ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 253|ئىنكاس: 5

WordPress ئارقىلىق توربېكەت قۇرۇش ئالدىدىكى تەييالىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

2

دوست

612

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
247
توردا
44 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 14:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بۇيان تور دۇنياسىدا wordpress ئىنتايىن زور تەسىر قوزغىدى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ھازىر 10 بلوگنى ئېچىپ كۆرىدىغان بولساق ئاز دېگەندە 8 بلوگ ئاساسەن wordpress تە قۇرۇلغان. مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى wordpress نىڭ ھازىر ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. مەيلى شەخسىي بلوگ ياكى شىركەت تور بېكىتى ۋە ياكى مەھسۇلات سېتىش تور بېكىتى بولسۇن، ھەممىسىنى wordpress تە تامامەن قىلغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر wordpress ئىنتايىن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان سېستىمىلاردىن بىرى. ئۇنداقتا بۈگۈن wordpress ئارقىلىق تور بېكەت قۇرۇش ئالدىدىكى تەييالىقلار بىلەن بىرەقۇر تونۇشۇپ ئۆتەيلى.
ئالدى بىلەن WordPress ئارقىلىق تور بېكەت قۇرىمەن دەيدىكەنسىز، چوقۇم توربېكەتنىڭ قايسى قىسىملاردىن تەركىب تاپىدىغىنىنى بىلىشىڭىز شەرت. يەنى [ تورنامى + بوشلۇق + Wordpress + توربېكەتنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراش توغرىسىدىكى بىلىملەر ] ئۇنداق بولسا بۇنى چۈشىنىۋالغاندىن كېيىن بىز مۇشۇ دائىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا تەييارلىقلارنى باشلايمىز.
1. ئىزدەش ماتورلىرىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولىشىمىز كېرەك
مەنچە بولغاندا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش روھى مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن ئىنتايىن مۇھىم. مەيلى سىز قانداق مەسىلىگە ئۇچراڭ، چوقۇم ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنىڭىز ئىزدەش ماتورى بولسۇن، نۇرغۇن تورداشلار ئىنتايىن ھۇرۇن، ”ئۈزۈم پىش ئاغزىمغا چۈش“ دەپ ئولتۇرىدۇ. بۇنداق قىلساق سىز ئۇچرىغان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدەش ماتورلىرىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولىشىمىز كېرەك، ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىزدىگەندە چوقۇم ئازغىنە يىپ ئۇچىغا بولسىمۇ ئېرىشىمىزدە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى شۇ ھامان تېپىلىدۇ. مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم Google ۋە Baidu.
2. Html + CSS بىلىملىرىگە ئىگە بولىشىمىز كېرەك
سىز تور بېكەت قۇرىمەن ھەم شۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ئالدى بىلەن Html + CSS بىلىملىرىنى بىلىشىڭىز كېرەك، بۇ چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرت، بۇ شەرتنى ھازىرلىماي تۇرۇپ تور بېكەت قۇرىمەن دەپ ئويلىماڭ. بۇ توغرىسىدا بىلىملەرنى توردىن كۆرۈپ ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.
3. Wordpress سىستېمىسى بىلەن پۇختا تونۇشۇش
ھازىر تور بېكەت قۇرۇش ئىشلىرى بۇرۇنقىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئاسانلىشىپ كەتتى دېيىشكە بولىدۇ. سىز پەقەت قۇرماقچى بولغان توربېكەتنىڭ تۈرىگە قاراپ توردىن تەييار بېكەت سېستىمىسىنىلا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەڭشىسىڭىزلا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن Wordpress نى بوشلۇققا قاچىلاش بىلىملىرىنى بىلىشىڭىز كېرەك. بۇ دەرسلىك توربېكىتىمىزدە بار، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئىزدەپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
4. توربانكىسى ھەمدە Alipay نى ئېچىۋېتىش
تور بېكەت قۇرىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم تورنامى، بوشلۇق قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا توغر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن توربانكىسى ھەمدە Alipay نى ئېچىۋەتسىڭىز بۇنىڭدىن كېيىنكى توردا سودىلىشىىش ئىشلىرىڭىز ئاسانغا چۈشىدۇ.
5. تورنامى ۋە بوشلۇقنى تاللاپ سېتىۋېلىش ھەمدە باشقۇرۇشنى بىلىش كېرەك
تورنامى بىلەن بوشلۇق تور بېكەت قۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرى. بۇلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، تورنامى سېتىۋالغان تورنامىنىڭ بەك ئۇزۇن مۇرەككەپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ، ئامال بار قىسقا، ئەستە تۇتۇشقا ئاسان تورنامىنى تاللاڭ. ئەمدى بوشلۇققا كەلسەك ھازىر بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۇرغۇن بوشلۇق ساتىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بار، شەخسەن مەن xinjang.net نىڭ بوشلۇقىنى ئىشلىتىمەن، سۈرىتى ئۆزۈڭلار كۆرگەندەك تېز، مەن ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن ئىنتايىن رازى. يەنە uydata.com دەيمىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش IDC مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز خېلى بار. ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇلارنى ئويلىشىپ باقساڭلار بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ شەخسىي پىكرىم خالاس ھەرگىزمۇ ئېلان ئەمەس. ۋاقتى كەلگەندە يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ تاللىشى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
6. FTP قورالى ۋە كود تەھرىرلەش قورالىنى ئىشلىتىشنى بىلىش كېرەك
FTP قورالى دېگىنىمىز تور بېكەت بوشلۇقىغا ھۆججەت يۈكلەش ۋە چۈشۈرۈش قورالىنى كۆرسىتىدۇ، مەن ئادەتتە FlashFXP نى ئىشلىتىمەن، بۇنى ئىشلىتىش دەرسلىكى بېكىتىمىزدە بار، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئىزدەپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. تور بېكەت قۇرغانكەنمىز ئادەتتە كود تەھرىرلەشتىن خالىي بولالمايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن كود تەھرىرلەش قورالىدىن بىرسى بولۇشى كېرەك، مەن ئادەتتە EditPlus نى ئىشلىتىمەن. يەنە UltraEdit مۇ بولىدۇ، ئىككىلىسىنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك.
تامام. يۇقاردا مەن ئېيتىپ ئۆتكەن نۇقتىلارنى ھازىرلىغان ۋاقتىڭىزدا Wordpress ئارقىلىق تور بېكەت قۇرۇشقا تامامەن بولىدۇ. يۇقىرىقىنۇقتىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تامامەن بولىدىغان ئاسان نۇقتىلار قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇنداق بولسا Wordpress كە ئىشتىياق باغلاپ يۈرگەن ئەمما قانداق قىلىشنى ئۇقالماي بېشى كېتىپ يۈرگەن دوستلار دىققىتىڭىز داۋاملىق ئۇيغۇر ھەقسىز مەنبەلەر تورىدا بولسۇن. Wordpress كە ئائىت تېخىمۇ كۆپ بىلىملەر داۋاملىق يوللىنىپ تۇرىدۇ.


