- جۇغلانما
- 275
UID1151
تىزىملاتقان2011-4-27
ئاخىرقى قېتىم2015-2-16
توردا22 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 275
- ئاقچا
- 0
|
رەھمەت ئالىپ ئەپەندىم، كۆپ قېتىم مۇشۇ توغرىلىق ياردەم سوراپ بىلىك ، ئىنتىل قاتارلىق تور بەتلەردە ئىنكاس قىلىپ ، قانداق قىلىپ ۋىندوۋس 7 نىڭ خېتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ھەققىدە تولا ياردەم سوراپ ، يا ئۆزەم قىلالماي، بەك ئىچىم پۇشقان ئىدى،
بۇرۇن ئۇيغۇرچە WinXP ئىشلەتكەن چېغىمدا سىز ئۆزىڭىز ياسىغان ئۇيغۇر ئېكران ناملىق چېكتلىك خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە WinXP ئاساسى فونت قىلىپ ئىشلىتىدىغان UKIJ تۈز توم خەت نوسخىسىنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن ئىدىڭىز، ئاندىن مەن DOS ھالىتىدە تۇرۇپ سىز ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ بەرگەن UKIJ تۈز توم ( ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېكران ) فونتىنى ئەسلىىدىكى UKIJ تۈز توم فونتنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ، ئاندىن قايتا قوزغاتسام، ئۇيغۇرچە WinXP نىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىرى شۇنداق گۈزەللىشىپ كەتكەن ئىدى، ئۇيغۇر ئېكران فونتى چېكىتلىك فونت بولغانلىغى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر ئېكران فونتى ئاساسى فونت بولغاندىن كىين ئۇيغۇرچە خەتلەر ، ئاجايىپ سۈزۈك، كۆركەم بولغان..
كىين ۋىندوۋس7 قاچىلاپ ھەپتە ئىشلىتپ بېقىپلا ۋىندوۋس XP گە قەتئى كۆنەلمەي، ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە خېتى سەت چىقىۋالسىمۇ ۋىندوۋس7 ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم، ئۇيغۇرچە نورمال ھالەتتىكى گوگۇل ئىزدىگۈچنىڭ راھېتىگە گەپ كەتمىەيدۇ. ئەمما ئاخشام سىز قالدۇرغان بۇ تېما ئارقىلىق ۋىندوۋس7 نىڭ خېتىنى گۈزەللەشتۈرۈپ بولۇپ بىرىنجى بولۇپ تورغا ئۇلاپ ئۇيغۇرچە گوگۇلنىڭ باش بېتىگە كىرىپ باقسام خەتلەر ئەرەبچىدەك چىقىۋالغان ئىدى، ئاخشام كەچ بولۇپ كېتىپ بۈگۈن كۈندۈزدە بۇ ھەقتە سىزدىن مەسلىھەت سوراي دەپ كىرسەم ، باشقا تورداشلار سوراپ ، بۇ مەسىلە ھەل بوپتۇ. ( تېخى سىناپ باقمدىم )
ئاخىردا سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم ، سىز قالدۇرغان ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ukij tuz tom فونتى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئېكران فونتدەك چېكىتلىك فونتمۇ ئەمەسمۇ ؟
ئاخشام بۇ تېما بويچە قىلغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە خەتلەر راست ناھايتى چىرايلىق چىقتى، ئەمما يەنىلا ئىنكاسىمنىڭ ئۈستىدە دىگەندەك ئۇيغۇرئېكران فونتى ئاساسى فونت قىلىنغان ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس XP دىكىدەك ئەمەس،
شۇڭا مومكىن بولسا مۇشۇ تېمىدىكى ئۇسۇلدا ، ukij tuz tom فونتىنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئېكران فونتىنى ئالماشتۇرۇپ تەمنلىسىڭز قانداق،
ياقتۇرغانلار تاللاپ ئىشلەتسە،
نەچچە ئايلار بۇرۇنغۇ دەيمەن ، شۇ ئۇيغۇر ئېكران فونتىنىمۇ ، يا باشقا فونتمۇ ئىشقىلىپ بىر فونتنى چوڭراق رەزمىدىكى ھالىتىنىمۇ چېكىتلىك قىلىپ ياساۋاتقانلىغىڭىزنى دىگەن ئىدىڭىز ، ئۇيغۇر ئېكراننىڭ ( 9 - 12 ) گىچىغۇ دەيمەن، بۇ فونت پۈتتىمۇ ؟ ئەڭ چوڭ چېكىتلىك ھالىتى قانچە ؟ توردا تەمىنلەمسىز ؟ ئەگەر پۈتۈپ تەمىنلىگەن بولسىڭىز چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرسىڭىز،
فونت ساھەسىدىكى نورغۇن قىيىنچىلىقلىرىمىز سىزنىڭ خالىس تىرىشچانلىقىڭىز نەتىجىسدە ھەل بولىۋاتىدۇ، سىزگە رەھمەت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mohsin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-27 16:42
|
|