ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 772 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 7688|ئىنكاس: 54

[دەرسلىك] Huawei C8825D نىڭ قولۇپىنى ئېچىش،Recovery قاچىلاش،Rom يىڭىلاش، (تۈزىتىلدى).

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

9

دوست

1939

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
440
توردا
705 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 17:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cj038 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-24 19:20  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىپ تورىدىكى كەڭ تورداشلار .... ھەممىڭلارغا كەمىنە دىن ئوتلۇق سالام .....!
نەق گەپكە كەلسەم ، يىڭىدىن Huawei C8825D تىلفوندىن بىرنى ئالغانتىم . تىلفۇنۇمغا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى . سىلەرگە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تەگسە دىگەن ئۈمىدتە ئۈشبۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .....
ئالدىنقى قىتىمقى يىتەرسىزلىكلەرنى نەزەردە تۇتۇپ قايتىدىن تولۇقلاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى ؛

ئۇيغۇرچە خەتنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىكى ھەمدە ئەخلەت دىتاللاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ۋەيەنە بەزى دىتاللارنىڭ ئۆزلىكىدىن قوزغىلىۋېلىشى سەۋەپلىك Root ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز .شۇڭا Huawei C8825D تىلفۇنىغا Root ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرىمىز........

ئالدى بىلەن يانفۇننى كومپىيۇتېرغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن قوزغاتقۇچى لازىم بولىدۇ ... ئۇنداق بولسا قوزغاتقۇچ ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.......

بۇ تىلفۇننىڭ ئالغان ۋاقىتتىن باشلاپ 1يىللىق سۈپەتكە كاپالەت قىلىش كىلىشىمى بولىدۇ (شۇنداققۇ) . ئەگەر سىز ئورگان تورىدىن قولۇپ ئېچىش نۇمۇرى ئېلتىماس قىلماي تۇرۇپلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا Root ھوقوقىغا ئېرىشكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى . چۈنكى ، ئەگەر تىلفۇنىڭىزدىن بىرەر كاشىلا كۆرۈلسە Root ھوقوقىنى چىقىرىۋېتىپلا ئاپارسىڭىز بولىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ ؟
(لىكىن تولا ھاللاردا قۇلۇپ ئاچماي تۇرۇپ مەشغۇلات قىلسىڭىز مەغلۇپ بولۇشىڭىز مومكىن).......

1 _ باسقۇچ ؛ قولۇپ ئېچىش نۇمۇرى ئېلتىماس قىلىش .
   ئالدى بىلەن ئورگان تورىغا كىرىپ قولۇپ ئېچىش نۇمۇرى ئېلتىماس قىلىسىز  .
نۇمۇر ئېلتىماش قىلىش ئادىرسى
001.jpg
kayni kap.png

تىلفۇنىڭىزنىڭ كەينى قىپىنى ئېچىپ ماس ئورۇنغا سان _ سېفىر لارنى تولدۇرىسىز .( بىلەلمىسىڭىز تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ 1_ قىسىم )   
(سان ۋە ھەرىپلەرنى كىرگۈزگەندە ،ھەرىپلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە دىققەت قىلىڭ . بولمىسا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالىدۇ) .

2_ باسقۇچ ؛ كەلگەن نۇمۇرئارقىلىق قۇلۇپنى ئېچىش .
قولۇپ ئېچىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن ، 24 سائەتتىن 72 سائەتكىچە سىزگە ( ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا) قولۇپ ئېچىش نۇمۇرى ئەۋەتىدۇ
001.png


ئاندىن قولۇپ ئېچىش دىتالى ئارقىلىق قولۇپنى ئاچىمىز
بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ؛
002.jpg

