ئالىپ تورى

 

 

ئىزدەش
ئالىپ تورى مۇنبەر تور ھەقىقىي ساپ ئۇيغۇر يېزىقىدا ...
كۆرۈش: 331|ئىنكاس: 4
go

ھەقىقىي ساپ ئۇيغۇر يېزىقىدا پاراڭلىشىش قورالى MSN

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
25  
توردا
2 سائەت 
ھوقۇقى
70 
نادىر
تېما
2 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،
نىمىشقىكىن، مېنىڭ مۇشۇ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مۇھەببىتىم باشقىچە يۇقىرى دېسە، ئىشىنەمسىلەر مېنىڭ بۇ گېپىمگە؟ بوپتۇ، ھازىرچە ئىشەنمىسەڭلار مەيلى، لېكىن ھامان بىر كۈنى ئىشىنىپ قالىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.
مەن مەزكۇر تېما ھەققىدە ئىلگىرىمۇ يازما يولللىغان، لېكىن يېقىندىن بېرى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تېما ھەققىدە يەنە قايتا توختىلىش قارارىغا كېلىپ قالدىم. چۈنكى يېقىندىن بېرى خىزمەتتە باشقا خېرىدارلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا دائىم ئىككى تەرەپنىڭ QQ دا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئۆلچەملىك قوللانماسلىقى سەۋەبدىن ھە دېسىلا پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلۇپ قالىدىكەن.
مەن مۇشۇ QQ غا قارىسام باشقىلار ئانا تىلدا پاراڭلاشتىم دەپ لاتىن يېزىقىدا پاراڭلىشىۋاتقان، قارىسىڭىز ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا بېكىتىۋالغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىمىز بار، مەسىلەن مەن «ش» ھەرپىنى «sh» بىلەن، «خ» ھەرپىنى «x» بىلەن، «ق» ھەرپىنى «q» بىلەن، «چ» ھەرپىنى «ch» بىلەن ئىپادىلىسەم يەنە بىر دوستىمىز بولسا، «ش» ھەرپىنى «x» بىلەن، «خ» ھەرپىنى «h» بىلەن، «ق» ھەرپىنى «k» بىلەن، «چ» ھەرپىنى «q» بىلەن ئىپادىلەيدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن ئۆز پىكىرىمىزنى توغرا ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالىمىز. گەرچە ئاپتونوم رايۇنلۇق تىل-يېزىق كومىتىتى بىزگە ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچە ئىپادىلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ قانۇنلۇق تامغىسىنى بېسىپ تارقىتىپ بەرسىمۇ، بىز ئۇنى قوللانماي، ھەممىمىز ئۆزىمىز بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ، يېزىقىمىزنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىش جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق. شۇڭا مەن بۇ ئاۋارىچىلىقنىڭ دەردىنى ئازراق تارتىش ئۈچۈن بولسىمۇ مۇنۇ يازمىنى يوللىدىم. بۇ مەزمۇن ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈلگەن
قېنى ئەمىسە گېپىمىزنى باشلايلى:
توردا پاراڭلىشىدىغان ئالاقىلىشىش قوراللىرى بەك كوپ بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرچە يېزىقنى ھەقىقى قوللايدىغانلىرىنى  ھەم بىخەتەر، قۇلايلىقلىرىنى تاپماق بەك تەس. مەن سىلەرگە  Microsoft شىركىتى ھەقسىز تەمىنلىگەن Messenger نى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. تۆۋەندە بۇ دېتالنىڭ قىيما يۈز رەسىملىرىدىن بېرىلدى. تورداشلارنىڭ كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئالاھىلىدىگى:
1. بىخەتەرلىكى يۇقىرى، ئىشەنچىلىك
2. ئىشلىتىش ئاسان ھەم قۇلايلىق باشقا ئالاقىلىشىش قوراللىرىغا ئوخشاش ئايرىم نومۇر ئىلتىماس قىلىپ ئولتۇرمايمىز. پەقەت بىر دانە hotmail خەت ساندۇقىڭىز ياكى windows live id  غا تىزىملىتىشقا خالىغان بىر خەت ساندۇقىڭىز بولسىلا بىۋاسىتە ياكى تىزىملىتىپ كىرەلەيسىز.
3.يېڭى تىزىملاتقان جاغدىلا ئۆزىڭىزنىڭ باش رەسىمىنى چىقىرىپ ئىشلىتەلەيسىز. قارشى تەرەپ باش سۈرىتىڭىزنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا  كۆرەلەيدۇ.
4. ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ خۇددى word تا ئۇيغۇرچە يازغاندەكلا بىمالال ھالدا ئۇيغۇرچە يېزىق يېزىپ دوستلىرىڭىز بىلەن پاراڭلىشالايسىز.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇنداق: Messenger غا نورمال تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن پاراڭلاشماقچى بولغان دوستىڭىزغا ئۇچۇر يوللايدىغان كۆزنەكنى ئىچىپ ئۇچۇر يازىدىغان ئورۇندا ئالدى بىلەن مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنوپكىسىنى چېكىپ ئاندىن چىققان تۈردىن ئوڭدىن سولغا قاراپ ئوقۇش دېگەن تۈرنى ئىجرا قىلىمىز. ئاندىن كىيىن يېزىق تاللايدىغان ئورۇننى چېكىپ  خۇددى word تا ئۇيغۇرچە يېزىق تاللىغاندەك ئۇيغۇرچە يېزىقنى تاللاپ يېزىشنى باشلىساق بولىدۇ.





