|
يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا بەزى دېتاللاردىكى ئۇيغۇرچە خەت سولدىن ئۇلانماي كۆرۈنۋالىدۇ. ياكى ئوڭدىن كۆرۈنسىمۇ ئۇلانمايدۇ. بولۇپمۇ يانفۇن دېتاللىرى ۋە بەزى ئويۇنلاردا.
مەسلەن: "باشلاش" ياكى "شلاشاب" مۇشۇنداق ھالەتتە. بۇ مەسلىنى مۇنداق ھەل قىلىمىز.
يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنى قاچىلاپ، خەتنى يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچتە يازىمىز. ئاندىن يازغان خەتنى تاللاپ، ئوڭدىن ئۇلانماي چىققان بولسا قۇراللار تىزىملىكىدىن "كېڭەيتىلگەن رايوندا كۆچۈرۈش" نى باسىمىز. سولدىن ئۇلانماي چىققان بولسا "كېڭەيتىلگەن رايوندا تەتۈر كۆچۈرۈش" نى باسىمىز.
ئاندىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋاتقان دېتالغا چاپلىساق ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈندۇ.
بۇ پەقەت ئامالنىڭ يوقىدىن قوللانغان ۋاقىتلىق چارە. بۇ خىل ئۇسۇلدا مەجبۇرى سولدىن يازغان بولغاچقا بىر قۇرغا پاتمىغان جۈملىنىڭ بېشى ئاستىنقى قۇرغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنى چۈشۈرۈش ئادېرسى: http://www.yulghun.com/editor/download.html
|
|