- جۇغلانما
- 58
UID1103
تىزىملاتقان2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم2014-7-19
توردا6 سائەت
تىرىشچان ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 58
- ئاقچا
- 1
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،قانداق ئەھۋالىڭلار؟
بىر ئويۇم بار ئىدى، سىلەر قانداق قارايسىلەركى ، بىرلىكتە مۇزكىرە قىلىشىپ باقساق.
ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تۈرك تىلى ئۆگىنىشكە كۈندىن كۈنگە قىزىقىۋاتىدۇ، يەنە كىلىپ تۈرك تىلىدا خېلى ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى بار. ئەمما ئۇيغۇرچە بىر سېستىمىلىق تۈرۈكچە ئۇيغۇرچە دەرىسلىك يوق، بۇ تۇرۇپ تۇرسۇن. ئەڭ مۇھىمى بىر ئەپچىل، قوللىنىشچان تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت يۇمشاق دىتالىق يوق، شۇڭا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، بىز بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، بىر لۇغەت تۈزۈپ چىقساق، تېخنىكىسى بارلار تېخنىكا، ۋاقتى بارلار ۋاقىت چىقىرىپ،مۇشۇنداق بىر دىتالنى تۈچۈپ چىقساق.ھەم باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەتتۇق،ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئاخىرىتى ئۈچۈن مەبلەق سالاتتۇق.
لۇغەتنىڭ سۆزلۈكلىرىنى تۈركچە ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت دىگەن كىتابنى ئاساس قىلىنسا،بۇ لۇغەت مۆمىن ئابدۇللا تەرەپتىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، جەمى 1074بەت. سۆزلۈكلىرى مول. سىلەر ئاۋۋال بىر بۆلىكىنى كۆرۈپ باقساڭلار.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:http://ishare.iask.sina.com.cn/f/14574849.html
لۇغەرنىڭ ئىقتىدارلىرى مۇنداق بولسا:
لۇغەت سۆزلۈك ئامبىرىنى يېڭىلىغىلى بولسا، بىرنەچچە ئامبارنى بىرگە ئەكىلىپ سۆزلۈكلىرىنى قوشقىلى بولسا،شۇنداق بولغاندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەمگىكىنى بىر يەرگە توپلىغىلى بولىدۇ، ھەم قولايلىق بۇلىدۇ.
قالغىنىنى ماۋۇ «Portable LingvoSoft Dictionary 2007 English-Turkish-English«دىگەن لۇغەتتىن ئازتولا ئىلھام ئالساق،

مىنىڭ تېخنىكام يوق، ئەمما ئىنشائاللا ئازتولا ۋاقتىم بار، قېرىنداشلار پىكىر بېرىپ باقسا، كىملەر قوشۇلۇشنى خالايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا komutan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-25 16:51
|
|