- جۇغلانما
- 1600
UID8519
تىزىملاتقان2012-7-4
ئاخىرقى قېتىم2015-3-8
توردا584 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1600
- ئاقچا
- 1
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەر ئەھلى. ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تېنىنى سالامەت ئىشلىرىڭلارنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن. شۇنداقلا تېلېفونىڭلارنى ئۆز ئارزۇيۇڭلاردىكىدەك قىلسۇن(چاقچاق-ھە). ئەمدى ئەسلى مەقسەدكە كەلسەم.
(سۆزۈم سەل كۆپرەك. ئەمما ۋاقىت چىقىرىپ، ئەستايىدىل ئوقۇپ قويۇڭ. زىيىنى تەگمەيدۇ.)
ئاخىرىغا كەلگەندە ئۆزىڭىز تەۋە بولغان تۈرنى كۆرسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن باشقۇرغۇچى بولسىڭىز، باشقۇرغۇچىلارغا دېگەن تۈرنى، ئەزا بولسڭىز، ئەزالارغا دېگەن تۈرنى كۆرسىڭىز مەقسىدىمنى چۈشىنەلەيسىز.
ئالىپ تېخنىكا مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر يانفونچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسىنى ھەقىقەتەن تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ مەندەك تېلېفون ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن. بۇ تور بەتكە كىرگەنلىرىمىز ئاساسلىق ئىككى خىل مەقسەد بىلەن كىرىمىز. بىرى ئۆگىنىش، يەنە بىر ئۆزىمىز بىلگەننى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش. مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە كۈنىگە بىر قانچە قېتىم كىرىمەن. يېڭى تېمىلار، يېڭى بىلىملەر، يېڭى خەۋەرلەر بولسا كۆرەرمەنمىكىن دەپ. مېنىڭچە باشقىلارمۇ ھەم شۇنداق.
بىر توربەتنى قۇرۇپ، بۇنچىلىك راۋاجلاندۇرماق ئاسان ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىقتىدارلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە ئىخلاسمەن تېرىشچان ئەگەشكۈچىلەر كەم بولسا بولمايدۇ. مۇنبەرگە كىرىپ چىقىدىغان ئادەملەر كۆپ بولغانسېرى، باشقۇرماقمۇ سەل قولايسىز بولۇپ قالىدىغان گەپ. ھازىر مۇنبەردە موشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە خىل ئەھۋال سادىر بولۇۋاتىدۇ.
باشقۇرغۇچىلارغا تەلەپ:
باشقۇرغۇچىلار تېما تەستىقلاشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىنى ئەستايىدىل ئىشلىتىپ(ئازراق جاپانى ئارتۇق چېكىپ، چۈنكى سىلەر باشقۇرغۇچى ئەمەسمۇ، ھوقۇق بولغاندىن كېيىن، ھوقۇقنىڭ جاپاسىمۇ باردەـ(چاقچاق، ئارتۇق سۆزلەپ قويغىنىم بولسا چاقچاق، لېكىن سەمىمىي تەلەپ))، تەستىقلانغان تېمىغا نىسبەتەن، ئەستايىدىل تەھرىرلەش ئېلىپ بارساڭلا (تېمىنىڭ مەزمۇنىنى تەھرىرلەپ بولۇشقا ئەلۋەتتە يېتىشىپ بولالمايسىلە). تېمىنى تېما تەۋە بولغان سەھىپىگە قويۇشقا ئەھمىيەت بەرسەڭلا. ھەممىدىن مۇھىمى تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى ئەستايىدىل ئويلاشساڭلار، تېما تەستىقلاشتا، بىز ئەزالار تېما يازساق بەزىدە ماۋزۇسىنى ياخشى قويالمايدىغان ئەھۋاللار سادىر بولۇپ قالىدۇ. بۇنى سىلەر تولۇقلاپ ياخشى باشقۇرۇپ كەتسەڭلار. مەسىلەن: ماۋزۇسىغا پەقەتلا «ياردەم قىلساڭلار» ياكى «جىددىي ياردەم قىلساڭلار» دېگەندەك تېمىلارغا نىسبەتەن، بۇ ماۋزۇنى كۆرگەن ئادەم نېمىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، تېمىنى كۆرۈپ چىقىدۇ، ئاندىن ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولسىغۇ، مۇۋاپىق ئىنكاس يازار، ئۇنداق بولمىغاندا، شۇ ئادەمنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلىدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا، مۇنبەرگە كىرگەن ئادەم تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ، تېما يوللىغۇچىنىڭ ئاساسىي مەقسىدىنى چۈشىنەلىگۈدەك بولسا (بۇ ئەسلىدە تېما يوللىغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى، لېكىن ئۇلار شۇنداق قىلىپ بولالمىغان بولسا)، تەستىقلانمىغان تېمىلارنىڭ تەستىقلانماسلىق سەۋەبىنى ئۇقتۇرۇپ قويساڭلا. بۇ ھەقتە مېنىڭ قورساق كۆپۈگۈم بار.