ئالدى بىلەن تىلفۇننى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ تونۇتىۋالىمىز .
ئاندىن تىلفۇننى ئۆچۈرۈپ ، باتارىيەنى بىر قىتىم چىقىرىۋىتىپ . ئاندىن تىلفۇننىڭ ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسى بىلەن قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى 10سىكونت ئەتراپىدا بىسىپ تۇرىمىز. بۇۋاقىتتا تىلفۇن قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ(يەنى  Fast boot قا كىرىش ھالىتى) .
ئاندىن كومپيۇتېرغا چاتىمىز . قولۇپ ئېچىش دىتالىنى قوزغاتقاندىن كىيىن تىلفۇن كومپيۇتېرغا نورمال ئۇلانغان بولسا ، كۆزنەكتە (Okay) ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ . ئاندىن كىيىن بايىقى 16 خانىلىق قۇلۇپ ئېچىش نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ ، مۇقىملىۋەتسەكلا كۇپايە . تىلفۇنىڭىز Fast boot قا كىرىپ ،قۇلۇپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر چىقىدۇ (OK) دەپ ( بەزى تىلفۇنلاردا چىقماسلىقىمۇ مومكىن) .

3_ باسقۇچ ؛ Recovery قاچىلاش .
خەنچە نۇسخىدىكى Recovery نى
بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ؛ ئاساسىي جەھەتتىن قولۇپ ئېچىش دىتالىغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ . مەزكۇر كۆزنەكتە Rec يېزىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى ، دەپ ئۇچۇر چىقىدۇ .

4 _ باسقۇچ ؛ Root ھوقوقى ئېلىش ؛

بىرىنچى خىل ئۇسۇل ؛ Rootلانغان  Rom بولىقىنى Recovery ئارقىلىق يازىمىز . .

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل ؛ئالدى بىلەنبۇ Root ھۆججىتىنى Sd كارتىغا كۆچۈرۈپ (ZIPھۆججەت ھالىتىدە) ، (Wipe ئىجرا قىلدۇرمايمىز) . ئاندىن    Sd كارتىغا كۆچۈرۈۋالغان بايىقى ھۆججەتنى  Recovery غا كىرىپ  (Rom يازغاندەك )ئىجرا قىلدۇرىۋەتسەكلا بولىدۇ ......

ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل ؛
ئەگەريازماقچى بولغان  rom دا  Root ھوقوقى بولمىسا ،سېستىما بولىقىنى Winrar دا ئېچىپ  يۇقىرىدىكى ھۆججەتنى  قاپلىۋېتىپ سېستىما يازسىڭىز  Root ھوقوقى بىللە ئېچىلىدۇ ....يەنى مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىدەك .......
zip003.png


5 _ باسقۇچ ؛ Rom يىڭىلاش ؛

ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن سېستىما بولىقىنى قاچىلاش ؛
ئەڭ ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغىنىمىز ئەڭ مۇقىم ئىشلەيدىغان سۈرئىتى تېز بولغان سېستىما . شۇنداق بولغاچقا ئورگان تور بېتىگە كىرىپ باقمايلىمۇ ؟
100.png

organ 02.png

قاراپ باقساق 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى يىڭىلانغان B947 سېستىما بولىقى بار ئىكەن . بۇنى چۈشۈرسىڭىز بولاق ئىچىدە قاچىلاش قەدەم- تەرتىپلېرى تۇنۇشتۇرۇلغان pdf شەكىلدىكى ھۆججەت بار شۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر يەنىلا بىلەلمەي خاتا مەشغۇلات قىلىپ قويۇشتىن قورقسىڭىز ئەمىسە سىزگە مەشغۇلات تەرتىپىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي ؛
بىرىنچى خىل ئۇسۇل :تىلىفۇن ئېتىك ھالەتتە سېستىما يىڭىلاش (بۇئۇسۇل ئارقىلىق كىسەك بولغان تىلفۇننى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز) ...
1_ قەدەمدە:  1GB دىن چوڭ بولغان Sd كارتا بولۇشى كېرەك ، ھەمدە يۇقىرىدىكى ئادرېستىن چۈشۈرگەن بولاق ئىچىدىكى dload ھۆججەت قىسقۇچىنى Sd كارتىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قويىسىز .
2_قەدەمدە : dload ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ ئىچىدە چوقۇم700نەچچە مىگابايت چوڭلۇقتىكى UPDATE.APP ھۆججىتى بولۇشى كېرەك .
3_قەدەمدە : تىلفۇننى ئېتىۋىتىمىز (ئۆچۈرىمىز) ، باتارىيەنى بىرقىتىم چىقىرىپ قايتا سالغاندىن كىيىن ، ئاۋاز يوقۇرىلىتىش كۇنۇپكىسى، ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسى ھەمدە ئۈزچات كۇنۇپكىسىنى (3 كۇنۇپكىنى) تەڭلا باسىمىز .
مەشغۇلاتىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسا تۆۋەندىكىدەك جەريانلار بولىدۇ......
update.jpg


