|
Skype بولسا QQ, MSN Messenger غا ئوخشاش تور ئالاقە يۇمشاق دېتالى. ئۇيغۇرچە بىۋاستە كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ. باشقا ئالاقە يۇمشاق دېتالىغا قارىغاندا بىخەتەرلىكى ئالاھىدە يوقىرى. يەنى، سىزنىڭ دوستىڭىز بىلەن سۆزلەشكەن سۆزلىرىڭىزنى باشقا ئالاقە دېتاللىرىغا ئوخشاش ئوغىرلىقچە كۆرەلمەيدۇ. گەرچە بىز قانۇن يول قويغان دائىردە نورمال ئالاقە قىلساقمۇ، سۆزلىرىمىزنى 3-تەرەپنىڭ كۆرۈشىنى خالىمايمىز. بۇ جەھەتتە Skype ياخشى تاللاش بولالايدىكەن. (توردىكى سۆز ۋە باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلار چەكتىپ ئېشىپ كەتسە، تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ بولسا، Skype ۋە باشقا ھەر قانداق يۇمشاق دېتالدىكى سۆزلىرىڭىلارنى ھۆكۈمەت تەرەپ نازارەت قىلالايدۇ)
ئۇنىڭدىن باشقا Skype دا ئاۋازلىق ۋە ۋىدېئولۇق سۆزلەشكەندىكى ئاۋاز، ۋىدېئو سۈپىتى بەك ياخشى ئىكەن.
پۇل تۆلىسە ئەڭ تۆۋەن باھا بىلەن خەلقئارالىق ئوزۇن يوللۇق تېلېفون قىلغىلىمۇ بولىدىكەن.
يەنە MSN Messenger دىكى ئالاقەداشلىرىمىزنى Skype غا ئاسانلا كىرگۈزگىلى بولىدىكەن.
م.ئەردەم، قۇربانجان، ئابدۇرېيىملار Skype نىڭ 4-نەشىرىگىچە لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئۇيغۇرچە قىلىپتىكەن. (تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بۇ ئۈچەيلەنگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز) %70 سۆزلۈكىنى شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ Skype 5.3 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى تەييارلاپ چىقتىم.
لاتىن ھەرىپلىردىكى ئۇيغۇرچىسىدا مەسىج، بروۋسېر، SMS، پروفىل، فولدېر، ئىمپورتلاش.... دېگەندەك ئېنگىلىزچە پېتى ئىشلەتكەن سۆزلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدىم.
Skype كومپىيۇتېر نۇسخىسنى ئىگە تەرەپتىن چۈشۈرۈش ئادېرسى:
http://www.skype.com/go/getskype
Skype نىڭ ئاندرويد نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادېرسى
http://skype.tom.com/download/newandroid/
Skype نىڭ iphone نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادېرسى
http://skype.tom.com/download/iphone/
Skype 5.3 ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش
skype uyghur.lang
(101.06 KB, چۈشۈرۈش سانى: 18275)
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|