يەنە بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
تورداشلار ھەممىسى بىلسە كېرەك، ئەگار بىزنىڭ Hotmail ئېلخېتىمىز ياكى live ئېلخېتىمىز بولسا، مىكروسوفت شىركىتى بىز ئۈچۈن تەمىنلەپ بەرگەن SkyDrive ھەقسىز 25GB لىق ساقلاش بوشلۇقى بار. بۇ بوشلۇققا ماتىرىيال يوللاشتا يەككە ماتىرىيال 50MB دىن ئېشىپ كەتمىسىلا سىز خالىغان شەكىلدىكى ھۆججەتلەرنى بۇ بوشلۇققا يوللاپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر سىز يوللىغان ماتىرىياللارنى شەخسي قىلىپ تەڭشەپ قويمىسىڭىزلا، باشقىلار (سىزنىڭ دوستلىرىڭىز، يەنى سىزنىڭ ئېلخەت ياكى MSN دېكى دوستلىرىڭىز) سىزنىڭ يوللىغان ماتىرىياللىرىڭىزنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيدۇ.
دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://ishare.iask.sina.com.cn/f/7988191.html

ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ : http://ishare.iask.sina.com.cn/f/7487494.html
ئەلپىدا كىرگۈزگۈچىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
: http://ishare.iask.sina.com.cn/f/7538399.html
ئاخرىدا ئەممىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئانا تىل يېزىقىمىزدا بەھوزۇر ھالدا پاراڭلىشىش مەقسىتىگە يېتىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
MSN نى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا داۋاملىق يازما يوللىنىدۇ.
بۇ ئەسەرنىڭ مەنبەسى: http://blog.ilqut.com

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   PengiYar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-21 23:27  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەڭگە
1579  
توردا
1052 سائەت 
ھوقۇقى
200 
نادىر
31 
تېما
131 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
MSN توپى ئادېرسى:
afrasyap@live.cn
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 3Rank: 3

تەڭگە
185  
توردا
19 سائەت 
ھوقۇقى
30 
نادىر
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ خىلى بىر قىسىم تورداشلارغا ئۆلچەملەشكەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقنى  ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلدىم.ھەم بونىڭىدىن كىيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن.نىمە ئۈچۈن دىگەندە بىر قىسىم كىشىلەر ئىشلىتىۋاتقان يا پىنيىن ئەمەس يا ئۇيغۇر لايىن يېزىقى ئەمەس ئەبجەش يېزىق مىنىمۇ بىئارام قىلىدۇ.بۇنداق بۇلىۋەرسە بولمايدۇ.ئۇلارنى يىتەكلەش كىرەك.
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بۇخەۋەرنى ...

Rank: 3Rank: 3

تەڭگە
185  
توردا
19 سائەت 
ھوقۇقى
30 
نادىر
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
  مىكرو سوفىتنىڭ بۇ سۆزلىشىش دىتالى ,ئۇيغۇرچە   يېزىپ سۆزلىشىدىغانلار ئۈچۈن راستىنلا ياخشىكەن.
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بۇخەۋەرنى ...

Rank: 2

تەڭگە
155  
توردا
22 سائەت 
ھوقۇقى
20 
نادىر
تېما
3 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمما بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسدا كىيۇ كىۇ دىگەن ئەبلەختەك ئومۇملاشمىدى.مېنىڭ msn ئادرىسىم: abduhalik19@msn.cn
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

دىققەت:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com QQ:632997108 Skype: alipuyghur

رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-6-25 08:00 , Processed in 0.231267 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.