ئىككىنچى خىل ئۇسۇل : نورمال ھالەتتە مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە سېستىما يىڭىلاش .
1_ قەدەمدە:  1GB دىن چوڭ بولغان Sd كارتا بولۇشى كېرەك ، ھەمدە يۇقىرىدىكى ئادرېستىن چۈشۈرگەن بولاق ئىچىدىكى dload ھۆججەت قىسقۇچىنى Sd كارتىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قويىسىز .
2_قەدەمدە : dload ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ ئىچىدە چوقۇم700نەچچە مىگابايت چوڭلۇقتىكى UPDATE.APP ھۆججىتى بولۇشى كېرەك .
2_قەدەمدە : تۆۋەندىكى مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ يەنى ئالدى بىلەن تەڭشەك设置- ئۇنىڭدىن (ساقلاش)存储 - دىتال يىڭىلاش软件升级-  سىغىم كارتىسىدىن يىڭىلاشSD卡升级- (ھۆججىتلېرىڭىزنى زاپاسلىۋالامسىز ؟) - يىڭىلاش升级.......
004.png

005.png



خەن ئۇستاملار قايەردىن تاپتىكىن بىلمىدىم ئەڭ يىڭى يىڭىلاش بوغچىسىنى تەمىنلەپتۇ . ئادرېسىنى سىلەرگە قالدۇراي
بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ.....

5 _ باسقۇچ ؛ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلاش .
Root ئېلىپ بولغان بولسىڭىز ،
بو تېمىدىكى كۆرسەتمە بويىچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلىۋەتسىڭىز ئۇيغۇرچە ناھايىتى نورمال ھالەتكە كىلىدۇ ....

ئالىپ تورىدىكى مەردان ئەپەندىم باشچىلىقىدىكى چاقماق گۇرۇپپىسى ، بۇ تىلفۇننىڭ  B943  سېستىما بولىقىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى .
چاقماق خۇاۋېي C8825D نىڭ تەرجىمە رومى

ھەمدە تۆۋەندە Root ئېلىپ بولغان بىر قىسىم Rom لارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇراي :

Huawei C8825D نىڭ B943  سېستىما بولىقى ؛
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=198211&uk=2502858184
تىلفۇن بىلەن ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق چۈشۈرۈش   手机二维码  ؛
C8825D B943 Rom 手机二维码.zip (1.02 KB, چۈشۈرۈش سانى: 215)
سېستىما كۆرۈنۈشلېرى ؛

20121231144549605.png

20121231144550824.png

20121231144550348.png

20121231144550583.png


كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىسى بىلەن تورغا چىقىشقا بولىدىغان يىنىك بولغان B947 سېستىما بولىقى  ؛
ئاندرويد نەشرى: 4.0.4
سېغىمى :190 MB
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=198367&uk=2502858184
تىلفۇن بىلەن ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق چۈشۈرۈش   手机二维码  ؛
C8825D B947 Rom 手机二维码.zip (1.02 KB, چۈشۈرۈش سانى: 186)
سېستىما كۆرۈنۈشلېرى ؛
20121231143158128.png

20121231143159516.png

20121231143159649.png

2012123114320571.png


دوستلېرىمىز ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان سېستىمىلاردىن MIUI سېستىما بولىقى ؛
ئاندرويد نەشرى: 4.0.4
سېغىمى : 184 MB
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=274122&uk=4129931747
تىلفۇن بىلەن ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق چۈشۈرۈش   手机二维码  ؛
C8825D MIUI ROM 手机二维码.zip (1.02 KB, چۈشۈرۈش سانى: 103)
سېستىما كۆرۈنۈشلېرى ؛
20131315727805.png

