|
يۇمشاق دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن خەت نۇسخىسنى تەڭشەش باش ئاغرىتىدىغان مەسىللەرنىڭ بىرى. خەت نۇسخسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىسە ئۇيغۇرچە خەت سەت ھەم كىچىك كۆرۈندۇ. بەزىدە تېخى ھېچنىمە كۆرۈنمەي سىزىقسىمان، كاتەكسىمان بەلگىلەر كۆرۈندۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
Windows XP دا بۇ مەسلىنى ماۋۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلغان ئىدۇق.
Windows7 دە ئۇ ئۇسۇل ئاقمايدىكەن. يەنى سىستېما خەت نۇسخسىنى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولمايدىكەن. شۇنداقلا سىستېما خەت نۇسخىسنى ئۆزگەرتىۋېتىش توغرا ئۇسۇل ئەمەس. مەن ئىزدىنىپ يۈرۈپ بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپتىم.
مەن ئالدىنقى قېتىم تونۇشتۇرغان Sisulizer دا يۇمشاق دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خەت نۇسخىسنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن.
Sisulizer نى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇسۇلنى ماۋۇ تېمىدىن ۋە ماۋۇ تېمىدىن كۆرۈڭ.
Sisulizer ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ بولغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىڭىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان دېتالنىڭ خەت نۇسخىسنى خالىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا توغىرلىيالايسىز.
نورمال ئەھۋالدا Sisulizer دا خەت نۇسخىسنى ئۆزگەرتىدىغان يەر كۆرۈنمەيدۇ. Sisulizer نىڭ تىزىملىكدىن 编辑源<-工程 -> مەنبە ھۆججەتنى بېسىڭ. بۇ چاغدا Windows 二进制源 رامكىسى ئېچىلدۇ، 排除类型 بەتكۈچىدىكى 字体 نىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسنى ئېلىۋېتىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
جەزملەشنى بېسىپ Sisulizer نىڭ ئاساسى كۆزنىكىگە قايتىپ چىقساق خەت نۇسخىسنى ئۆزگەرتىدىغان يەر كۆرۈندۇ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
ئەمدى ھەر قايسى كۆزنەكلەرنىڭ خەت نۇسخىسنى خالىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسىغا ئۆزگەرتىۋالساق بولىدۇ. بۇنداقتا ھەر بىر كۆزنەكنى ئايرىم-ئايرىم ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىكەن. ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان دېتالنىڭ ھەممە يېرىنىڭ خەت نۇسخىسنى بىراقلا ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكىدەك قىلىڭ.
ئالدىنقى باسقۇچتىكى Windows 二进制源 رامكىسى ئېچىلغان ۋاقىتتا 字体 بەتكۈچىنى بېسىپ 改变字体 تۆۋەنگە تارتىلغان تىزىملىكىدىن 总是 نى تاللايمىز. ئاندىن 被使用的字体 رامكىسىدىكى «تەھرىرلەش» نى بېسىپ، بىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسى خەت چوڭلۇقىغا توغىرلاپ قويساق بولىدۇ. مەسلەن: Ukij Tuz Tom . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
جەزملەشتۈرۈپ، ئاساسى كۆزنەككە قايتىپ چىقىپ، F6 نى بېسىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان قۇرلۇش ھۆججىتنى ھاسىللاپ، ھاسىللىغاننى ئىجرا قىلدۇرۇپ كۆرۈپ باقايلى، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان دېتالنىڭ خەتلىرى بىز تەڭشەپ قويغان Ukij Tuz Tom نۇسخسىدا كۆرۈندۇ. يەنى تۆۋەندىكى رەسىملەردىكىدەك
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|