- جۇغلانما
- 524
UID11013
تىزىملاتقان2012-10-15
ئاخىرقى قېتىم2015-1-20
توردا192 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 524
- ئاقچا
- 1
|
بىر ئۇستا خاككېر Kevin Mitnicik مۇنداق دەپتىكەن.(1. ماتىريالنى زاپاس ساقلاڭ، ئىسڭىىزدە بولسۇنكى سېستىيمىڭىز مەڭگۈ مۇكەممەل بولمايدۇ . كىچىككىنە بىر ۋېروس سانلىق سىپىرلىرىڭىزنىڭ ئاپەت خاراكتىرلىق يوقۇلۇشىغا سەۋەب بولالايدۇ.
2. سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاددىي شىفىر نىلا تولدۇرۇپ قويماي، پەرەز قىلىش تەس بولغان مەخپى شىفىرنى تاللاڭ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەر ۋاقىت مەخپى شىفرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇڭ .
3. ۋېرۇسقا قارشى يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلاڭ . ھەر كۈنى ئۇنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرۇڭ.
4. مەشغۇلات سېستىيمىسىنى ۋاقىتىدا يىڭىلاپ تۇرۇڭ. يۇمشاق دىتال ئىشلەش شىركەتلىرى تارقاتقان تولۇقلىمىلارغا ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، ھەم ۋاختىدا قاچىلاپ ئىشلىتىڭ .
5. تور كۆزنىكىدە خاككىر لارنىڭ يەمچۈگى كۆرۈنگەندە سەگەك بولۇڭ . ئىلخەت ئاپتۇماتىك ئىختىدارىنى ئىتىۋىتىڭ.
6. مۇھىم ماتىريال يوللىغاندا مەخپى شىفىر لىق يۇمشاق دىتال ئىشلىتىڭ . ھەم مەخپى شىفىر لىق يۇمشاق دىتال ئارقىلىق قاتتىق دىسكىڭىزدىكى سىپىر لارنى قوغداڭ
7. بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ جاسۇسلۇققا قارشى يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىتىڭ ھەم دائىم ئۇنىڭ نورمال ئىجرا بولۇشىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ.
8. ۋىرۇستىن مۇداپىيە توسىقىنى ئىشلىتىڭ ھەم ئۇنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇڭ، باشقا كومپىيۇتېر ، تور ۋە تور ئادىرىسىنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزغا ئۇلىنىشىنى توسۇڭ، قانداق پىرۇ گىراممىلارنىڭ تورغا ئاپتۇماتىك ئۇلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ قويۇڭ .
9. بارلىق ئىشلەتمەيدىغان سېستىيما مۇلازىمەتلىرىنى ئىتىۋىتىڭ ، بولۇپمۇ RealVNC . RemoteDesktop يىراقتىن كومپىيۇتېر كونتىرول قىلالايدىغان مۇلازىمەتلەرنى ئىتىۋىتىڭ .
10 . سىمسىز ئۇلانمىىنىڭ بىخەتەر لىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ. ئۆيدە سىمسىز ئۇلانمىنى ئىشلەتكەندە WPA ۋە ئاز دىگەندىمۇ 20 خانىلىق بولغان مەخپى شىفىرنى ئىشلىتىڭ ، لەپتوپ كومپىيۇتېرىڭىزنى ياخشى تەڭشەڭ . WPA نى ئىشلەتمىگەندە ھەرقانداق تورغا كىرمەڭ . دۈشمەنلىككە تولغان ئىنتېرنېت تورى دۇنياسىدا ئۆزنى قوغداش ھەقىقەتەن ئوڭاي ئىش ئەمەس. يەرشارىنىڭ مەلۇم بىر بۇرجىكىدە، بىر ياكى بىر قىسىم ئەخلاق دىگەننى زادىلا بىلمەيدىغان كىشىلەر، ھەر ۋاقىت سېستىيمىڭىز دىكى بوشلۇقلارنى تىڭ-تىڭلاپ تۇرىدۇ ، ھەم شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مۇھىم مەخپىيەتلىكىڭىزنى ئوغۇرلىۋالىدۇ. سىزنىڭ بۇ تور تاجاۋۇز چىلىرىنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . )
|
|