|
مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ دەرىجىسى بىر دەرىجە ئۆسسە، قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپىمۇ ماس ھالدا ئۆسەتتى. بولۇپمۇ windows XP دىن ۋىستاغا كۆتۈرۈلگەندە قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپىمۇ كۆرىنەرلىك يوقىرى كۆتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنى كومپىيۇتېرنى يېڭىلاشقا مەجبۇر قىلغان.
مىكروسوفىت Windows、Windows Live بۆلۈمىنىڭ باشلىقى Steven Sinofsky نىڭ D9 يىغىنىدا ئاشكارىلىشچە windows7 گە سېلىشتۇرغاندا windows8 نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ، CPU، قاتتىق دېسكا بوشلۇقى قاتارلىقلارغا كۆپ تەلىپى يوقكەن.
windows7 نىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتتىق دېتال تەلىپى:
1GHz ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ 32/64 بىتلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)
1گېگابايىت ( 32بىت) ياكى 2گېگابايىت (64 بىت) ئىچكى ساقلغۇچ
16گېگابايىت ( 32بىت) ياكى 20گېگابايىت (64 بىت) قاتتىق دېسكا بوشلۇقى
DirectX 9 نى قوللايدىغان سىنكارتا.
دېمەك مۇشۇنچىلىك سەپلىمىدىكى كومپىيۇتېرى بارلار windows8 نى ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپىيۇتېرىنى يېڭىلىمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن گەپ.
|
|