20131315728744.png

20131315730308.png

20131315730589.png

20131315730659.png

20131315729107.png



يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرنىڭ تولىسىنى مەن ئالىپ تورىدىكى ئۇستازلارنىڭ ،قېرىنداشلېرىمنىڭ  ياردىمىدە ئۆگەنگەن ...
خاتا كەتكەن جايلار بولسا كەچۈرىۋېتەرسىلەر .
تېمامنىڭ ئاخىرىدا  ھەممىڭلارغا سالامەتلىك ۋە ئامەت تىلەيمەن ..........

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-22 20:33):
لازىملىق دىتاللارنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ؛
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=367229&uk=2502858184
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
Tě→TěMAy3 + 5 ياخشى يازما

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 5   باھا خاتىرىسى

ئەقىل كۆركى تىلدۇر،بۇتىل كۆركى سۆز،
كىشى كۆركى يۈزدۇر

16

تېما

9

دوست

1939

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
440
توردا
705 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 17:50:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cj038 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 19:42  

قېپقالغان مەزمونلارنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن كىرىسلودا ئولتۇرۇپ تۇراي.........


تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-22 20:38):
تەھرىرلەشكە بولمىغانلىقى ئۈچۈن لازىملىق دىتاللارنىڭ ئادرېسى تۇلۇقلاپ قويۇلدى ....
ئەقىل كۆركى تىلدۇر،بۇتىل كۆركى سۆز،
كىشى كۆركى يۈزدۇر

12

تېما

5

دوست

1816

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
95
توردا
1274 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 19:20:54 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رومدىنمۇ ياخشى روم باغۇ خۇئاۋىي شىركىتىنىڭ ئادەملىرى ئىشلىگەن روم

باھا سۆز

cj038  ئەمىسە ئۇلىنىش ياكى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويمامسىز؟......  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 20:12

12

تېما

5

دوست

1816

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
95
توردا
1274 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 19:21:56 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەم قوش تورنى تاللاپ ئىشلەتكىلى بولدۇ

0

تېما

0

دوست

2126

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
618
توردا
786 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 19:58:45 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى قالدۇرۇپ قۇيۇپسىز

11

تېما

10

دوست

1597

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
74
جۇغلانما
277
توردا
716 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 21:15:04 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىڭىز تولمۇ تەپسىلى ۋە ئەتراپلىق بولوپتۇ.رەھمەت .مىنىڭچە سىزنىڭ بۇ تىمىڭىز نورغون دوسلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ماتىريال بولوپ قالغۇسى.

13

تېما

1

دوست

1135

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
215
توردا
527 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 21:22:23 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت. ياخشى بوپتۇ . ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپسىز.  

1

تېما

0

دوست

157

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
2
جۇغلانما
63
توردا
20 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 22:53:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەتراپلىق ھەم تولۇق بوپتۇ ، مەنمۇ نەچچە كۈن قېرىشىپ تۈنۈگۈن تېخى قۇلۇپ ئېچىپ ، روم قاچىلاپ ، ئۇيغۇرچىنى بىر ئوبدانلا تونىتىۋالغان ، كىرگۈزگۈچمۇ بەيدۇنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ...... بەك قولايلىق .
    بولسا خۇاۋېينىڭ 4.1 رومى (ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلغان)چىققان بولسا نىمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە ..........

1

تېما

0

دوست

53

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
16
توردا
3 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 23:26:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يىل سۈپەت كاپالىتى توشمىسا ئامال بار روتلىماي تۇرۇڭلار.
1357831335979.jpg

1

تېما

0

دوست

53

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
16
توردا
3 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 23:36:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈپەت كاپالىتىگە قارىتا پاراڭلاشقان باشقا خاتىرىلەرنى ئەتە ئىشخانىغا بارغاندا يوللاپ قوياي ،ئەسقېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-13 14:51 , Processed in 0.158732 second(s), 39 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش