ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 185|ئىنكاس: 0

WordPress خاتالىقى – ئالدى بەت ئاپئاق بولۇپ قالغاندا…

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

2

دوست

612

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
247
توردا
44 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 15:36:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WordPress ئىشلىتىش جەريانىدا ئاز بولمىغان خاتالىقلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مەسىلەن بۈگۈن سۆزلەپ ئۆتىدىغىنىمىز ئالدى بەت ئاپئاق بولۇپ قېلىش. بۇ مەسىلىگە WordPress بىلەن ھەپىلىشىپ باققانلا كىشى بولسا چوقۇم يولۇقۇپ باققان دەپ قارايمەن. كونا بلوگگىرلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە، ئەمما يېڭى بلوگگىرلار بولسا بۇنداق مەسىلىگە يولۇققاندا چوقۇم گاڭگىراپ قالىدۇ. ئۇنداقتا قېنى مەن بۇ توغرىسىدىكى تەجرىبەمنى سۆزلەپ باقاي.

مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار

1. ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش

2. قىستۇرما قاچىلاش ياكى نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش

3. WordPress نەشىىرىنى كۆتۈرۈش

مەسىلىنىڭ تۈپكى يىلتىزىنى يەنىلا شۇ ئۇسلۇب، قىستۇرما ۋە WordPress نىڭ بىر-بىرىگە ماس كەلمەسلىكىدىن بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

1. بەزى ئۇسلۇبلاردا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئىقتىدارلار سەپلەنگەن بولىدۇ، بۇ بەلكىم ئىشلىتىۋاتقان بەزى قىستۇرمىلار بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىگە زىت بولۇشى مۇمكىن.

2. بەزى قىستۇرمىلارنىڭ نەشىرى ياكى ئۇسلۇبلار سىز ئىشلىتىۋاتقان WordPress نىڭ نەشىرى بىلەن ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.

مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

بىرىنچى خىل ئۇسۇل : FTP ئارقىلىق ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبقا باشقا نام بېرىش يەنى ئۇسلۇبنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش

FTP ئارقىلىق ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنىڭ ھۆججەت قىسقۇچ نامىنى ئۆزگەرتىۋەتسەك WordPress بۇ ئۇسلۇبنى تونۇيالمايدۇ ۋە ئاپتوماتىك ھالدا سۈكۈتتىكى ئۇسلۇبنى قوزغىتىپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئالدى بەت ئاپئاق بولۇۋېلىش مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.

1. FTP ئارقىلىق wp-contents/themes بۇ ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە كىرىمىز، ئاندىن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنىڭ ھۆججەت قىسقۇچ نامىنى ئۆزگەرتىمىز.

2. WordPress ئارقا سۇپىسىغا كىرىپ بارلىق قىستۇرمىلارنى توختىتىمىز، ئاندىن FTP ئارقىلىق ئابايقى ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن ئۇسلۇبنىڭ نامىنى ئەسلىگە ئەكىلىپ قويىمىز ھەمدە قايتا شۇ ئۇسلۇبنى قوزغىتىمىز.

(1) ئەگەردە ئالدى بەت نورمال كۆرۈنسە، دېمەك ئۇسلۇب بىلەن قىستۇرما بىر-بىرىنى يەكلىگەن گەپ. بۇ چاغدا قىستۇرمىلارنى بىر-بىرلەپ قوزغىتىپ سىناپ، خاتالىق چىققان قىستۇرمىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىمىز.

(2) ئەگەردە ئالدى بەت يەنە نورمال كۆرۈنمىسە، دېمەك ئۇسلۇب بىلەن WordPress نەشىرى ماس كەلمىگەن گەپ ياكى بولمىسا ئۇسلۇبتا چاتاق بار ئىكەن دەپ ئويلىساق بولىدۇ.

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل : FTP ئارقىلىق قىستۇرما بار بولغان ھۆججەت قىسقۇچ نامىنى ئۆزگەرتىش

1. FTP ئارقىلىق wp-contents ئىچىدىكى plugins دېگەن ھۆججەت قىسقۇچقا باشقا ئىسىم قويىمىز. مەسىلەن plugins-temp.

2. ئاندىن يەنە شۇ مۇندەرىجىنىڭ ئىچىگە plugins دەپ يېڭىدىن ھۆججەت قىسقۇچ قۇرىمىز ھەمدە WordPress ئارقا سۇپىسىغا كىرىمىز.

(1) ئەگەردە ئالدى بەت نورمال كۆرۈنسە، دېمەك ئۇسلۇب بىلەن قىستۇرما بىر-بىرىنى يەكلىگەن گەپ. بۇ چاغدا قىستۇرمىلارنى بىر-بىرلەپ plugins-temp تىن plugins قا يۆتكەپ قوزغىتىپ سىناپ، خاتالىق چىققان قىستۇرمىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىمىز.

(2) ئەگەردە ئالدى بەت يەنە نورمال كۆرۈنمىسە، دېمەك ئۇسلۇب بىلەن WordPress نەشىرى ماس كەلمىگەن گەپ ياكى بولمىسا ئۇسلۇبتا چاتاق بار ئىكەن دەپ ئويلىساق بولىدۇ.


يازما مەنبەسى : ئۇيغۇر ھەقسىز مەنبەلەر تورى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-13 09:19 , Processed in 0.115143 second(s), 36 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش