ئالىپ تورى

 

 

ئىزدەش
ئالىپ تورى مۇنبەر تەرمىلەر ئۈزۈم ھارىقىنىڭ رولى
كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 4
go

ئۈزۈم ھارىقىنىڭ رولى

Rank: 1

تەڭگە
14  
توردا
1 سائەت 
ھوقۇقى
10 
نادىر
تېما
3 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-25 12:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۈزۈمدىن ياسالغان قىزىل ھاراق ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق ۋىتامىن، قەنت،ئاقسىل قاتارلىق ئۇچ ھاياتلىق ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئۇنىڭ تەركىۋىدە يەنە 24خىل ئامىنو كىسلاتا بار، بۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغان ماددا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئۈزۈم ھارىقى تەركىۋىدە يەنە ھەر خىل ئورگانىك كىسلاتالار بولۇپ بۇلار گىلۇكونات كسىلاتا، لىمۇن كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . ئۇنىڭ تەركىۋىىدىكى ۋىتامىنلار ۋىتامىن ئې، ۋىتامىن، بى2 ، ۋىتامىن ب12 قاتارلىق كۆپ خىل ۋىتامىنلار بولۇپ،ئۇندىن باشقا كالتىسىي، ماگنىي، ناترىي، تۆمۈر قاتارلىق مىكرۇ مىنىرال ئىلىمىنتلارمۇ بار.
شۇنداق بولغانلىقتىن قىزىل ھاراق يۈرەك قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،قېرىلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان ھاڭۋاقتىلىق قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،شۇنداقلا ئۇنىڭ چىراي گۈزەللەشتۇرۈشتە ئالاھىدە رۇلى ھەم بار.
ئۈزۈم ھارىقىنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان فىرانسىيەلىكلەر گەرچە مايلىق نەرسىلەرنى كۆپ يىسىمۇ لىكىن ئۇلاردا يۇرەك كىسىلىنىڭ باشقا تەرەققى تاپقان ئەللاردىن تۆۋەنلىكى ۋە ئوتتۇرچە ئۆمرىنىڭ  باشقا ئەللەردىن ئۇزۇنلىقىنى ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن سىتاتىستىكا قىلىپ چىقىلىپ ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ئالاھىدە رۇلى مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەن.
ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ساقلىق ساقلاش رۇلى:
1. ئىشتىھانى ئېچىش
2. قۇۋۋەت تولۇقلاش
3. ھەزىمنى ياخشىلاش
4. ئۇرۇقلىتىش
5. مىكرۇپ ئۆلتۈرۈش
6. سۈيدۈك ھەيدەش
ئۈزۈم ھارىقىنىڭ بەزى كىسەللەرنى داۋالاشتىكى قوشۇمچە رولى:
1.مېڭە قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2.بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىسش
3.يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
4.ئەمچەك راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
5.ماينىڭ سۈمۈرىلىشىنى تىزگىنلەش
6.كۆرۈش پەردىسىنى قوغداش
7.ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش
8.زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش
يۇقارقىلاردىن باشقا ئۈزۈم ھارىقىنى مۇۋاپىق ئىچىش ئارقىلىق  چىراي گۈزەللىكىنى ياخشىلاش ۋە ساقلاش ،قان تومۇرلارنى يۇمشىتىش،تىرىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىش،ئۇيقۇنى ياخشىلاش قاتارلىق قوشۇمچە روللىرىمۇ بار ئىكەن.

ئەلۋەتتە مۇۋاپىق ئىچىش ھەممىدىن مۇھىم، بولمىسا ھەرقانداق ياخشى نەرسىمۇ ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىدۇ(تەرجىماندىن)
مەنبەسى: http://wenku.baidu.com/view/b525eb4733687e21af45a96f.html

Rank: 1

تەڭگە
22  
توردا
2 سائەت 
ھوقۇقى
10 
نادىر
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 22:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئى مۆئمىنلەر ! ھاراق ئىچىش ، قىمار ئويناش ، بۇتلارغا چوقۇنۇش ، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش  شەيتاننىڭ ئىشى ، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەخىتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار،  «90 » ،  شەيتان  ھاراق ، قىمار  ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسىماقچى بولىدۇ ، سىلەر ئەمدى ( ھاراقتىن، قىماردىن ) يانمامسىلەر ؟  « 91 »  
                        قۇرئان كەرىم،  سۈرە مائىد   90 - 91 - ئايەت

ھاراق ئىسلام دىنىمىزدا ھارامدۇر ،   توڭگۇز گوشى بىلەن ئوخشاش ،
ھاراق ئىچىش ، دىن نوختىسىدىلا ئەمەس ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ ئادەت ، ئەخلاق قارىشىدىمۇ قوبۇل قىلىشقا ، يول قويۇشقا بولىدىغان قىلقلارنىڭ قاتارىدىن ئەمەس ، ئەزەلدىن ھاراقكەشلىك نەپرەتلىنەرلىك  قىلقلاردىن ھېسابلىنىپ كەلگەن ،

ماتىرىياللاردا كۆرىشىمچە  قىزىل رەڭلىك ئۈزۈمنىڭ يۇقارقىدەك خۇسۇسىيەتلىرى بار ئىكەن،  قىزىل رەڭلىك ئۈزۈمنى بىۋاستە ئىستىمال قىلسىمۇ ، ياكى سىقىپ شەربىتىنى چىقىرىپ ئىستىمال قىلسىمۇ يۇقارقىدەك مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىكەن،   
ئۈزۈمنى بىۋاستە ، ياكى سىقىپ شەربىتىنى چىقىرىپ ئىستىمال قىلساق  ھارىقىنى ئىچكەندىن ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن،

شۇڭلاشقا ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېسابلىغانلارنىڭ ھاراق ئىچىشىگە بولمايدۇ،   دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارنىڭ بولسا ئىختىيارى .

Rank: 2

تەڭگە
58  
توردا
8 سائەت 
ھوقۇقى
20 
نادىر
تېما
1 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-27 14:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
mohsin يوللانغان ۋاقتى  2011-5-26 22:04
ئى مۆئمىنلەر ! ھاراق ئىچىش ، قىمار ئويناش ، بۇتلارغا چو ...

گىپىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق....................................

تەڭگە
126  
توردا
17 سائەت 
ھوقۇقى
50 
نادىر
تېما
2 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 02:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قۇرئاندىمۇ   ھاراقنىڭ   پايدىلىق  ئىكەنلىكنى دەيدۇ   ،   ئۇنىڭدىن   ئارقىسىدىنلا   ئۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى  كۆپ   دەپ  بار    ،  شۇڭلاشقا  بۇ   نىجىسقا  يىقىنلاشماسلىق   كىرەك   ،   

Rank: 2

تەڭگە
98  
توردا
14 سائەت 
ھوقۇقى
20 
نادىر
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 21:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تېمىنى كۈرۈپ شۇنداق بىر كۇبلىت شىئىر ئىسىمگە كەلگەندەك بۇلۋاتىدۇ...
       مەستلىك مەستلىكتىن چىقار پەسلىك،
       مەينىڭ كەينىگە كىرسەڭ سىنى باسىدۇ نەسلىك.
بولسا ھاراق ئىچمەيلى!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

دىققەت:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com QQ:632997108 Skype: alipuyghur

رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-6-23 14:45 , Processed in 0.351492 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.