يازما مەنبەسى : ئۇيغۇر ھەقسىز مەنبەلەر تورى

9

تېما

2

دوست

1230

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
303
توردا
353 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 17:38:38 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى،تولۇق چۈشەنچە بوپتۇ.

17

تېما

2

دوست

612

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
247
توردا
44 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 18:19:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sirdax4520 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-30 17:38
ياخشى،تولۇق چۈشەنچە بوپتۇ.

            

9

تېما

3

دوست

1219

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
139
جۇغلانما
467
توردا
162 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 18:50:10 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقسىز  مەنبەلەرنىڭ   تور  ئادرىسى؟

5

تېما

2

دوست

1478

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
434
توردا
379 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 21:42:33 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zaptatlik يوللىغان ۋاقتى  2013-4-30 18:50
ھەقسىز  مەنبەلەرنىڭ   تور  ئادرىسى؟

http://uyfree.com
ئاشۇ خەتنى باسسىڭىز كىرىدىكەنغۇ

17

تېما

2

دوست

612

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
247
توردا
44 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 22:57:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zaptatlik يوللىغان ۋاقتى  2013-4-30 18:50
ھەقسىز  مەنبەلەرنىڭ   تور  ئادرىسى؟

http://uyfree.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-13 09:15 , Processed in 0.124197 second(s), 35 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش