ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ خوشال چاغلىرىڭىزدىكى ، ئۆزىڭىزنى ئەڭ بەخىتلىك دەپ قارىغان چاغدىكى رەسىملىرىڭىزگە يېقىملىق مۇزىكا ۋە باشقا ئۈنۈملەرنى قوشۇپ ، شۇ ئۆتۈپ كەتكەن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى يېقىملىق ۋىدىئوغا ئايلاندۇرۇپ ساقلاپ قويۇشنى ئويلاپ باققانمۇ ؟ ۋىدىئولۇق ئالبوم ياسايدىغان دېتال تاپالماي بېشىڭىز قاتتىمۇ ؟ ۋە ياكى تاپسىڭىزمۇ مۇرەككەپلىكىدىن قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمەي قالدىڭىزمۇ ؟ Windows photo storyسىزنىڭ بۇ قېيىنچىلىقىزنى يېڭىشتىكى ئەڭ ياخشى ياردەمچىڭىز بولالايدۇ.
Windows photo story مىكروسوفىت شىركىتى تەرىپىدىن ھەقىقى نەشىردىكى ۋىندوس سېستىمىسىغا قوشۇۋېتىلگەن ۋىدېئولۇق ئالبوم ياسايدىغان دېتال. ئۇنى ئورناتقاندا ، ئاۋال ۋىدوسنىڭ تەكشۈرۈش قۇرالى ئارقىلىق سىزنىڭ سېستىمىڭىزنىڭ ھەقىقى نەشىر ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدۇ.بۇ دېتالنى ئورنىتىش ئۈچۈن يەنە كومپىيوتېرىڭىزدا Windows Media Player 10 ۋە DirectX 9.0b ئورنىتىلغان بولىشى كېرەك .
Photo Story نى ئىشلىتىش ناھايىتى ئاسان . ئۇ Step by Step نىڭ يول باشلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ ، بىز بىرقانچە كۇنۇپكا بىلەنلا رەسىملىرىمىزنى ناھايىتى جانلىق ۋىدىئوغا ئايلاندۇرالايمىز.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ھەربىر ۋىدىئوغا قوشۇشقا بولىدىغان رەسىمنىڭ چەكلىمىسى 300 پارچە . ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا بولمايدۇ.دېتال قوللايدىغان رەسىم شەكىللىرى BMP、DID、EPS、GIF、JHIF、JPE、JPEG、JPG、PCD、PCX、PNG、PSD、RLE、TGA،TIF.ئەگەر سىزنىڭ رەسىمىڭىز باشقا شەكىلدە بولسا ، فورمات ئۆزگەرتكۈچلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىپ بولۇپ ئاندىن قوشسىڭىز بولىدۇ.
دېتالنىڭ بىرقىسىم رەسىملىرى
چۈشۈرۈش ئورنى
 
|