ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوستلار:
بۇگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن يۇمشاق دېتالىم kmplayer نىڭ بىرقۇرساق ئىنىسى potplayer. بۇ دېتال كۆپ ۋاستە قويۇش دېتالى بولۇپ ، unicodeنى ناھايىتى ياخشى قوللىغاچقا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم .دېتالنىڭ ناھايىتى ئاز بىرقىسىم يېرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ئىمكان بولمىدى.چۈنكى بۇ يەرنىڭ خېتى ۋىندوس بايلىقىنى تەڭشەپ ئىشلەتكەن بولغاچقا ، بۇ يەرنىڭ خېتى ۋىندوس تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن.مۇنداقچە ئېيتقاندا ، يەرنى ئويغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋىندوسنىڭ ئويغۇرچە نۇسخسى بولسا ئاندىن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىكەن.شۇڭا ئۇ يەر ئۆز پېتى قالدۇرۇلدى.(ئىشلىتىش جەريانىدا باشقا ئىقتىدارلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ)
ئەمدى دېتال ھەققىدە ئازراق توختىلاي، بەلكىم بايا دېتالنى kmplayer نىڭ بىرقۇرساق ئىنىسى دېسەم سەل ئەجەپلىنىپ قالغان بولىشىڭىز مومكىن ،بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بېرەي، بۇ دېتالنى ياسىغۇچى ئەسلىدىكى kmplayer نى ياسىغان كورىيىلىك 姜勇希ئىكەن.ئۇ Daum شىركىتىگە يۆتكىلىپ بارغاندىن كېيىن ، پۈتۈنلەي ++ Cقايتىدىن يېزىپ چىققان قويغۇچ.ئۇ kmplayerنىڭ ئاپچىل ، تېز بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەندىن باشقا يەنە ئىچكى قىسىمدىكى كود يەشكۈچ سېستىمىسى ئاددىيلاشتۇرۇلغان.دېتالغا يەنە KMPدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان DXVA قاتتىق دېتال كود يەشكۈچ ۋە كۆپ لىنىيىلىك كود يەشكۈچ قوشۇلغان.
ئەسلى نۇسخىدىكى potplayer غا يەنە IPTV ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ ، بۇ ئىقتىدار جوڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئانچە بەك ئىشلىتىش قىممىتى بولمىغاچقا(دۆلەت ئىچىدىكى pplive ،tudou قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىقتىدار، پىروگراممىلىرىنىڭ ھەممىسى كورىيچە) ، خەنزۇچىلاشتۇرغۇچى تەرىپىدىن بۇ ئىقتىدارلىرى چىقىرىۋېتىلگەن.
دېتالنىڭ رەسىمى
==================================================================================================================
دېتالنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى تېز بولغاچقا ، ھازىرقى ئەڭ يېڭى نۇسخسى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلمىغان جايلار تۈزىتىلدى . (يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جايلار يەنىلا شۇ پېتى قالدۇرۇلدى)
ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە نۇسخسىنى چۈشۈرۈڭ 
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yarghol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-14 14:15
|