ئەزالارغا تەلەپ:
تېما يوللاشتا:
1)تېما يوللاشتىن بۇرۇن يوللىماقچى بولغان تېمىنى ئەستايىدىل بىر ئويلىنىۋېتىپ ئاندىن يوللىساڭلار. تېمىنىڭ ماۋزۇسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئويلانساڭلا. مۇنبەرگە كىرگەن ئادەم تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ، تېما يوللىغۇچىنىڭ ئاساسىي مەقسىدىنى چۈشىنەلىسە، بۇنداق بولغاندا مۇنبەرگە كىرگەن ئادەم تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلەيدۇ-دە. ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، تېمىغا كىرىدۇ، ئىنكاس يازىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، تېما زىيارەت قىلغۇچىنىڭ ۋاقتى بىھۇدە ئىسراپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېما يازغاندا بولۇپمۇ ياردەم سوراپ تېما يازغاندا، ئالدى بىلەن ئۆزەڭلار يازماقچى بولغان تېمىغا ئوخشاپراق كېتىدىغان تېمىلاردىن ياردەم ئىزدەپ بېقىپ، پەقەت بولمىغاندا، ئاندىن تېما يوللىساڭلا. بولۇپمۇ ماۋزۇغا «جىددىي ياردەم قىلساڭلار»، «ياردەم قىلساڭلار» دېگەندەك ماۋزۇلارنى قويمىساڭلا. ماۋزۇنىڭ نېمىدىن جىددىي ياردەم قىلىش كېرەكلىكى، نېمىدىن ياردەم قىلىش كېرەكلىكى ئېنىق گەۋدىلىنىپ تۇرغان بولسا.
2) تېمىنىڭ مەزمۇنىغا نىسبەتەن، ئىملانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىنتايىن مۇھىم. ياخشى بىر تېمىنى يوللىغان بولسىڭىز. ئىملانى توغرا يازمىسڭىز تېمىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئىملاغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئىشلەتكەن سۆز ئىبارىلەرنىڭ ئاددىي، چۈشىنىشلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ. تېمىنى يېزىپ تەييار قىلغاندىن كېيىن ھاپىلا-شاپىلا يوللىۋەتمەي، بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ، تەھرىرلەپ ئاندىن يوللىساڭلا.
ئىنكاس يېزىشتا:
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يازمىساڭلار. بۇنداق بولغاندا، تېمىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە ئىنكاس پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىلەر، ئوخشاشلا تېمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر. ھازىر مۇنبەردە موشۇنداق خارەكتېردىكى ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالدى. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە بەزى ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى تەستىقلاش ھاجەتسىز بولغاچقا، يازغان ئىنكاس بىراقلا كۆرۈنىدىكەن-دە موشۇنداق قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدىكەن. شۇڭا ئىنكاسىڭلارنى تەستىقلاش زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئەزالار موشۇ خىل ئەھۋالنى سادىر قىلىشتىن ساقلانساڭلا.
يۇقارقىسى بۇيرۇق ئەمەس تەلەپ، بىز ئالىپ مۇنبىرىگە كىرىپ، ئۇنىڭدىن نەپ ئالىدىكەنمىز. بۇ مۇنبەرنىڭ ساپلىقىنى قوغدىشىمىز، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز. تېخىمۇ ياخشى بىلىملەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن، قوشالىغۇدەك تۆھپىمىز بولسا، قوشساق، بۇ سىز ئۈچۈن، مەن ئۈچۈن، ھەممىمىز ئۈچۈن ياخشى ئىش. ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، موشۇنداق بىر ياخشى مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىنى بارلىققا كەلتۈرسەك.
بەك جىق سۆزلەپ قالدىم. توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
ئاخىرىدا، باشقۇرغۇچىلار، بۇ تېمامنى تەستىقلىمىساڭلارمۇ مەيلى.
|
|