆل بولسىلا رولىنى يوقىتىدۇ  دە چاقماق لامپا نۇرى ئىكراندىن تەكشىسىز ئۆتۈپ بىر يەر يورۇقراق بىر يەر غۇۋاراق بولۇپ ئىكران بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ

چاقماق لامپىنىڭ نۇرى ئادەم كۆزىگە بەكلا زىيانلىق. ئادەتتە ئىكراننى چۇۋۇپ چاقماق لامپىغا 3 مىنۇت قاراپ تۇرسىڭىز بىردەمدە قاراڭغۇنى كۆرەلمەس بوپ قالىسىز
كۆزگە بەك تەسىر قىلىدۇ ،  سىزمۇ كومپىيۇتىر ئالدىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كۆزىڭىز ئىكرانغا قارىسىڭىزلا مىخ قادالغاندەك ئاغرىپ باققانمۇ؟

ئىكراننى نەچچە يىل ئىشلەتسىڭىز ئىكران سارغىيىپ كىتىدۇ   ، ئىكرانغا ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن قارىسىڭىز  ئىكراندىكى سۈرەتلەر ھەرخىل بوپ كۆرىنىدۇ تىخى كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ
ئىكراننى باسسىڭىز رەڭ ئۆزگىرىشى بولىدۇ  
بەزى سۇس رەڭلەرنى توغرا ئىپادىلىيەلمەيدۇ
چاقماق لامپىنىڭ قۇۋۋىتى خىلىلا يامان ئەمەس ، شۇڭا توك سەرپىياتى LED دىن سەللا چوڭراق

1

تېما

3

دوست

884

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
16
جۇغلانما
257
توردا
284 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 16:23:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
19سۇڭ دىن 24 سۇڭ غىچە ئېنىقلىقى يۇقۇرراق باھاسى 1000   1200 يۇن ئەتراپىدا ئېكران بولسا تەۋسىيە قىلىڭە ھازىر ئېشلېتىۋاتقېنىم hp 19 سۇڭ ۋىن8 دە بەزى لىغ لىغ تىترەيدىغان بولاپ قاپتۇ بىر نەچچە قىتىم ئېكراننى ئۆچۇرۇپ ياقسام ئوڭشىلىپ قالىدۇ xp دا ياكى تېلۋۇزور  دا ئۇندا ئەمەس ۋىن8 دە بەزى بەزى ئېكران يىقىلغاندا ئاشۇندا  يا باشقا سىستىما ياكى كۆرسىتىش كارتىسىدىكى مەسلىمۇ  

5

تېما

9

دوست

1212

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
340
توردا
287 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 16:29:41 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك مەيلى تىلفۇننىڭ بولسۇن مەيلى كومپىيۇتىرنىڭ بولسۇن LED ئىكران ياخشى.

ئەڭ ئاددىي پەرىق ئىتىش ئۈسۈلى:
ئىكراننى بارماق بىلەن يەڭگىل بىسىپ بىقىڭ ئەگەر رەڭ ئۆزگىرىشى بولسا ئۇ LCD ئىكران ،  ئەگەر ئىكران ساتقۇچى LED  ئىكران دىسە مۇمكىن ئىشەنمەڭ!   LED ئىكراندا مۇمكىن ئەمەس رەڭ ئۆزگىرىشى بولمايدۇ!
بەزى قىرىنداشلىرىمىز نەچچە مىڭغا LED ئىكران دەپ سىتىۋىلىپ ئالدىنىپ كىتىدۇ!
شۇڭا  LED ئىكران سىتىۋالماقچى بولغان دوسلار دىققەت قىلساڭلار    لىكىن باھاسىمۇ خىلى يۇقىرى

تىلفۇنمۇ ئوخشاش،  سىتىۋالغاندا ئامال بار LED  ئىكران تىلفۇنى سىتىۋالساڭلار
يەنى samsung نىڭ galaxy  تۈرىدىكى يانفۇنلار nokia n9 ,n8 ,lumia 920   htc g7 ... دىگەندەك يانفۇننى ئىشلىتىپ باققانلار ئىكراننىڭ رەڭ ، سۈپىتىنىڭ قانچىلىك پەيزىلىكىنى ھەم سۈزۈك ئىنىقلىقىنى ھىس قىلالايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-13 09:12 , Processed in 0.141592 second(s), 33 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش