كۆرۈش: 370|ئىنكاس: 1

ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى (يۇمشاق دىتالى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئاقچا
64
جۇغلانما
575
توردا
2 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 01:30:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەن بۈگۈن تور داشلارنىڭ ئارامىغا ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى (يۇمشاق دىتالى ) نى سوۋغات قىلماقچى .
بۇ دىتال گەرچە ئاددى بولسىمۇ ئۇيغۇر دىتالچىلىقى ۋە مائارىپ ماتىماتىكا ئوقۇ -ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئازراق بولسىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بېرەلىسە دېگەن ئۈمىدتە ھەقسىز تارقىتىلدى . دىتالنىڭ بۇنەشرى سىناق نۇسقىسى بۇلۇپ ، تورداشلارنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى ، ھەمكارلىشىشى ، مەدەت - ئىلھاملىرى نەتىجىسىدە داۋاملىق مۇكەممەللەشكۇسى .
دىتالغا ھازىرچە باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا ماس كىلىدىغان ئۈلگە ۋە مىساللار رەسىملىك ، خەتلىك بىرىلگەندىن سىرت ‹‹ دېھقان ئوغلىنىىڭ ھىساب ئۆگىتىشى›› ‹‹سانلار بىلەن تونۇشۇش ›› ‹‹ مەشىق باغچىسى ›› قاتارلىق سەھىپىلەر ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.
دىتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى: دىتال يىشىل دىتال بۇلۇپ بىۋاستە قوزغاتساق بولىدۇ . ئىكراننى مۇمكىن قەدەر 1024-768 قىلىپ تەڭشەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ . دىتال قوزغالغاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ دىتالغا كىرىشكە بولىدۇ . مەسىلەن : ئىسمى : dihanogl
    1  - يىللىق 1- سىنىپ okuguqi دىگەندەك . ئۇچۇرلار تولدۇرۇلۇپ ‹‹ مەرھەمەت›› نى چىكىپ مۇندەرىجىگە كىرىمىز .
مۇندەرىجىدە سانلار بىلەن تونۇشۇش ، ئۈلگە ۋە مىساللار ،‹‹ دېھقان ئوغلىنىىڭ ھىساب ئۆگىتىشى›› مەشىق باغچىسى قاتارلىق سەھىپىلەرنى خالىغانچە ئاچساق بولىدۇ .
سانلار بىلەن تونۇشۇش  سەھىپىسىدە سانلارنى چىكىپ ئوقۇلۇشىنى ئاڭلايمىز ( ئاۋازنى مەن بەرگەن ئىدىم ، ‹دېھقان سۈپەت› رەك چىقىپ قالدى)

ئۈلگە ۋە مىساللار سەھىپىسىدە ماتىماتىكىنى رەسىمگە قاراپ ئۆگىنىشكە ، ئەمەلى مەشىق قىلىشقا بولىدۇ . ئۇمۇمى 6بەت مەشىققە 103 نۇمۇر بىرىلىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكى ( نەتىجەمنى كۆرۈپباقاي ) دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ ، نەتىجىڭىزنى سۈرۈشتىرسىڭىز بولىدۇ.

‹‹ دېھقان ئوغلىنىىڭ ھىساب ئۆگىتىشى›› سەھىپىسى 2 گۇرۇپپىغا ماسكىلىدىغان بۇلۇپ ، 12 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ . مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا قايسى گۇرۇپپىنىىڭ ئالغان نۇمۇرى كۆپ بولسا غەلبەقىلغانلىق ئۇچۇرى بىرىلىدۇ .

‹‹ مەشىق باغچىسى ›› سەھىپىسىدە قۇشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش ۋە ئارىلاش ئەمەللەر نى مەشىق قىلىشقا بولىدۇ . مۇناسىۋەتلىك تۈرگە كىرگەندىن كىيىنن ‹‹ ئىشلەپ باقاي قېنى ، ئاسانراقىنى ئىشلەي ، قىيىن بولسىمۇ ئشىلەيمەن ›› قاتارلىقلاردىن خالىغانچە تاللاپ مەشىق قىلىشقا بولىدۇ . ئىشلەشتە قىينالسىڭىز ‹‹ ھىسابلىغۇچ ئىشلىتەي ›› نى چىكىپ ، ھىسابلىغۇچتا ئىشلەڭ .
دىتال بار مۇندەرىجىگە 125-138 چوڭلۇقتىكى ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمىنى dihanogli.jpg نامىدا ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ .
بىر قىسىم ماتېرياللار  توردىن يىغىلغان.
تەكلىپ: مىنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا سەۋىيەم بولمىغانلىقتىن ، دىتالنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە بىرقانچە نەپەر ھەمكارلاشقۇچى ئۇستاز تەكلىىپ قىلىمەن . دىتالنى ھەقسىز تارقىتىدىغان بولغانلىقتىن ھەق بىرەلمەيمەن ، خالىس ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا قارشى ئالىمەن . ( 1-2 كۈن ھەمكارلىشىپ يۇقاپ كېتىدىغانلار ئاۋارە قىلماڭلار ) چ چ 1438163277 تېلفۇن : 18799865714


چۈشۈرۈش ئادرىسى http://dihanogli.cn/korsitix.asp?ID=227
ياكى : http://www.kiyas.org/Download.as ... ihanogli&Id=112

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
649
توردا
3297 سائەت
نادىر
41
تېما
216
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 10:53:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقان ئوغلى ئەپەندىنىڭ دېتاللىرنى باشقا تور بەتلەردە كۆرۈپ، ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدۇق. ئەمدى ئالىپ تورىدا كۆرۈشكە نىسىپ بوپتۇ.
قارشى ئالىمىز.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.078505 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-30 03:48

چوققىغا قايتىش