|
ئىشخانىغا سەپلەپ بىرىلگەن كومپىيۇتىرغاAti 5450نىڭ 512مىگالىق كۆرسىتىش كارتىسى سەپلەنگەن ئىدى ، 2كۇننىڭ ئالدىدا ئىكران ئۆچۇۋالىدىغان بولىۋىلىپ ئادەم تەكلىپ قىلىپ كۆرسەتسەم كورسىتىش كارتىسى بۇزۇلۇپتۇ دەپ 影驰 210h512 七彩虹5450h512كارتا بار دەيدۇ،بۇ ئىككىسى ئەخلەت كارتا تۇرسا باشقىسى يوقمۇ دىسەم يوق دىدى بوپتۇلا بۇرۇنقىسىمۇ 5450ئەمەسمىدى دەپ 七彩虹5450 h512نى تاللىدىم (بۇكارتىلار ھەقىقى 512لىك ئەمەس ئالدىدىكى ھەرىپتىن بىلىۋىلىشقا بولىدۇ)كارتىنى سىلىپ بىرىپ كىتىپ قالدى ئۆزۇم قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى يىڭىلاپ كۆزنەك يەتتىگە نۇمۇر قويدۇرۇپ كۆرۇپ چۇچۇپ كەتتىم .(كونىسىدا aero 5.7نۇمۇر 3d 6.3نۇمۇر ئىدى ) 3d 4.7نۇمۇر aero بولسا 2.0نۇمۇرغا ئىرىشپتۇ بۇنىڭغا ئىشەنمەي قايتا نۇمۇر قويسام يەنە ئوخشاش، تەپسىلى كۆرۇپ باقسام سىغىمى 128مىگا ،چاستوتىسى 600، يادروسىنىڭ خىزمەت چاستوتىسى 300 ھىرتىس تۇرىدۇ.دەرھال توردىن چاستوتىسىنى يۇقۇرى كۆتۇرىدىغان دىتالنى قاچىلاپ (قوزغىتىش پىروگىراممىسى بار پىلاستىنكىدا بار)يادرونىڭ چاستوتىسىنى 400گە كۆتۇرۇپ قارىسام مىنۇت ئۆتمەي ئىكران چاپاق بولدى شۇنىڭ بىلەن تىلفۇندا سۇرەتكە تارتىۋىلىپ ، رىمىنۇتچىنى چاقىردىم ،كارتاڭدا سۇپەت مەسىلىسى باركەن دەپ دۇكىنىغا بىرىپ 影驰610 نىڭ 2گىگالىقىنى (شۇ دۇكان بويىچە ئەڭ ياخشى كارتا شۇكەن )ئەكىلىپ سالدۇردۇم .كۆڭلۇمدە يىقىنقى زاماننىڭ بولغاندىن كىيىن (610ئەخلەت دەرىجىدىكى كارتا بولسىمۇ 5450دىن ئازراق ياخشىدۇ دەپ ئۇيلىغان ئىدىم )دەپ نۇمۇر قويدۇرسام aero 4.5نۇمۇر 3d 6.2نۇمۇر ئالدى تەكشۇرسەم يادروسىنىڭ چاستوتىسى 270ھىرتىس سىغىمى ھەقىقەتەن 2گىگا سىغىم چاستوتىسى600ھىرتىس چىقتى(ھەقىقى نۇسقىدىكى 610 نىڭ 810ھىرتىس چىقىشى كىرەك ئىدى) .
مەن تولا خىزمەتداشلىرىمغا كومپىيۇتىر قوراشتۇرۇپ بىرىمەن ئۇلارنىڭ نەچچە گىگالىق كارتا دىگەنلىرىنى رەدىيە بىرىپ بولالماي قالاتتىم . تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم كۆرسىتىش سىغىمى ھىچنىمىنى بەلگۇلىمەيدۇ.كورسىتىش كارتىسى سىتىۋالغاندا سەل قىممەت بولسىمۇ ياخشىراق ماركا ياخشىراق تىپ (باياتتىن تىلغا ئىلىنغان كارتىلار 64بىتلىق تۆۋەن دەرىجىدىكى كارتىلاردۇر)،ياخشىراق كورسىتىش سىغىمى يەنى ھازىر ياخشىراق ھىساپلىنىدىغىنى بەشىنچى ئەۋلات (256بىتلىق قىممەت كورسىڭىز بولمىغاندىمۇ 128بىتلىق )كارتىلارنى سىتىۋىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. 64بىتلىق كارتىلاردىن يىڭىدىن چىققان كورسىتىش كارتىسى سىپىيۇغا بىرىكتۇرۇلگەنلىرىمۇ ياخشى چىقىدۇ. |
|